ئىگىسى: تەڭرىتاغ

ئالماشقان بوۋاقلار ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 10:58:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋامى ...
    ئەمدى گەپنى جودادىن ئاڭلايلى ، جودا سانىيەنى ھەر شەنبە - يەكشەنبە كۈنى بېكەتتە ساقلايتتى ، گەرچە ئۇ ھازىرقى سالاھىيىتى بىلەن سانىيە بىلەن تونۇشالىسىمۇ بىراق قاتتىق قوللۇق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، سانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىككى دوستىنى يىراقتىن پايلاپ يۈرەتتى . يېرىم ئايدىن كۆپرەك ساقلاپ تاقىتى تاق بولغان جودا ئاخىرى چىداپ بولالماي ساقالغا قايتا تېلېفۇن قىلدى .
    - ھەي ساقال ، ھېلىمۇ بىر ئاي بولاي دېدى ، سېنىڭدىن ھېچ بىر سادا يوققۇ ؟
    - ۋاي ئاداش ، ھېلى ئۇ ئىش ، ھېلى بۇ ئىش ، ھېچ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن .
    - شۇنداق قىلىپ ئاقمىدىڭ دېگىنە ؟
    - ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە .
    - ئەمسە ياردەم قىلامسەن - قىلمامسەن ؟
    - ياردەم قىلىشنىغۇ قىلىمەن ، بىراق ۋاقىت جەھەتتە مېنى بەك قىسىپ قويما ، - دېدى ساقال .
    - ئەمسە خەۋىرىڭنى كۈتىمەن ، - جودا شۇنداق دېگىنىچە تېلېفۇننى قويۇۋەتتى ، ئۇ ساقالنىڭ بايىقى دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، ساقالنىڭ بۇ ئىشقا تازا ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ھەرىكەت باشلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەنىدى .
    شۇ ھەپتە شەنبە كۈنى جودا سانىيەلەرنى يەنە كونا جايدا ساقلىدى ، سانىيە ، رەنا ، ماھىرە ئۈچەيلەن بىرلىكتە كۇرس تەرەپكە قاراپ ماڭدى ، بۇ چاغدا رەنا سۆز باشلىدى :
    - سانىيە ، ساقال بىلەن يۈرۈۋالمىغانسەن ؟
    - كىمۇ ئۇ ساقال دېگەن ، مەن تونۇمايمەن .
    ماھىرە بىلەن رەنا بىر - بىرىگە قارىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى . ئارقىدىن ماھىرە سۆز ئاچتى :
    - ساقالنى بىلمەمسەن ؟ ئۇ كۈندە سېنىڭ يېنىڭدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايدىغۇ ؟
    - سىلەر ئەكرەمنى دېمەكچىمۇ ؟
    - ھەئە ، دەل ئۆزى شۇ ، سەن راستىنلا ئۇنىڭ لەقىمىنىڭ ساقال ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن ؟
    - ياق ، ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن ...
    - ئۇچۇ سېپى ئۆزىدىن يۇڭلۇق بىر نېمە ، لېكىن يېقىندىن ياقى خېلى ئادەم سۈپەت يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى ، - دېدى رەنا ئاغزىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ .
    - ئۇنداق دېمىگىن ئاداش ، - ماھىرە سۆز باشلىدى ، ئۇنىڭ دادىسى باشلىقكەن ، تىببىي ئۇنۋېرسىتىت ئىچىدە ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر ئېغىز قالايمىقان گەپ قىلالمايدىكەن ، يېقىندىن يۈرۈش - تۇرۇشىنى كۆرگەنسەن ؟ ساقال - بۇرۇتلىرىنى ئېلىۋەتسە ناھايىتى پاكىز ، چىرايلىق بالىكەنغۇ ؟ شۇ چىرايىنىڭ قارىلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، سانىيە ساقال بىلەن يۈرۈپ بەختىڭنى تاپتىڭ جۇمۇ .
    - ياق ، كىم مېنى ئۇنىڭ بىلەن يۈردى دەيدۇ ، بىز پەقەت ساۋاقداش ، قالايمىقان خىيال قىلماڭلار ،- مېنىڭ ھېچكىم بىلەن ئارىلاشقۇم يوق .
    ئۈچ قىز قىزغىن پاراڭلىشىپ ، سىنىپقا كىرىپ قالغانلىقىنىمۇ ھېس قىلالمىدى ھەتتا باياتىن يول بويىدا تۇرغان جودانىمۇ كۆرمەي ئۆتۈپ كەتكەنىدى ، جودا بۇلارنىڭ زادى نېمە قىززىق پاراڭغا چۈشكەنلىكىنى بىلەلمەي ، شۇنداقلا قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىماي ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە قورسىقى كۆپمەكتە ئىدى ، ئۇ شۇ تەرىقىدە تاماكىنى يېنىش - يېنىشلاپ چېكىۋەتتى .
