ئىگىسى: تەڭرىتاغ

ئالماشقان بوۋاقلار ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
قەمبەرنىسا
تىللا
477
تۆھپە
73
UID
426
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 10:36:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 11:45:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى ...

   بىر شەنبە كۈنى سانىيە كۇرستىن چۈشۈپ ، ئۆز ئادىتى بويىچە سىنىپتا دەرس تەييارلاپ ئولتۇراتتى ، ئۇ كىتابقا شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتكەچكىمىكىن ، سىنىپتا ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق كىشىنىڭ قالمىغانلىقىنى سەزمەيلا قالدى ، بۇ ۋاقىت خېلى كەچ كىرىپ قالغان چاغ بولۇپ ، سىنىپ ئىچىدىكى چىراق ياندۇرۇلغانىدى ، توساتتىن چىراق ئۆچۈپ ، بىر قارا گەۋدە قولى بىلەن سانىيەنىڭ ئاغزىنى چىڭ قاماللىدى .
    سانىيەنىڭ يۈرىكى جىغ قىلىپ قالدى ، ئۇ دەرھال قوللىرى بىلەن بۇ بىر جۈپ كۈچلۈك قولنىڭ ئېسەنجىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇلقۇناتتى ، شۇنچە كۈچەپ ۋارقىرىسىمۇ ئاۋازى چىقمايۋاتاتتى . تۇيۇقسىز ھېلىقى بىر جۈپ قول سانىيەنى قويۇۋەتتى .
    -ھا ھا ھا ، قورقۇپ ئۆلۈپ بەرمەڭ مېنىڭ ئالدىمدا ، ھا ھا ھا ...
    سانىيە دەرھال كەينىگە قارىدى ، قاراڭغۇدا ئالدىدىكى ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمىگەنىدى .
    - چىراقنى ياق ، دېدى سانىيەنىڭ ئالدىدا تۇرغان قارا كۆلەڭگە .
    شۇ ھامان چىراق يېقىلدى ، چاچلىرىنى رەتلىك تارىغان ، ئاق يۈزلۈك ، ئۇچىسىغا قارا خۇرۇم چاپان كەيگەن سانىيە بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر ئوغۇل سانىيەنىڭ ئالدىدا ھىجىيىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە ئىككەيلەن قوللىرىنى قوشتۇرغىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى .  
    - سەن كىم ؟ نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن ؟ - دەپ ۋارقىرىدى سانىيە .
    - مەن كىم ؟ - ھېلىقى خۇرۇم چاپان ئارقىسىدىكىلەرگە سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىمغۇ ؟ - ھا ھا ھا ...
    ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئىككەيلەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلۈشكە باشلىدى .
    سانىيە بۇلار بىلەن گەپ تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلىپ ، كىتاب - دەپتەرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ، سىرتقا قاراپ ماڭدى .
    - بېرىپ ئالدىنى توسامدۇق ؟ - دېدى ھېلىقى خۇرۇم چاپاننىڭ كەينىدە تۇرغان بىرەيلەن ...
    - ياق ، بولدى ، بەك ئۈركىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ ، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك بولسۇن ...
   سانىيە قەدىمىنى ئىتتىكلىتىپ يۈگۈرگىنىچە سىرتقا چىقتى ، ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق باسقان بولۇپ ، كوچا چىراقلىرى يولنى يورۇتۇپ تۇراتتى ، ئۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئالدىدىكى بېكەتتىن ئاپتوبۇسقا چىقىپ ، مەكتىپىگە قاراپ ماڭدى . گەرچە ئاپتوبۇسقا چىقىۋېلىپ كۆڭلى خېلى تىنغاندەك بولسىمۇ ، بىراق پۇت - قوللىرى ئىختىيارسىز تىتىرەيتتى ، خۇددى ھېلىقى خۇرۇم چاپان ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقاندەكلا تۇيۇلۇپ ، ئۇنى بىر خىل ئەندىشىگە سالاتتى ، خېلى تېز مېڭىۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ سۈرئىتىمۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاستا مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى ، ئاپتوبۇس ئاخىرى تىببىي ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئالدىدا توختىدى . سانىيە ئۇھ دېگىنىچە قەدەملىرىنى ئىتتىكلىتىپ ياتىقى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى ...
    ئەمدى گەپنى ھېلىقى خۇرۇم چاپاندىن ئاڭلايلى : بۇ خۇرۇم چاپانلىق يىگىتنىڭ ئىسمى غەيرەت بولۇپ ، ئۆزى ناھايىتى ئۇرۇشقاق بولغاچقا باشقىلار ئۇنى غەيرەت جودا دەپ ئاتايتتى ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدى ، بىراق دادىسى يول مېڭىپ يۈرۈپ ئۇنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا ئورۇنلاشتۇردى ، ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ، ئۇ ئۆزىنىڭ قانات - قۇيرۇقىنىڭ تېخىمۇ يىتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، ئويۇن - تاماشىغا بۆلەكچىلا بېرىلىپ كەتتى ، ھەتتا ئارقىسىغا بىر نەچچەيلەننى سېلىۋېلىپ ، كۆزىگە سىغمىغاننىڭ ئەدىپىنى بېرىپ ، چاتاق چىقىرىپلا يۈردى ، ساقچىخانىدىن بىر نەچچە قېتىم تۇتۇلغان بولسىمۇ يەنىلا شۇ ھېلىقى باشلىق دادىسى يول مېڭىپ يۈرۈپ ئۇنى ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىققانىدى .
    مەلۇم بىر شەنبە كۈنى غەيرەت جودا ئارقىسىغا ئىككەيلەننى سېلىپ مەكتەپ سىرتىدا تاماق يىدى ۋە مەكتەپكە قايتتى ، ئۈچىنچى دوختۇرخانا ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭ كۆزى تۇيۇقسىز كۇرسقا تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن ماڭغان سانىيەگە چۈشتى .
    - ھەي بالىلار قاراڭلار ، ئاۋۇ << تۇمۇچۇق >> قانداقراقكەن ؟
    - غەيرەت كۆزۈڭ مال تونۇيدۇ جۇمۇ .
    - سىلەرچە مەن بۇ << تۇمۇچۇق >> نى نەچچىلىك ۋاقىتتا كەلتۈرۈپ بولارمەن ؟
    - ئۈچ ئايدا .
