ئىگىسى: تەڭرىتاغ

ئالماشقان بوۋاقلار ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
مەمەت ئىلىي
تىللا
33
تۆھپە
8
UID
204
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 23:42:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تىمىنى دەپلا كۇندە 15 -20 قىتىم ئاچىمەن .تەڭرىتاغ ئەپەندى بۇلسا داۋامىنى تىزراق يىزىۋىتىڭە


Rank: 3Rank: 3

تىللا
266
تۆھپە
54
UID
2526
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 10:04:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ لۈكچەكلە  ئۇقۇشىنى ئۇقۇماي قىزلارغا قىلتاق قۇرۇپ يۈرگىنىنى قارىمامدىغان،    قىزلاردا ئانىسىنىڭ ھەققى يوق بولغۇيتى

ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمەن


Rank: 4

تىللا
586
تۆھپە
70
UID
2958
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 23:32:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېرىپ قالماڭ ھە،بىز ساقلاپ قالدۇق```


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 02:04:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    دوستلارنىڭ مېنى قوللاپ ماڭا مەدەت بېرىۋاتقانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ، ئەسەرنىڭ بېشىنى باشلاپ تاكى ھازىرغا كەلگۈچە قىينالمايلا يېزىۋاتاتتىم ، لېكىن مۇشۇ نەچچە كۈندىن بېرى قىيىن مەسلىدىن بىرگە دۇچ كىلىپ قېلىپ ، پىرسۇناژلار مۇناسىۋىتى ئۈستىدە كىچىككىنە باش قاتۇرۇشقا توغرا كەلدى ، ئەسەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسىمۇ كاللامدا پىرسۇناژلار مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋالاي دېگەن مەقسەتتە مانا بۈگۈن داۋامىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يېقىنچىدىن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ، بەلكىم كۆپچىلىك پات يېقىندا تورىمىز ، مۇنبىرىمىز توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ خۇشخەۋەرلەرنى ئاڭلىشى مۇمكىن ، گەپنى ئاز قىلىپ ئەسىرىمنى يېزىشنى داۋاملاشتۇراي ، قېنى ئەمسە نەزەرىڭلار ئەسەرنىڭ داۋامىدا بولسۇن .
    داۋامى ...
    سانىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان جودا سانىيەگە قاراپ سوغۇققىنە بىر كۈلدى ۋە ئەمسە مېنىمۇ قاپاقباش كۆرمە دېگىنىچە يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ ئادەم كۆرەلمەيدىغان دالدىغا ئۆتتىدە سانىيەنىڭ ئاغزىنى چىڭ قاماللاپ ئولتۇرۇپ ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ساقالنى ئېلىپ كېتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى ...
    كوچىدا ئاندا - ساندا ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقانداق ئادەم زاتى قالمىغانىدى ، دېكابىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان ئاپئاق قار غۇۋا يېنىۋاتقان كوچا چىرىغىنىڭ ساغۇچ نۇرىدا تېخىمۇ ۋالىلدايتتى ، سانىيەنىڭ ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆرگەن جودا قولىنى سانىيەنىڭ ئېغىزىدىن بوشاتتى ، شۇ تاپتا سانىيەنىڭ جودانىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقى بىلەنمۇ كارى يوق پۈتۈن ئەس يادى ساقالدا قالغانىدى ، توختىماي يېغىۋاتقان ئاپئاق قار يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ياتقان ساقالنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئاپئاق داكىغا ئورىغاندەك يېپىپ بولغان بولۇپ ، سىنچىلاپ قارىمىسا ئۇ يەردە بىرەيلەننىڭ ياتقانلىقىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەنىدى . سانىيە ساقالنىڭ ھازىرقىدەك ئېچىنىشلىق ھالىتىگە قاراپ ئىچ - ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلىماقتا ئىدى ، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى يولۋاس چاڭگىلىدىكى قوزىغا ئوخشىتاتتى ، قۇدرىتى يەتسە ، مۇمكىن بولسا يۈگۈرۈپ بېرىپ ساقالنى يۆلەپ دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى ، ھېچ بولمىسا يولدا كېتىۋاتقان ماشىنىلاردىن بىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ، بىرەيلەننىڭ قاتتىق يارىلانغانلىقىنى ، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇش خىيالى پەيدا بولاتتى ، لېكىن سانىيەنىڭ جودانىڭ يېنىدىن بىر قەدەم ئايرىلىشقىمۇ ئىمكانىيىتى يوق ئىدى ، جودا شۇ پەيتتە ، شىر قوغلاپ قورقىتىۋەتكەن كىيىكتەك ناھايىتى ھوشيارلىق بىلەن كۆزلىرىنى ئۇياق - بۇياققا ئاغدۇرۇشقا ، ساقالغا پىچاق تىققان ئاشۇ مۇشتۇمچىلىك قارا يۈرىكى ھەددىدىن زىيادە تېز دۈپۈلدەپ سوقۇشقا ، پۇتلىرى يەڭگىل تىترەشكە باشلىغانىدى ، ئۇ قىشنىڭ سوغۇقىدا توڭلاپ تىترەۋاتامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ قىلىپ قويغان ئىشىدىن قورقۇپ تىترەۋاتامدۇ بۇنىسى نامەلۇم ئىدى . ئۇنىڭ كاللىسىدىمۇ ساقالنى قۇتقۇزۇش كېرەكمۇ ياكى قۇتقۇزماسلىقمۇ دېگەن مەسىلە ھۆكۈم سۈرەتتى ، ئۇنىڭ بۇ خىيالىنى سانىيە بۇزۇۋەتتى :