    ئالاھەزەل ئۈچ سائەتلەردىن كېيىن ، ئوقۇغۇچىلار كۇرستىن يېنىشقا باشلىدى ، جودا چىقىپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن سانىيەنى ئىزدەيتتى ، بىر ھازادىن كېيىن سانىيە قاتارلىق ئۈچ قىز چىقىپ كەلدى ، قىزلار يەنە شۇ ساقال توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋاتاتتى ، ئۇلار يەنە جودانى كۆرمەي ئۆتۈپ كەتتى . جودا قىزلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى .  
    - ئاداش ، -دەپ سۆز باشلىدى ماھىرە سانىيەگە قاراپ ، مۇھەببىتىڭنىڭ باشقا دوستلىرىمۇ باردۇر ، مۇنداق بىر كېلىشكەن ، چىرايلىق ، بولسا بىزگىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويمامسەن ؟
    - نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىلەر ، ئۇ قانداقمۇ مېنىڭ مۇھەببىتىم بولسۇن ، مەن دېدىمغۇ ؟ بىز دېگەن ساۋاقداش دەپ ، مېنىڭ ھازىرچە ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاشقا ۋاقتىم يوق .
    جودا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشتىن توختاپ دەرھال ساقالغا تېلېفۇن قىلدى :
    - ساقال ئاداش ، ساڭا سانىيەگە كۆز - قۇلاق بولۇپ قوي دېسەم ، نېمە قىلىپ يۈردۈڭ ؟
    - سانىيەنىڭ مەكتەپتە مۇھەببىتى بار ئىكەنغۇ ؟
    - نېمە ؟ - بۇنى ئاڭلىغان ساقال جودادىنمۇ بەكرەك تىت - تىت بولۇشقا باشلىدى ، كىمكەن مۇھەببىتى ئاداش ، مەن ئۆزۈم توغرىلايمەن .
    - ۋاي سەن بىلمىسەڭ مەن نەدىن بىلەي ، بۇ ئىشنى چوقۇم ئېنىقلاپ بەرگىن ، قالغىنىنى ماڭا قويۇپ بەر .
    - ساڭا قويۇپ بېرەمدىغان ، بولدى ماڭا تاپشۇر بۇ ئىشنى ...
    ساقال تېلېفۇننى قويۇۋېتىپ تېخىمۇ تىت - تىت بولۇشقا باشلىدى ، ئۇ گەرچە سانىيەنىڭ مەكتەپتە بىرەر ئوغۇل بالا بىلەن يۈرگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن جودانىڭ گېپى قاتتىق تەسىر قىلغانىدى .
    شۇڭا ماڭا تېلېفۇن نومۇرىنى دەپ بەرمەپتىكەندە ... ساقال كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ئويغا كەتتى ، سانىيەنىڭ ھېلىقى مۇھەببىتىنى تۇتۇۋالسا پاچىقىنى چېقىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۆز - ئۆزىگە تەسەللىي بەردى ، لېكىن يەنىلا قانداقتۇر بىر بىئارامچىلىق ئۇنى قىينايتتى ...
    شۇ كۈندىن باشلاپ ، ساقال سانىيەنى مەخپىي كۈزىتىشنى باشلىۋەتتى ،  ئۇ سانىيەنىڭ ئاتالمىش مۇھەببىتىنىڭ تېزراق مەيدانغا چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى ، پەقەت شۇلا مەيدانغا چىقسا سانىيەنىڭ يەنە ئۆزى بىلەن ئەپ ئۆتىدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ، ئۈمىدلىنىپمۇ قالاتتى ، بىراق سانىيەنىڭ ھېلىقى ئاتالمىش مۇھەببىتىنىڭ ئۆزى تۇرماق سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى ...
     جودامۇ بوش كەلمىدى ، جودا ھېلىقى كۈنى قىزلارنىڭ كەينىدىن كېلىۋېتىپ ئاڭلىغان گەپلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى ، سانىيەنىڭ دوستلىرىنىڭ سانىيەگە ئېيتقان مۇھەببىتىڭنىڭ دوستلىرىنى بىزگىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويە دېگەن گېپى ئۇنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغانىدى . ئۇ تۇنجى قەدەمنى سانىيەنىڭ دوستلىرىدىن باشلاشنى قارار قىلدى ۋە ھەپتىدە نەچچە كۈن تىببىي ئۇنۋېرسىتېتقا قاتراشقا باشلىدى ...
    شۇنداق قىلىپ ساقال بىلەن جودا سانىيە ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتكەنىدى ، ساقال كۈندە سانىيەنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپلا يۈرەتتى ، جودا بولسا ماھىرە بىلەن رەنانى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىلمۇ خىل ئامال - چارىلەرنى ئىزدىمەكتە ئىدى .
    داۋامى داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا بولغۇسى !!!      