    - ئۈچ ئاي ؟ سەن مېنى نىمە كۆرۈۋاتىسەن ؟ مۇشۇنچىلىك كىچىككىنە ئىشقا ئۈچ ئاي ۋاقىت كېتەمدا ؟ قاراپ تۇر ، بىر ئاينىڭ ئىچىدە كەلتۈرۈۋالىمەن ...
    ئۇلار شۇنداق دېيىشكىنىچە سانىيەنىڭ كەينىدىن مېڭىپ سانىيە ئوقۇۋاتقان كۇرسنىڭ ئورنىنى كۆرۈۋالدى ، ۋە بىر - بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ قويۇپ مەكتەپكە قايتتى .
    سانىيە كىچىكىدىنلا ناھايىتى ئوماق ، چىرايلىق ، ئەخلاقلىق قىز بولۇپ چوڭ بولدى . ئۇنىڭ گۈزەل چىرايى كۆرگەنلا كىشىنى جەلپ قىلاتتى ، مۇشۇ چاققىچە ئۇ نۇرغۇنلىغان ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋېلىپ مۇھەببەت تەكلىپى قويغان يىگىتلەرنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە قەدەم باسقان بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئوقۇش ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى .
    مەلۇم بىر شەنبە كۈنى غەيرەت ئىككى ئاغىنىسى بىلەن سانىيەنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ بېكەتتە سانىيەنى ساقلىدى ، ئالاھەزەل 15 مېنۇتلاردىن كېيىن 1 - يول ئاپتۇبۇسىدىن بىرى كېلىپ سانىيە ئاپتوبۇستىن چۈشتى ، غەيرەت ئۆزىنىڭ مۇشۇ تۇرقى بىلەن چوقۇم سانىيەنىڭ دىققىتىنى تارتىمەن دېگەن مەقسەتتە سانىيەنىڭ ئۆتەر يولىدا تۇرۇۋالدى ، بىراق سانىيە پۈتۈن ئەس خىيالى بىلەن ئىنگىلىزچە تېكىست يادلاپ ماڭغاچقا غەيرەتكە قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كەتتى ، بۇنى كۆرۈپ غەيرەتنىڭ ئاغىنىلىرى ئۇنى تازا مازاق قىلدى ، ئەزەلدىن بۇنداق ئۇياتچىلىققا قالمىغان غەيرەت جودا ئاچچىقىدا غەزەبتىن تىترەپ كەتتى ، سانىيەنىڭ ئارقىسىدىن يۈگىرەپ بېرىپ ئۇنى راسا بىر ئۇرغۇسى ، چوڭ كوچىغا چېچىدىن تارتىپ سۆرەپ ئاچىقىپ ، سەت گەپلەر بىلەن پۇخادىن چىققۇچە ھاقارەتلىگۈسى كەلدى ، لېكىن ئۇنداق قىلسا سانىيەنى كەلتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ نىيىتىدىن ياندى .
    غەيرەت جودا ئاغىنىلىرى بىلەن سانىيەنىڭ دەرستىن چۈشۈشىنى ساقلىدى ، دەرس توشۇپ باشقىلار بىر - بىرلەپ قايتىشقا باشلىغان بولسىمۇ سانىيەنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ ، سىنىپقا چىقتى ، سىنىپتا سانىيە يالغۇز ئۆگۈنۈش قىلىۋاتاتتى ، بۇنى كۆرگەن غەيرەت جودا بايىقى بولغان ئىشلارنى قايتىدىن ئەسلەپ سانىيەنى بىر چۆچۈتۈپ قويماقچى بولدى ۋە ئاغىنىلىرى بىلەن سانىيەنى قورقۇتۇش ئويۇنىنى ئويناپ چىققانىدى .
    سانىيە مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ يۈرىكى جايىغا چۈشمىدى ، كۆز ئالدىغا بايىقى ئىشلار كېلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ سانىيە ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا سانىيەگە نەسىھەت قىلىپ :
   - قىزىم ، ئاڭلىساق ئۈرۈمچىنى بەك قالايمىقان دەيدۇ ، شۇڭا سىرتلارغا چىققاندا بەكرەك دىققەت قىلىڭ ، بولسا دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە چىقىڭ ، مەكتەپكە بەك كەچ قالماڭ ... دەپ ئېيتقانىدى .
    سانىيە ئاتا - ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قاپ يۈرەكلىك قىلغانلىقىنى ئويلاپ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى ، ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۈرۈمچىمۇ سانىيەنىڭ يۇرتىدەك ، مەھەللىسىدىكى مەكتىپىدەك شۇنچىلىك خاتىرجەم ۋە تېنچ ئىدى ، سانىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا ھەمىشە سىنىپتا قېلىپ ئۆگىنىش قىلاتتى ، بەزىدە كەچ قالسىمۇ ھېچقانداق خەتەر چىقمايتتى ، چوڭلارمۇ سانىيەدىن ئەنسىرەپ كەتمەيتتى ، بىراق سانىيە بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ بەكرەك دىققەت قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆز يۇرتىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى .
    سانىيەنى يەنە قانداق ئىشلار كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ ؟ غەيرەت جودا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ ؟ يەنە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ ؟ داۋامى داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا بولغۇسى ...           


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 17:10:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى :
    سانىيە ئاتا - ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قاپ يۈرەكلىك قىلغانلىقىنى ئويلاپ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى ، ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۈرۈمچىمۇ سانىيەنىڭ يۇرتىدەك ، مەھەللىسىدىكى مەكتىپىدەك شۇنچىلىك خاتىرجەم ۋە تېنچ ئىدى ، سانىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا ھەمىشە سىنىپتا قېلىپ ئۆگىنىش قىلاتتى ، بەزىدە كەچ قالسىمۇ ھېچقانداق خەتەر چىقمايتتى ، چوڭلارمۇ سانىيەدىن ئەنسىرەپ كەتمەيتتى ، بىراق سانىيە بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ بەكرەك دىققەت قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆز يۇرتىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى .
    ئاشۇ شەنبىدىن باشلاپ سانىيە كۇرسقا بېرىپ كېلىشتە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدى ، ئۇ سىنىپىدىكى ماھىرە ، رەنالارنىڭمۇ ئۆزى بىلەن بىر كۇرستا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ لېكىن ئۇ قىزلارغا ئارىلىشىشنى تازا لايىق كۆرمىگەنىدى ئۇنىڭ ئۈستىگە ماھىرە بىلەن رەنانىڭ كۇرسقا رەسمىي ھالدا بىلىم ئۆگىنىش ۋە ياكى قىزىقىپلا قاتناشقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى ، بىراق شۇ ئىشتىن كېيىن ، سانىيە ئۇلار بىلەن بىللە بىرىپ ، بىللە قايتىدىغان بولدى . ئامال قانچە ؟ ئۇنىڭ بىلىمگە بولغان قىزىقىش ۋە ھەۋىسى ئۇنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغانىدى .
    بۇ ئىككى شەھەرلىك قىز سانىيەنىڭ نېمە مەقسەتتە ئۆزىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلەلمىگەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا سانىيەنى چەتكە قاقمىدى ، ئۇلار سانىيەنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا ھەۋەس قىلىشاتتى ، گەرچە ئىچ - ئىچىدىن ھەسەت قىلسىمۇ ، بىراق يەنىلا كاللىسىدا ئاللىقانداق مەقسەتلەرنى پۈكۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتى ، ئۇلار بۇ چىرايلىق قىزنىڭ ھامان ئەسقاتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى .
    ھېلىقى ئىش يۈز بېرىپ كېيىنكى ھەپتىسى بۇ ئۈچ قىز بىللە كۇرسقا ماڭدى ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كېلىپ توختىشىغا بۇ ئۈچ قىز خۇشال - خۇرام پاراڭلىشىپ ئاپتوبۇستىن چۈشتى ، توساتتىن سانىيەنىڭ كۆزى ئۇدۇلدىكى دوقمۇشتا تاماكا چېكىپ تۇرغان خۇرۇم چاپانغا چۈشتى ۋە يۈرەكلىرى ئەنسىز سوقۇپ كەتتى . سانىيە قىزلارنىڭ ھەمراھلىقىدا سىنىپقا كىرىپ كەتتى ، غەيرەت ئۇلارنىڭ سىنىپقا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالدىنقى ھەپتە بىللە سىنىپقا كىرگەن ئىككى ئاغىنىسىگە تېلېفۇن قىلدى .
    - تېز كېلىڭلار ، ھېلىقى << تۇمۇچۇق >> بۈگۈن ئۈچ بولۇپ كەپتۇ ، خېلى بولىدىغان نېمىلەركەن ، مۇمكىن بولسا بۈگۈن كەچتە ئەپلەيمىز ...
    غەيرەت تېلېفۇننى قويۇۋېتىپ ، بىر خىل يامان غەرەزدە كۇرس بىناسى تەرەپكە قاراپ قويدى . شۇ كۈنى سانىيەنىڭ كاللىسىغا دەرس چۈشمىدى ، ئۇنىڭ خىيالىغا ھېلىقى خۇرۇم چاپاننىڭ ھىجىيىپ تۇرغان ھالىتى كىرىۋالغانىدى ، ئۇ يەنە ئۆزىدىن ئەنسىرەپ قالدى ھەمدە تېزراق ياتاققا قايتىشنى ئويلايتتى ...
    قوڭغۇراقنىڭ چېلىنىش ئاۋازىدىن ئۇ چۆچۈپ ئەسلىگە كەلدى ، بۈگۈنلۈك دەرس ئاياغلاشقانىدى ، رەنا بىلەن ماھىرە نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى ، سانىيەمۇ تېزدىن كىتابلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۇلارغا ئەگەشتى . ئىككى قىز بولسا ھېچنىمىدىن بىخەۋەر ئۆز پارىڭى بىلەن مېڭىۋاتاتتى ، سانىيە بولسا ئۇياق - بۇياققا تەشۋىش بىلەن قارايتتى ، ئۇ قەيەردىندۇر بىر يەردىن ھېلىقى خۇرۇم چاپاننىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى ، ھە نېمە بولسا قىزلار ئوڭۇشلۇق ئاپتوبۇسقا چىقىۋالدى ، ئاپتوبۇستا ئادەم كۆپ بولۇپ ، بۇ ئۈچ قىز ئاپتوبۇسنىڭ كەينىدىرەك تۇردى ، سانىيەنىڭ يۈرىكى ھازىرغىچە جىددىي سوقۇشتىن توختىمىغان بولۇپ ، كاللىسىغا ھەر خىل خىياللار كېلىۋېلىپ باراتتى .
    تۇيۇقسىز سانىيەنىڭ قۇلىقىغا رەنا بىلەن ماھىرەنىڭ ئۆز ئارا پىچىرلاشقان ئاۋازى ئاڭلاندى :
   - ئاداش ، ئەجەپ كېلىشكەن بالىكەن ، قارىغىنە ...
   - ھەئە ، مۇھەببىتى بارمىدۇ ؟ ...
    سانىيە ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ئوڭ يېنىغا قارىدى ، دەل شۇچاغدا ئۇنىڭ كۆزى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ھېلىقى خۇرۇم چاپان بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ، سانىيە دەرھال كۆزىنى ئىتتىك قاچۇردى ، يۈرىكى قارت قىلىپ تېخىمۇ ئەنسىز سېلىشقا باشلىدى . ئۇ ھەقىقەتەن بەك قورقۇپ كەتكەنىدى . ئاپتوبۇس تىببىي ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى ، ئۈچ قىز ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ، مەكتەپ ئىچىگە قاراپ ماڭدى ، سانىيە ئالدىرايتتى ، لېكىن مەكتەپ دەرۋازىسى بىلەن ياتاقنىڭ ئارىلىقى خېلى بولغاچقا ئۆزى يالغۇز مېڭىشتىن قورقتى ، كەينىگە قاراشتىن تېخىمۇ قورقاتتى . شۇ چاغدا رەنا بىلەن ماھىرە پاراڭلاشتى .
    - ئاداش ، قارىغىنە ، ھېلىقى بالا كەينىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ .
    - ئۇ بالا مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇمدىغاندۇ ؟ مەن ھەجەپ كۆرمەپتىكەنمەن .
    - شۇنى دېمەمسەن ، مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولسا ماڭىلا قويۇپ بېرە بولدى .
    ئىككى قىز شۇنداق دېيىشكىنىچە قاقاھلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى ، سانىيە ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى . مۇشۇ يەرگىچە ئەگىشىپ كەپتۇدە ،- دەپ ئويلىدى ئۇ .
    غەيرەت جودا بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئاغىنىسى قىزلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەنىدى . تۇيۇقسىز يان تەرەپتىن بىرىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى :
    - ھوي جودا ، بۇياققا ئۆتۈپ قاپسەنغۇ ؟ - غەيرەت بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قارىدى .
   - ۋاي ۋۇي ، كىمكىن دەپتىمەن تېخى ، ساقالكەنسەنغۇ ؟ قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش ، يوقاپلا كەتتىڭ .
   - ماۋۇ گەپنى ، ئۆزۈڭ يوقاپ كەتتىڭ ، بۇياقلارغا ئۆتۈپ قاپسەنغۇ ؟ - گەپ سورىدى ساقال .
    - ۋاي ئاداش ، گېپىنى قىلما ، سەندىن يوشۇرمايمەن ، بىر قىزنى دەپ كەلدىم ، ئاۋۇ قىزلارنى كۆردۈڭمۇ ؟
    - ھەئە ، كۆردۈم ، شىنجاڭ داشۆدە قىز بالا قالمىغاندەك بىزنىڭ مەكتەپتىكى قىزلارغا قانات سۆرەپ يۈرگىنىڭنى قارىمامدىغان ، ھا ھا ھا ...
    - ھا ھا ھا ، دەپ قاپسەن ، توشقانمۇ ئۇۋىسى ئەتراپىدىكى ئوت - چۆپنى يېمەيدۇ ئەمەسمۇ ؟
    ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى ، ئارقىدىن ساقال سۆز باشلىدى :
    - دېگىنە ئاداش ، مەن ياردەم قىلىدىغان يەرلەرمۇ بارمۇ يا ؟
    - ئەلۋەتتىدە ، ئاۋۇ قىزلارنى تونۇيدىغاندەك قىلامسەن ؟
    - كۆرگەن ، بىراق ئىسمىنى تازا ئۇقۇپ كەتمەيمەن ، مەن بىلەن پارالىل سىنىپتا ئوقۇيدۇ . قانداق ، تونۇشتۇرۇپ قويامدىم ؟
    - بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىسەندە .
    - ھا ھا ھا ، مەن ئويلىشىپ باقاي ھە .
    - قارا سېنى ، بولدى جۈرە ، مەن مېھمان قىلىمەن بۈگۈن سېنى ، ئارقىدىن ئىشىمنى توغرىلايسەن ،- دېدى غەيرەت .
    - ھە ئەمسە بولىدۇ ، بۈگۈن راسا بىر ئىچىشەيلى !
    جودا بىلەن ساقال قالغان ئىككەيلەننىڭ ھەمراھلىقىدا مەكتەپ سىرتىدىكى ئايرىمخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى ...
   داۋامى بار ، داۋاملىق دىققەت قىلغايسىلەر .         


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 4

ئىسىمى
تۇرسۇنجان ياسىن
تىللا
181
تۆھپە
121
UID
687
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 22:48:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قاچان  يېزىلىدۇ، ئاخىرىنى ساقلاۋېرىپ يىل ئالمىشىدىغان بولدىدە...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 23:19:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتۈن خىياللىرىم ئاۋۇ بوۋاقتا قالغانتى  ،ئەمدى سانىيە خاندا قالدىغۇ . داۋامىنى  تىزراق .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 12:33:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى ...
    جودا بىلەن ساقال قالغان ئىككەيلەننىڭ ھەمراھلىقىدا مەكتەپ سىرتىدىكى ئايرىمخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى ...
    شۇ كۈندىن باشلاپ ساقال سانىيە بىلەن تونۇشۇپ ، ئاغىنىسى جوداغا بىر ياخشىلىق قىلىپ قويۇش مەقسىتىنى كۆڭلىگە پۈكتى . ئۇنىڭ ئىسمى ئەكرەم بولۇپ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا يۈزىنى بۇرۇت - ساقال بېسىپ كىتىپ ، باشقىلار ئۇنىڭغا ساقال دەپ لەقەم قويۇۋالغانىدى . ساقالنىڭمۇ جوداغا ئوخشاشلا تىببىي ئۇنۋېرسىتېت ئەتراپىدا خېلى تەسىرى بار ئىدى . لېكىن ساقال پۇتبول ئويناشقا ئالامەت ھېرىسمەن ئىدى ، قىزلار بىلەن ئۇنچە بەك خۇشى يوق ئىدى . ئۇمۇ پۇتبولنى بەك ئوينىۋېتىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدى ، بىراق ئۇنىڭ دادىسىمۇ باشلىق بولغاچقا تىببىي ئۇنۋېرسىتېتنىڭ چاقىرىق قەغىزىمۇ تېزلا ئۇنىڭ قولىغا تەگدى . ساقال ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن يەنىلا پۇتبول ئويناپ يۈردى ھەتتا نۇرغۇن ۋاقىتلاردا دەرسكە كىرمەي پۇتبول ئوينايتتى ، جودا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ، ئۇ پۇتبول ئوينايدىغان ۋاقتىنى ئازايتىپ ، سانىيە بىلەن قانداق تونۇشۇش مەقسىتىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدى . گەرچە ساقال سانىيە بىلەن پاراللىل ئوقىسىمۇ بىراق سانىيە بىلەن تونۇشۇش قىيىنغا چۈشۈۋاتاتتى .  
    بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ، ساقال ناھايىتى ئېرەنچەكلىك بىلەن سىنىپقا چىقتى ، بۇ دەرسنى بىر نەچچە سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلىكتە ئاڭلايدىغان بولغاچقا ، سىنىپ ئىچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق توشقانىدى . ساقال ئەڭ كەينىدىكى بوش ئورۇندىن بىرنى تېپىپ ئولتۇردىدە بېشىنى قويۇپلا ئۇخلاشقا باشلىدى . ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ساقالنىڭ قۇلىقىغا ناھايىتى يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى ، ساقال ھەجەپ يېقىملىق ئاۋازكىنە دېگەن مەقسەتتە بېشىنى كۆتۈردى ، ئەسلىدە سىنىپنىڭ بىرىنچى پارتىسىدا ئولتۇرغان بىر قىز ئوقۇتقۇچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىۋاتقان بولۇپ ، ئاۋازىنىڭ يېقىملىقلىقى ، جاۋابىنىڭ قايىل قىلارلىقلىقى ساقالنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى ، ساقال ئۇ قىزنى كۆرۈپ بىرىگە ئوخشاتتى لېكىن كەينىدىن دەماللىققا كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى ، چۈنكى ئۇ بۇنداق دەرسلەرگە بەك ئاز قاتنىشاتتى ، سىنىپىدا نەچچە ئوقۇغۇچى بار ، نېمە دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ ، ھېچنىمىنى بىلمەيتتى . دەرس توشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار سىرتقا قاراپ ماڭدى ، ساقالنىڭ كۆزى بولسا ھېلىقى قىز بالىدا ئىدى ، ھېلىقى قىز ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ سىرتقا قاراپ مېڭىشىغا ساقال بۇ قىزنىڭ سانىيە ئىكەنلىكىنى بىلدى ، ئۇ ئىلگىرى سانىيەنى بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن بولسىمۇ بىراق سانىيەگە ئۇنچە بەك دىققەت قىلىپ كەتمىگەنىدى ، بىراق بۈگۈن سانىيەنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدى ، سانىيە شۇ كۈنى تېخىمۇ ئوماق ۋە چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى ، ئۇنىڭ ئەپچىلگىنە قىلىپ ئۆرۈپ ئالدىغا چۈشۈرۈۋالغان ئۆرۈم چاچلىرى ، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان بىر جۈپ قاپقارا كۆزلىرى ، جىنەستىدەك لەۋلىرى ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتەتتى ، گەرچە ئۇنىڭ بېشىغا چىگىۋالغان ياغلىقى ساقالنىڭ كۆزىگە ئۇنچە بەك سىغمىغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئۇنى جەلىپ قىلغانىدى .
    ماۋۇ جودا ھۆل خىشقا دەسسىمەيتتى ، نېماندا بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىپ قىزبالا ئىزدەپ يۈرىيدىكىن دېسەم ئەسلىدە مۇنداقكەندە ، - ساقال شۇلارنى خىيال قىلغىنىچە سىنىپتىن ئايرىلدى .
    ئىككىنچى كۈنى ساقال ناھايىتى ئەتىگەن تۇرۇپ كەتتى ، ئۇ چاچلىرىنى پاكىز يۇيۇپ ، ئۆسۈپ كەتكەن ساقال - بۇرۇتلىرىنى پاكپاكىزە ئېلىپ ، ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەشتۈردى دە دەرس باشلىنىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن سىنىپقا چىقىپ كەتتى ، ياتاقداشلىرى ئۇنىڭغا ھەيرانلا قالغانىدى .
    ساقال سىنىپقا كىرىپلا بىرىنچى پارتىغا نەزەر تاشلىدى ، بىرىنچى پارتىدا سانىيە ۋە ئۇنىڭ ياتاقدىشى ئولتۇرغانىدى ، ساقالنىڭ كۆزلىرى چاقناپ ، يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى ۋە بىرىنچى پارتىغا بېرىپ سانىيەدىن سورىدى :
   - بۇ يەردە ئولتۇرسام بولامدۇ ؟
   سانىيە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېشىنى لىڭشىتتى .
    ساقال دەرھال سانىيەنىڭ يېنىدا ئولتۇردى ۋە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىدى ، سانىيە ساقالغا دىققەتمۇ قىلماستىن باش كۆتۈرمەستىن ئۆگىنىش قىلىۋاتاتتى ، ساقال قانداق سۆز ئېچىشنى ئۇقماي قالدى ، ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى كىتابتىن بىر يەرنى ئېچىپلا سانىيەدىن سورىدى :
   - خاپا بولماي بۇ يەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز .
   - سانىيە ساقال ئاچقان يەرنى كۆرۈپ ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ساقالغا قارىدى :
   - بۇ يەرگە تېخى كەلمىدۇق ، سىز ئالدىن ئۆگۈنۈۋاتقانمۇ ؟
   ساقال ھودۇقۇپ كەتتى ۋە ھەئە دەپلا بېشىنى لىڭشىتىپ گەپ قىلالمىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى قەدەمدىلا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئويلاپ پاتىڭىغىچە قىزىرىپ كەتتى ، ئادەتتە ئۇ ئۆزى تونۇيدىغان قىزلار بىلەن پاراڭلاشسا ئۇنچە بەك تارتىنىپ كەتمەيتتى ، لېكىن بۈگۈن نېمىشقىدۇر سانىيەگە گەپ ئېچىش تەس كېلىۋاتاتتى .
    مۇشۇنداق ئىككىلىنىشلەردىن كېيىن ساقال يۈرەكلىك بىلەن سۆز باشلىدى :
    - ئىسمىڭىز نېمە راست ؟
    - سانىيە .
    - سىز كۈندە سىنىپقا بالدۇر كىرەمسىز ؟
    - ھەئە ، - سانىيە ساقالنىڭ گېپىگە قىسقىلا جاۋاب بېرىۋاتاتتى .
    - مېنىڭ ئىسمىم ئەكرەم .
    سانىيە گەپ قىلماي كىتابقا قاراپ ئولتۇرۇۋالدى .
    ئەكرەم يەنە گەپ ئاچتى :
    - تېلېفۇن نومۇرىڭىز بارمۇ ؟
    - كەچۈرۈڭ ، مېنىڭ تېلېفونۇم يوق .
   - ئەمسە ياتاقنىڭ باردۇ ؟
    - دەپ بېرەلمەيمەن .
    - نېمىشقا ؟
    - مەن سىز بىلەن تونۇشمىسام .
    بۇ چاغدا ساقال تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ ، سوئالىنى داۋاملاشتۇردى .
    - مانا بۈگۈن تونۇشتۇققۇ ؟
   ئەكرەمنىڭ بۇ گېپى جاۋابسىز قالدى ، سانىيە بۇنداق ئوغۇللارنى ياقتۇرمايتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا تېلېفۇن نومۇرىنى دەپ بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى ...

    داۋامىنى داۋاملىق يوللايمەن ...


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 3Rank: 3

تىللا
289
تۆھپە
42
UID
252
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 20:07:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكۇم،تەڭرىتاغ ئەپەندى مەن سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى،باشتىن باشلاپ تۇلۇپ ئۇقۇپ كىلۋاتمەن.
بۇ ئەسەرنىڭ ناھايتى ياخشى يىزىلىپتۇ...لىكىن ماۋۇ قىسمىدا ساقالنىڭ ئىسمى، ئاخىرقى تەرەپتە ئەسقەرگە ئۆزگۇرۇپ كەتتىمۇ ؟  مېنىڭ ئىسمىم ئەكرەم .