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 16:26:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا ئەمدى ساقال بىلەن جودا  بىر -بىرنى يەيدىغان بولدى .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
ھايات
تىللا
373
تۆھپە
56
UID
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 17:41:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى يېزىلىپ بولغىچە، بېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولدۇم-دە. ئىلھام كەلمەيۋاتامدا ‹‹تەڭرىتاغ›› ئەپەندى؟


ماڭا نېمە تىلىسەڭ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىككىسىنى ساڭا بەرسۇن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 17:43:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 17:41
ئاخىرى يېزىلىپ بولغىچە، بېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولدۇ ...

ئىلھام كەلمەيۋاتىدۇ ئەمەس ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ ...


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 3Rank: 3

تىللا
289
تۆھپە
42
UID
252
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 17:51:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا بەلەن يەرگە كەپ قالدى مانا. ئىككى‹  لودا   ›  ئۇرۇشۇپ قالدىغان بۇلدىدە  ....

ھارمىغايسىز!!!  داۋامىنى كۇتىمەن.....


Rank: 4

ئىسىمى
قەمبەرنىسا
تىللا
477
تۆھپە
73
UID
426
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 18:48:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز!داۋامى......


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
146
تۆھپە
36
UID
2093
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 01:00:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللسىڭىز بوپتىكەن


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 10:28:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داۋامى ...
    شۇنداق قىلىپ ساقال بىلەن جودا سانىيە ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتكەنىدى ، ساقال كۈندە سانىيەنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپلا يۈرەتتى ، جودا بولسا ماھىرە بىلەن رەنانى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىلمۇ خىل ئامال - چارىلەرنى ئىزدىمەكتە ئىدى .
    كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى ، ساقال سانىيەنىڭ كەينىدىن توختىماي سوكۇلدايتتى ، لېكىن ئۆزىنى چاندۇرمايتتى ، ئۇ بۇ جەرياندا خۇددى ئامېرىكا FBI نىڭ ئادەملىرىدەكلا ھوشيار بولۇپ كەتكەنىدى . سانىيە قايسى ئوغۇل بالا بىلەن پاراڭلىشىۋاتىدۇ ، كىم بىلەن تاماق يەۋاتىدۇ ، كىم بىلەن پاراڭلاشتى ھەممىنى بىردىن بىردىن ئېنىقلايتتى ، سانىيە بىرەر ئوغۇل بالا بىلەن قىسقىغىنە كۆرۈشۈپ پاراڭلاشسىمۇ ساقالنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى ۋە سانىيە كەتكەندىن كېيىنلا شۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچىنى خىلۋەت جايغا باشلاپ بېرىپ سانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سورايتتى ، سەل گۇمانىيلارنىڭ جاجىسىنىمۇ بېرىپ ئۈلگۈرگەنىدى ، لېكىن شۇنداق بولۇشىغا تۇشلۇق سانىيەنىڭ ئاتالمىش مۇھەببىتىنى تاپالمايۋاتاتتى .  
    جودا ماھىرە بىلەن رەنانىڭ ئىككى - ئۈچ كۈندە بىرلا شىياشىمىنغا بېرىپ بازار ئايلىنىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ ، ئالدى بىلەن بۇ ئىككى قىزنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈستىدە پىلان تۈزدى . مەلۇم چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن جودا تىببىي ئۇنۋېرسىتېتقا بېرىپ ، مەكتەپنىڭ ئالدىدا بۇ ئىككى قىزنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇردى ، دېگەندەكلا ئالاھەزەل 15 مېنۇتلاردىن كېيىن ، مودا ياسانغان ماھىرە بىلەن رەنا چىقىپ كەلدى ، بۇ ئىككىسىنى كۆرگەن جودا قىزلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى ، قىزلار سەككىز قەۋەت ئاپتوبۇس بېكىتىگە ئاز قالغاندا جودا ئىتتىك مېڭىپ قىزلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى ۋە يانچۇقىدىكى ئالدىن تەييارلاپ قويغان 100 يۈەن پۇلنى قەستەنگە چۆرىۋەتتى ، كۆز ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئىشنى كۆرگەن ماھىرە بىلەن رەنا قانداق قىلىشىنى بىلمەيلا قالغانىدى ، دەل شۇ چاغدا ماھىرە جودانى چاقىرىش ئۈچۈن ئەمدىلا ئاغزىنى ئۇچلىشىغا رەنا چاققانلىق بىلەن ماھىرەنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالدى :
    - ساراڭ بولدۇڭمۇ ، بۇ دېگەن بىزگە كەلگەن ئامەت ، كىم ئۇنى پۇلىنى چۈشۈرۈپ قويسۇن دەپتۇ ، - دېدى ۋە يەردىن 100 يۈەن پۇلنى ئالدى . بۇ پۇلنىمۇ بۈگۈن ئالىدىغان كىيىمىمىزنىڭ پۇللىرىغا قېتىۋېتەيلى ، ئوھۇش ، ھېچنىمە بولمايدۇ ، جۈرە ئاداش .
    رەنانىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ماھىرەنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كەتتى ، - كاللاڭ بەك ئىشلەيدۇ جۇمۇ سېنىڭ ، شۇڭا سېنى ھەممىدىن ياخشى كۆرىمەن ، - ماھىرە رەنانى قۇچاقلاپ مەڭزىگە يەڭگىلگىنە سۆيۈپ قويدى ۋە ئاپتوبۇسقا چىقىپ شياۋشىمىن تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى .
    جودا خىيالىدا بۇ ئىككى قىزنى پۇلنى تېپىۋېلىپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ دەپ ئويلىغانىدى ، ھەتتا 100 يۈەن پۇلنىڭ ئورنىغا جىقراق يەنى 300 يۈەن ، 500 يۈەن تاشلاپ بېقىشنىمۇ كۆڭلىگە پۈككەنىدى ، بىراق شۇ كۈنى جودانىڭ يېنىدا 101 يۈەنلا پۇل بولۇپ ، ئۇ بىر يۈەن بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتقا كەلدى ، خىيالىدا 100 يۈەن پۇلنى قىزلار تېپىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرسە ، شۇ پۇلنىڭ يېرىمىدا قىزلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئۇلارنى مېھمان قىلىپ ، ئۆزىنى بىر كۆرسىتىۋالغۇسى بار ئىدى ، بىراق ئۇنىڭ تاتلىققىنە خىيالىنى بۇ ئىككى قىز بەرپاد قىلغانىدى ، جودا قىزلارنىڭ ئۈن - تىنسىز ، ھېچنىمىنى كۆرمىگەن قىياپەتتە ئاپتوبۇسقا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، پۇلنى كۆرمەي قالغان ئوخشايدۇ دېگەن خىيالدا يۈگۈرۈپ كەينىگە يېنىپ ئۆزى پۇل تاشلىغان جايغا باردى ، بىراق يەردە 100 يۈەن پۇل كۆرۈنمەيتتى ، جودامۇ بۇ ئىككى قىزنىڭ كەينىدىن بۇ يولدىن ئۆتكەن بىرمۇ ئادەم يوقلىقىنى ئويلاپ ئىشنىڭ تېگىگە يەتتى .
    - ھۇ پاسكىنىلار ، مەن جودانى چالغىلى تۇردۇڭلىما ، خەپ توختاپتۇرۇش ، ئەتە - ئۆگۈن قانداق دەپسەندە قىلىمەنكىن ، شۇ ۋاقىتتا مەن جودانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىپ قالىسىلەر ، - جودا كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسقا قاراپ تۈكۈردى ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ئويلىغانسېرى قورسىقى كۆپەتتى ، شۇنچە ياشقا كىرگۈچە ھېچكىم ئۇنىڭغا بۇنداق ئېغىر چاقچاق قىلىپ باقمىغانىدى ، جودا ئالدى بىلەن مەكتەپكە قايتىپ تۇرۇشنى لايىق تېپىپ يانچۇقىنى كوچىلىدى ، بىراق جودانىڭ پورتمالى قۇپقۇرۇق بولۇپ ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قايتقۇدەك بىر يۈەن پۇلىمۇ قالمىغانىدى ، دەرھال تېلېفۇنىنى ئېلىپ ياتىقىغا تېلېفۇن قىلدى ، قېرىشقاندەك ، قول تېلېفونىمۇ توختاپ قالغان بولۇپ ، ئاممىۋىي تېلېفۇنغا 2 موچەن پۇل تۆلەپ تېلېفون قىلىشقا پۇلى يوق جودا ئاجايىپ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى . ( بەلكىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار يانچۇقىدا تىيىننىڭ تايىنى بولمىسا قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسە كېرەك ، بۇ جەھەتتە كۆپ توختالمايمەن ) ، جودا ئۆزىدە پۇل قالمىغىنىغا ئىشەنمىگەندەك قىلىپ يانچۇقلىرىنى قېزىۋەتتى ، تەلىيىگە يارىشا چاپىنىنىڭ ئىچ يانچۇقىدىن 7 موچەن پۇل چىقىپ قالدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ پۇل بىلەن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايتىيالايدىغانلىقىغا كۆزى يېتەتتى ، شۇڭا ئۇ بېكەتتىكى 1 - يول ئاپتۇبۇسىغا ئىككىلەنمەيلا چىقتى ، جودا ئاپتوبۇسقا چىقىشتىن بۇرۇنلا بۇ 7 موچەن پۇلنى پۈرلەپ ، قاتلىۋەتكەن بولۇپ ، شۇنداق قىلغاندىلا 7 مو پۇلنى بىر يۈەن قىلىپ شوپۇرنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولاتتى . چۈنكى ئۇ بۇ ئۇسۇلنى بىر نەچچە قېتىم سىناپ باققانىدى .
    ئۇ ئەمدىلا ئاپتوبۇسقا چىقىپ پۇلنى سالاي دەپ تۇرۇشىغا يان تەرەپتىن كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى :
    - خاپا بولماي پۇلىڭىزنى ماڭا بەرسىڭىز .
    - ھەئە ، بۇ بۇ بۇ ... جودا شۇ تاپتا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى ۋە قولىدىكى 7 موچەن پۇلنى قىزغا ئۇزاتتى ، چۈنكى بۇنداق شارائىتتا پۇلنى بەرمەيمۇ بولمايتتى ، بېرەي دېسە پۇلى بىر يۈەنگە توشمايدۇ ، ھېلىقى قىز جودانىڭ قولىدىكى موچەنلىك پۇلنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى ، شۇ چاغدىلا جودانىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشتى ، ئەگەردە ھېلىقى قىز جودانىڭ موچەن پۇللىرىنى نەق مەيداندا سانىغان جودا بىر ئاپتوبۇس ئادەمنىڭ ئالدىدا مات بولاتتى ، جودا دەرھال ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا تەرىپىگە ، ئادەملەر كۆپ جايغا غىپپىدە تىكىۋەتتى ، بىراق ئۇ بۈگۈن خورلۇق تارتىۋالغانىدى ، ئويلىغانسېرى ئاچچىقى كېلىپ ھېلىقى ئىككى غىتمەكنى ھازىرلا بېرىپ ، ئۇرۇپ - دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىلغۇسى ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا شەرمەندە قىلغۇسى كېلەتتى ، بىراق ئامال قانچە ؟ ھە نېمە بولسا يانچۇقىدا 7 مو پۇل بار ئىكەن ، بولمىسا تىببىي ئۇنۋېرسىتېتتىن پىيادە قايتىپ كېلەتتىمۇ ؟؟؟