    سانىيە گەپ قىلماي كىتابقا قاراپ ئولتۇرۇۋالدى .
    ئەسقەر يەنە گەپ ئاچتى .....

مۇشۇ يەرنى دىمەكچى تەھىرللەپ قويسىڭىز .پىرسۇناژلار ئالمىشىپ كەتسە چۇشەنگىلى بۇلمايدىكەن.
رەخمەت !!!!!


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 20:13:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oglan يوللىغان ۋاقتى  2011-11-29 20:07
ئەسسالام ئەلەيكۇم،تەڭرىتاغ ئەپەندى مەن سىزنىڭ بۇ ئەسى ...

ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت ، بىخەستەنلىك قىلىپ ئىسىمنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن ، داۋاملىق يازىمەن ، ۋەقەلىك تېخى ئارقىدا ...


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 20:33:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- خاپا بولماي بۇ يەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز .
   - سانىيە ساقال ئاچقان يەرنى كۆرۈپ ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ساقالغا قارىدى :
   - بۇ يەرگە تېخى كەلمىدۇق ، سىز ئالدىن ئۆگۈنۈۋاتقانمۇ ؟


بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ  بەكمۇ كۈلگۈم كىلىپ كەتتى  بەكمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپمۇ يەنە بىزەڭلىك قىلىپ يۈرگىنىنى توۋا .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 22:35:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋامى ...
   ئەكرەمنىڭ بۇ گېپى جاۋابسىز قالدى ، سانىيە بۇنداق ئوغۇللارنى ياقتۇرمايتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا تېلېفۇن نومۇرىنى دەپ بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى .
    شۇ كۈندىن باشلاپ ساقالنىڭ تۇرمۇشىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى ، دەرسكە قىززىقمايدىغان ساقال بىر نەچچە سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلىكتە ئاڭلايدىغان دەرسلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ، سىنىپنىڭ بىرىنچى پارتىسىدا يەنى سانىيەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولغانىدى ، ئۇ يەنە تەنتەربىيەدە تاللىغان پۇتبول دەرسىنى ئوقۇتقۇچىلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ سانىيە تاللىغان پەي توپ دەرسىگە ئالماشتۇردى ، پەي توپ دەرسىدە قىزلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ساقال دەسلەپ ئوڭايسىزلىنىپ قالدى ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەي توپ دەرسىگە قاتناشقان ئوغۇللار يارىماس ، ئاجىز ئوغۇللار ھېسابلىناتتى ، لېكىن سانىيە بىلەن ئازراق بولسىمۇ بىللە بولۇش ، سانىيەنى كۆپرەك كۆرۈۋېلىش ئىستىكى ئۇنىڭ بۇ خىيالىدىن غالىپ كەلدى . مۇشۇ ئىشلار بىلەن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى ، تۇيۇقسىز بىر كۈنى جودادىن تېلېفۇن كەلدى :
   - ئاداش ، ئىشلارنى توغرىلاۋاتقانسەن ؟ قانداق بولدى تونۇشالىدىڭمۇ ؟
   - ۋاي ئاداش ، گېپىنى قىلما ، يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ۋاقىت چىقىرالمىدىم دېگىنە ، ئەمما خاتىرجەم بول ، چوقۇم ساڭا ياخشى جاۋاب بېرىمەن ، - ساقال يالغان ئېيتىۋاتاتتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ قاچانلاردىن يالغانچى بولۇپ قالغىنىنى بىلمەيتتى ، گەرچە ئۆزى شوخ ، ئۇششۇق ، ئۆكتەم بولسىمۇ ، بىراق يالغان گەپ قىلمايتتى ، قانداقلا ئىش بولسۇن راست گەپ قىلاتتى ، بۈگۈن ساقال يالغان ئېيتىپ ، ئاغىنىسى جودانى ئالدىغانىدى .
    - ئەمىسە ساڭا تاپشۇردۇم ئاداش ، تېلېفونۇڭنى كۈتىمەن .
    - چاتاق يوق ، ئىشنى پۈتتۈرۈپلا ساڭا تېلېفۇن قىلىمەن ، - ساقال تېلېفۇننى قويۇۋېتىپ ، بېشىنى قاتتىق بىر سىلكىدى ، - توۋا ، مەن نېمە بولدۇم ؟ ھەجەپ بىر جوداغا يالغان ئېيتىۋاتىمىنا ؟ مەن سانىيەنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغاندىمەن ؟
    ئۇ ئۆز - ئۆزىگە سوئال قوياتتى ، لېكىن قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب تاپالمايتتى ، سانىيەنى كۆرمىسە چىدىمايدىغانلىقى راست ، بىراق بۇ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش ھېسابلىنامدۇ ؟ ئىلگىرىكى شوخ ، سىنىپقا كىرمەيدىغان ، ئەتىگەندىن - كەچكىچە پۇتبول ئويناپ ، كەچتە ئۇخلىغاندىمۇ پۇتبول چۈشەيدىغان ساقالنىڭ پۇتبول چۈشىنىڭ ئورنىغا سانىيە ئالماشقانىدى ، ئۇ كەچلىرى ئۇخلىسا سانىيەنى چۈشەيتتى ، بارغانسېرى خىيالچان ، ئويچان بولۇپ كېتىۋاتاتتى . گەرچە ئۇ بىر نەچچە سائەتلىك دەرسنى سىنىپنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان بولسىمۇ بىراق كاللىسىغا ھېچنىمە چۈشمىگەنىدى ، كاللىسىدا پەقەت سانىيەلا بار ئىدى .
    ساقال بىر كۈنى سانىيەنىڭ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ، مەكتەپ مەيدانىغا چىقىپ ئىنگىلىزچە تېكىست يادلايدىغانلىقىدەك مۇھىم ئۇچۇردىن خەۋەردار بولدىدە ، ئۆيىدىن قاتناپ ئوقۇشنى توختىتىپ ، دەرسلەر بەك ئېغىركەن ، مەكتەپ ياتىقىدا يېتىپ ئۆگىنىش قىلىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ ياتاققا بىراقلا كۆچۈپ بېرىۋالدى . ئۇ يەنە ياتىقىدىكى سەھەر تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى سائەت 5 بىلەن ئويغىتىۋېتىشنى قاتتىق جېكىلەپ ، ئويغىتىپ قويمىسا كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويدى .
    ئەتىسى ساقال ياتاقداشلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئويغىتىشى بىلەن ئورنىدىن ئېرەنچەكلىك بىلەن تۇردى ، ئۇ ئۆزىنى بىلگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ بۇنداق سەھەر تۇرۇپ باققانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيتتى . ساقال تەنھەرىكەت كىيىملىرىنى كىيىپ ، مەكتەپ مەيدانىغا چىقتى . كەچكۈزنىڭ شامىلى سارغايغان يوپۇرماقلارنى يەرگە خازان قىلىپ تۆكمەكتە ئىدى ، ئاخشام ياغقان يامغۇردا مەيدان ئىچىدىكى بەزى جايلاردا يامغۇر سۈيى توپلاشقان بولۇپ ، ھاۋامۇ سوۋۇپ قالغانىدى . مەيدان ئىچىدە ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلار ، چېنىقىۋاتقانلار ، پۇتبول ، ۋاسكىتبول ئويناۋاتقانلار بولۇپ ، گەرچە شۇنچە سەھەر بولسىمۇ مەكتەپ مەيدانى قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى . ئەتىگەنلىك ساپ ھاۋا ، بۇ قىزغىن مەنزىرە ساقالنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى . ئۇ دەرھال مەيدان ئىچىدىن سانىيەنى ئىزدەشكە باشلىدى ، تۇيۇقسىز پۇتبول مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىدە ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ تېكىست يادلاۋاتقان سانىيە ساقالنىڭ دىققىتىنى تارتتى ، ساقال چاندۇرماستىن قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگەچ سانىيەنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ بۈگۈن ناھايىتى خۇشال ئىدى ، سانىيە بىلەن تېخىمۇ ياخشى تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن قەلبى چەكسىز شادلانغانىدى . ئۇ سانىيەگە قاراپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز قارشى تەرەپتىن سانىيە تەرەپكە ئۇچۇپ كېلىۋاتقان توپنى كۆردى ، - ئاپلا چاتاق ، لېكىن ساقال قانچە قىلسىمۇ ئۈلگۈرەلمەيتتى . توپ ئۇچۇپ بېرىپ سانىيەنىڭ دۈمبە تەرىپىگە تەگدى ، يامغۇر سۈيىدە توپ ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ ، سانىيەنىڭ ئاق مايكىسى مەينەت بولۇپ كەتكەنىدى ، توپمۇ خېلى زەپ بىلەن ئۇرۇلغاچقىمىكىن سانىيە بېلىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى ، مەيداننىڭ ئۇ تەرىپىدە توپ ئويناۋاتقانلار ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلۈشكىلى تۇرغانىدى ، ساقال بۇنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەبلەندى :
    - ھېي ، قايسىڭ تىپىشتىڭ ماۋۇ توپنى ؟ - ساقال يىراقتىن يۈگۈرۈپ كەلگەچ مەيداندىكىلەرگە قاتتىق ۋارقىرىدى .
    - مەن تەپكەن ، ئەكرەم ئاكا ،- ئارىسىدىن سېرىق چاچ ، ئىگىز بويلۇق بىرەيلەن ئالدىغا چىقتى .
    - ھۇ ئاناڭنى ، پۇتبول تېپىمەن دېگۈچە سىيىپ كىرىپ ئۇخلىساڭچۇ ؟ توپنى قالايمىقان تېپىۋېتىپ ، يەنە كەچۈرۈم سورىماي تۇرسىنا ...
    - شۇ مەن بارغۇچە سىز كېلىپ قالدىڭىز .
    - ھېي ، مەن بىلەن گەپ تالىشۋاتامسەن ؟ - ساقال يۈگۈرۈپ بارغىنىچە ھېلىقى ئىگىز بوينىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى .
   - مانا بارىمەن ، ھېلىقى ئىگىز بويلۇق دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ سانىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى .
    - مېنى كەچۈرۈڭ ، خاتا تېپىپ سالدىم ، سىزنىڭ ئەكرەم ئاكامنىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن .
   - مەن ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئەمەس ،- سانىيە بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەنىدى .
    - ھېي ئاناڭنى ، مەن نەدە ئۇنى مېنىڭ مۇھەببىتىم دېدىم ، - ساقال يەنە ئۇرۇش ئۈچۈن قولىنى ئىگىز كۆتۈردى . ھېلىقى ئىگىز بويلۇق دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالدى ، دەل شۇ چاغدا سانىيە بېرىپ ساقالنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى :
    - بولدى ئۇرماڭ ، ناماقۇل بولغانكىن بولدى .
    - يوقال ، - دېدى ساقال ھېلىقى ئىگىز بويلۇققا قاراپ ، - بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈپ قالماي سېنى ...
    ئۇ شۇنداق دېگىنىچە سانىيەگە قاراپ :
    - سىزگە بىرەر  ئىش بولمىغاندۇ ؟ - دېدى .
    - ھېچ ئىش يوق ، كىيىمىم مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ ، مەن ياتاققا كىرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقاي ، رەھمەت سىزگە ، - سانىيە شۇنداق دېگىنىچە ياتاق تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ساقال گەرچە سانىيە بىلەن ئۇزاقراق پاراڭلىشالمىغانلىقى توغرۇلۇق ئەپسۇسلانسىمۇ لېكىن ھېلىقى ئىگىز بويلۇقنىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى ئۇقماپتىمەن دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولغانىدى . سانىيەنىڭ كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ساقالنىڭ توپ تەپكۈسى كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق ئەتىگەنلىك دەرستە سانىيە بىلەن بىرلىكتە دەرس ئاڭلايدىغانلىقىنى ئويلاپ ، ياتاققا كىرىپ تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ياتاق تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
    ساقال ياتاققا كىرىپ چېچىنى قايتىدىن يۇيدى ، ساقال - بۇرۇتلىرىنى پاكپاكىز ئالدى ، ئالدىنقى ھەپتە تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆيىدىكىلىرى ئېلىپ بەرگەن كاستيۇم - بۇرۇلكىنى كەيدى ۋە چاچلىرىنى رەتلىك تارىغاندىن كېيىن ، سىنىپقا قاراپ يول ئالدى . ساقالنىڭ بۈگۈن تۇنجى قېتىم كاستيۇم - بۇرۇلكا كېيىشى بولۇپ ، ئىلگىرى ئاتا - ئانىسى كەي دەپمۇ كەيگۈزەلمىگەن ساقال مانا بۈگۈن باشقىچە روھلىنىپ ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن كەيگەنىدى ، يۈرۈش - تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ، كەچكىچە توپ ئويناپ ، بەدىنىدىن تەر پۇراپ تۇرىدىغان ساقالدىن ھازىر ئەتىر پۇرايتتى ، كاستيۇم - بۇرۇلكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ كەيگەن قارا رەڭلىك خۇرۇم ئايىقىنى سىنىپقا كىرگۈچە بولغان يولدا نەچچە قېتىم سۈرتۈپ چىقتى ، ئۇ بۈگۈن ناھايىتى خۇشال بولۇپ ، قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى قاپقارا كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى .
    ئۇ سىنىپقا كىرگىنىدە سانىيە ئاللىبۇرۇن ئەسلىدىكى ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ بولغان بولۇپ ، ساقال ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى ، ساقالنىڭ بۈگۈن ئۆزگىچە كىيىۋالغانلىقىنى كۆرگەن سىنىپتىكىلەر ئۇ توغرۇلۇق خىلمۇ - خىل پاراڭلارنى قىلىشقا باشلىغانىدى :
   - قاراڭلار ، ئاۋۇ ساقالنى ، بۈگۈن تويغا بارىدىغاندەك قېتىۋاپتۇ ...
   - ھەئە ، شۇنى دېمەمسەن ، ئۇنىڭ بۇنداق كەيگىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ...
    - سانىيەنى كەلتۈرۋاتقان گەپ ، شۇنىمۇ ئۇقمىدىڭلارمۇ ؟
    بۈگۈنكى سىنىپ ئىچىدىكى قىززىق تېما ساقال ئۈستىدە بولغانىدى ، ئالىي مەكتەپ ھاياتى شۇنداق ، ئەتىگەنلىك ئۆگۈنۈش ۋاقتىدا بەزىلەر ئۆگىنىش قىلسا بەزىلەر ئاخشام نەگە بېرىپ ئوينىغانلىقى ، توردىن ئالامەت بىر كىنو كۆرگەنلىكى ، خەلقئارادا قانداق ئىشلار بولۇۋاتقانلىقى ... ئىشقىلىپ جاھاندىكى ھەممە ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىشىپ باقاتتى .
    ساقال ئورنىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن سانىيە بىلەن ئاددىيلا باش لىڭشىتىپ سالاملاشتى . دەرس باشلاندى ، سانىيە پۈتۈن زېھنى بىلەن دەرس ئاڭلاۋاتاتتى ، ساقالنىڭ دەرس بىلەن خۇشى بولمىغاچقا بېشىنى سانىيە تەرەپكە قاراپ پارتىغا قويۇۋېلىپ ، يالغاندىن ئۇخلىۋالغان بولىۋالدى ۋە سانىيەگە كۆزىنى يېرىم ئېچىپ قاراشقا باشلىدى .
    - ھە ، ئەكرەم ، ئاخشام نەدىكى ئولتۇرۇشتىن سەھەردىلا كېلىپ دەرسكە قاتناشقاندەك ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ كېتىپسەنغۇ ؟
    مۇئەللىمنىڭ بۇ گېپىدىن ئەكرەم چۆچۈپ ئېسىگە كەلدى ، بىراق سىنىپ ئىچىدە پاراققىدە كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلگەنىدى .
    - ياق مۇئەللىم ، - دەپ قىسقىغىنە جاۋاب بەردى ساقال .
    - ئەمسە دىققەت قىلىپ ئاڭلىغىن .
    مۇئەللىم سۆزىنى تۈگىتىپ دەرسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى ، ساقال نەچچە سىنىپ بالىنىڭ ئالدىدا ئوسال بولغانلىقىدىن مۇئەللىمگە قاراپ دومسايدى ، شۇ چاغدا سانىيە ئۇنىڭغا بىر كىچىك باغاقچە سۇندى ، باغاقچىدا مۇنداق يېزىلغانىدى :
   - ئەكرەم ، ئەتىگەنكى ئىشقا سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .
    ساقال خۇشاللىقىدىن دەرھال جاۋاب خەت يازدى .
    - ھېچقىسى يوق ، ئۇدۇل كەپ قالدى شۇ ...
    ساقال بىلەن سانىيە مۇشۇنداق قىلىپ بىر نەچچە قېتىم باغاقچە ئەۋەتىشتى . سانىيە كۆڭلىدە پەقەت ساقالغا رەھمەت ئېيتىپ قويۇشنىلا كۆڭلىگە پۈككەنىدى ، بىراق ساقال بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سانىيە بىلەن تېخىمۇ ئوبدان تونۇشىۋېلىش مەقسىتىدە ئىدى ، ئارقىدىن ئۇ يەنە قايتا بىر قېتىم سانىيەنىڭ ياتىقىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى سورىدى ، بىراق سانىيە ساقالغا قايتا جاۋاب خەت يازمىدى .
    شۇ كۈندىن باشلاپ ساقالدا ئۈمىد پەيدا بولدى ، ئۇ ھەمىشە سانىيەنى پايلاپلا يۈرەتتى ، ئەزەلدىن مەكتەپ ئاشخانىسىدىن تاماق يېمەيدىغان ساقال مەكتەپ ئاشخانسىدىن تاماق يەيدىغان ، كۈتۈپخانىغا بېرىپ ئۆگىنىش قىلىدىغان ، كەچتىكى مۇزاكىرىگە تولۇق قاتنىشىدىغان بولغانىدى...
    ئەمدى گەپنى جودادىن ئاڭلايلى ، جودا سانىيەنى ھەر شەنبە - يەكشەنبە كۈنى بېكەتتە ساقلايتتى ، گەرچە ئۇ ھازىرقى سالاھىيىتى بىلەن سانىيە بىلەن تونۇشالىسىمۇ بىراق قاتتىق قوللۇق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، سانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىككى دوستىنى يىراقتىن پايلاپ يۈرەتتى . يېرىم ئايدىن كۆپرەك ساقلاپ تاقىتى تاق بولغان جودا ئاخىرى چىداپ بولالماي ساقالغا قايتا تېلېفۇن قىلدى ...
    داۋامىنى داۋاملىق يازىمەن ...


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 19:02, Processed in 0.071386 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991