    ئەمدى ساقالنىڭمۇ بىر قىززىق ئىشىنى ئاڭلاڭلار ، ساقال FBI بىر كۈنى سانىيەنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ، مەكتەپ ھويلىسىدا كۆزەينەك تاقىغان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلىگە ئوت كەتتى ، ئۇ بۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچىنى ئىلگىرى مەكتەپتە كۆرۈپ باقمىغانىدى ، كۆڭلىدە سانىيەنىڭ ئاتالمىش مۇھەببىتى مۇشۇ  دەپ ئويلىدى ، ئۇلار ئالاھەزەل 5 مېنۇت پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، ئۆز يوللىرىغا مېڭىشتى ، تۇيۇقسىز ھېلىقى ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ساقال پەيدا بولدى .
    - ھېي ھاراملىق ، كېلە بۇياققا ؟
    ھېلىقى ئوغۇل ئوقۇغۇچى كىمنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي كەينىگە قاراپ قويدى .
    - سېنى دەۋاتىمەن كۆزەينەك ، - بۇياققا كېلە .
    ھېلىقى ئوقۇغۇچى ئۆزىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلدى .
    - نېمە ئىش ، نېمىگە ئادەم تىللايسەن ؟ - دەپ ئۆڭدى .
    - ئادەم تىللايسەن ؟ ئۇرىمەن تېخى ... ساقال كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ھېلىقى ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ يۈز كۆزلىرىنى كۆكۈرتىۋەتتى .
    - قانداق ، ئاكاڭنى ئوبداق تونۇپ قوي ، بۇنىڭدىن كېيىن قىزلارغا قالايمىقان قاش ئاتقۇچى بولما ، ئۇقتۇڭمۇ ؟
    ھېلىقى ئوقۇغۇچى يەردە ياتاتتى ، يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ساقالنىڭ ئاغىنىلىرى ساقالنىڭ ئادەم ئۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ساقالنى ئاجرىتىۋالدى .
    - ساقال ، ساراڭ بوپسەن ، سەن مەكتەپ ئەخلاق تەربىيەچىسىنى ئۇرۇپ قويدۇڭ ... چاتاقنىڭ چوڭىنى تېرىدىڭ .
    - نېمە ؟ مەكتەپ ئەخلاق تەربىيەچىسىمۇ مۇشۇنداق ياش بولامدۇ ؟
    ۋاي نېمە دەيدىغانسەن ، چىرايى ياشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن 30 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ئىچكىرىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچى بۇ .
     ساقالنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئويلاشمايلا ئۇرۇپ قويغانلىقىنى ، يەنە كېلىپ بىر مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيەچىسىنى ئۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلىپ تەمتىرەشكە باشلىدى .
    - دەرھال يولىنى ماڭغىن ، - دېدى باشقىلار ، ساقال كاللىسىدا بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئويلىدىدە مەكتەپ سىرتىغا قاراپ ئىتتىك - ئىتتىك قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى .
    ئىككىنچى كۈنىلا ساقالغا مەكتەپتە قالدۇرۇپ يېرىم يىل سىناش جازاسى بېرىلدى ، ئەگەر ساقال ۋاقتىدا دادىسىغا بۇ ئىشنى ئېيتىپ ، ئالدىن يول مېڭىپ قويمىغان بولسا بەلكىم مەكتەپتىن ھەيدەلگەنمۇ بولاتتى ، ھە نېمە بولسا بۇ ئىشمۇ مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى .
    بىر كۈنى جودا مەكتەپ ئالدىدىلا رەنا بىلەن ماھىرەنىڭ يولىنى توستى ، چۈنكى ئۇ ئالدىنقى قېتىم قىزلار بىلەن مەقسەتلىك تونۇشىمەن دەپ يەتكۈچە بۇرنىغا يىگەنىدى . شۇڭا ئۇنداق ئاقماس ۋاستىلەرنى قوللانماي بىۋاستە ھۇجۇمغا ئۆتۈش قارارىغا كەلدى .
    - ياخشىمۇسىلەر ، مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا قانداق ماڭىدۇ ؟
    ماھىرە بىلەن رەنا بۇ ئوغۇلنىڭ قايسى كۈنى ئاپتوبۇستا كۆرگەن بالا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى .
    - مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ ، ئوڭغا بۇرۇلۇپ ، ئاندىن يەنە سولغا بۇرۇلۇپ ئالدىڭىزغا مېڭىۋەرسىڭىز كۈتۈپخانا بىناسىنى كۆرىسىز .
    - ۋاقتىڭلار بولسا ئاپېرىپ قويامسىلەر ، - جودا بىزەڭلىك بىلەن سورىدى .
    بۇ ئىككى نايناق قىزمۇ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولۇپ ، جودانى باشلاپ ماڭدى .
    - سىلەر قايسى كەسىپتە ئوقۇيسىلەر ، - دەپ سۆز باشلىدى جودا .
    - كېلىنكا كەسپىدە ، سىز بۇ مەكتەپتىن ئەمەسمۇ ؟ - ماھىرە ئالدىراپ ئېغىز ئاچتى .
   - ياق ، مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇيمەن ، - بۇ يەرگە بىر دوستۇمنى ئىزدەپ كەلگەن ، ئۇ كۈتۈپخانىنىڭ ئالدىدا ساقلايمەن دېگەنتى ، شۇڭا سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم .
    - ھېچقىسى يوق ، - ئۇلار شۇ گەپلەرنى دېگىنىچە كۈتۈپخانا بىناسى ئالدىغا كېلىپ قالدى .
   - رەھمەت سىلەرگە .
   - ھېچقىسى يوق ، ئەمسە بىز ماڭدۇق .
   - توختاپ تۇرۇڭلار ، تېلېفون نومۇرۇڭلارنى دەپ بەرسەڭلەر قانداق ؟ - جودا ئىككىلەنمەيلا سورىدى ، چۈنكى ئۇ بۇ ئىككى نايناقنىڭ قانداقلىقىنى ئوبدان بىلەتتى . قىزلارمۇ جودانىڭ بۇ سوئالنى سورىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى . ماھىرە يېڭىدىن تېلېفون ئالغان ، رەنانىڭ تېلېفونى بولمىغاچقا ، ماھىرە تېلېفون نومۇرىنى جوداغا ئېيتىپ بەردى .
    - ۋاقتىم چىقسا تېلېفون قىلىمەن ، بىللە ئويناپ كېلەرمىز .
    - قېنى قاراپ باقايلى ... قىزلار كېتىپ قالدى ، جودا تۇنجى قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باسقانىدى . ئۇ ئەمدى ئىككىنچى قەدەمنى قانداق بېسىش ، قانداق قىلىپ بۇ ئىككى نايناقنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ ، ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىش ، سانىيە بىلەن قانداق تونۇشۇش ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتاتتى ...

    داۋامىنى يەنە يوللايمەن ...   
               



مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 13:06:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئىككى قىزنىڭ جودانىڭ پۇلىنى  سوقىۋالغىنى ھەم جودانىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنى ئويلاپ تازا كۈلۋالدىم ، نېيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك دېگەن دەل مۇشۇدە .
تەڭرىتاغ ئەپەندى بۇ تېمىنى باشقا بىر تېما قىلىپ يوللايمەن دېمەي مۇشۇ تېمىنىڭىزنىڭ ئاخىرغا يوللاپ قويۇڭ جىما  بىز تاپالايمىز .باشقا تېما قىلىپ يوللىسىڭىز بەزى كۈنلىرى بىز مۇنبەرگە كىرەلمىسەك تېما چۆكۈپ كېتىدۇ بىز تاپالمايمىز ، مۇشۇ تېمىنىڭ ئاخىرغا قوشۇپ يوللىسىڭىز بىزگە قولاي بولىدىكەن تېمىنى كۆرۈش ھەم تىپىش  .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
ھايات
تىللا
373
تۆھپە
56
UID
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 13:20:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راۋاجى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، يېزىڭە ھە ۋاقىت چىقىرىپ، ئادەمنى بىتاقەت قىلماي. بىكار ۋاقتىڭىز چىققۇچە ئىلھامىڭىز قېچىپ كەتمىسۇن يەنە. مەنمۇ ئالدىراشلىقىمدا مۇنبەرگە چىقىپ مۇشۇ تېمىنى بىر يوقلاپلا چۈشۈپ كېتىۋاتىمەن كۈندە.


ماڭا نېمە تىلىسەڭ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىككىسىنى ساڭا بەرسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 19:03, Processed in 0.068720 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991