    - نېمىدىگەن زەھەرخەندە ، قارا نىيەت سەن ، قاراپ تۇرۇپ قۇتقۇزماي ، بىرەر پېشكەللىك كېلىپ قالسا قانداق قىلىسەن ؟ بۇنداق ئولتۇرماي بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزايلى .
    - قۇتقۇزايلى ؟ نېمىگە قۇتقۇزىسەن ؟ مەن جودانىڭ چىشىغا تەگكەن ئادەمنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى كۆرگەنسەن ؟ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سەن كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ئەمدى تولا ئالدىمدا ياخشىچاق بولۇۋالما !
    جودا شۇ گەپلەرنى قىلدىيۇ لېكىن يەنە ساقالغا ئىچى ئاغرىپ قالدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا يەنىلا ساقالنى قۇتقۇزۇش - قۇتقۇزماسلىق خىيالى ھۆكۈم سۈرەتتى ، دەل شۇ چاغدا يىراقتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ سېگىنال ئاۋازى ئاڭلاندى ، بۇ ئاۋاز بارا - بارا جودالار تۇرغان تەرەپكە يېقىنلاپ كەلدى ، جودا دوختۇرلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ قايتىدىن سانىيەنىڭ ئېغىزىنى چىڭ قاماللىدى . قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دەل جودالارنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى ، ماشىنىدىن بىر ئەر دوختۇر ، ئىككى سېستىرا چۈشۈپ ، يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ياتقان ساقالنى كۆردىدە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ساقالنى يەردىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماشىنىغا سالدى ، سانىيە بىلەن جودا ماشىنىنىڭ ئىچىدە دوختۇر - سېستىرالارنىڭ ساقالغا ئوكسىگىن سۈمۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ، يەنە ئالدىراش جىددىي بىر ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى غۇۋا كۆردى ، ھايال ئۆتمەي ماشىنا قوزغىلىپ دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ جىددىي يۈرۈپ كەتتى ، سانىيە شۇ چاغدا ۋارقىراي دېدىيۇ جودانىڭ ئاغزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىشى سەۋەبلىك ئاۋازمۇ چىقىرالمىدى ھەم قىمىرلىيالمىدى .
    قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن جودا سانىيەگە قاراپ تۇرۇپ :
    - پاسكىنا ، تاس قاپتىمەن ساڭا ئىشىنىپ ئاغزىڭنى قويۇۋەتكىلى ، - ئۇ شۇنداق دېگىنىچە سانىيەنى يەنە بىر تەستەك سالدى . سانىيەنىڭ كۆزدىن ياش ئېقىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ساقالنىڭ پاجىئەسىگە يىغلاۋاتقانلىقى ياكى جودانىڭ ئۇرۇشىغا يىغلاۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى .
    - ماڭە ئەمدى ، نېمىلا بولمىسۇن بولغۇلۇق بولدى ، قانداقلا ئىش بولسۇن بۈگۈن سېنى راسا بىر ئويناپ ئاندىن قالغىنىنى كۆرىمەن ، - جودا شۇنداق دېگىنىچە سانىيەنىڭ چېچىدىن تارتىپ تۇرغۇزدى ، سانىيە شۇ تاپتا ساقالنىلا ئويلاۋاتاتتى ، جودانىڭ ھازىر قىلغان گەپلىرى سانىيەنىڭ قۇلىقىغا كىرىپمۇ قويمىدى ، سانىيەنىڭ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن جودانىڭ تېخىمۇ ئەرۋايى ئۇچتى ۋە سانىيەنىڭ چېچىدىن تارتقىنىچە يولىنى داۋام قىلدى .
    جودا بايا ماھىرەگە ئېيتقان ياتاق بىلەن بەزمىخانىنىڭ ئارىلىقى خېلى بار بولۇپ ، جودا ماشىنا توسۇپ ماڭسا سانىيەنىڭ شوپۇرغا ئەھۋالنى ئاشكارىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ يولنى پىيادە داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى ، تۈن كېچىدە بىر جۈپ گەۋدە تارتىپ - سۆرەشكىنىچە قار باسقان ئاپئاق يولدا كېتىۋاتاتتى ...



***



    - ۋەي ۋەي ... ئەسقەرمۇ سەن ئاداش ، مەن سادىق ، ماۋۇ غالىپ بىلەن ئۆمەر كۆپ ئىچىپ قويدى دېگىنە ، بۇلار مەست بولغاچقا تاكسىمۇ توختىمايۋاتىدۇ ، بولسا دەرھال كەلسەڭ ، بۇ ئىككىسىنى ئېلىپ كەتسەك ، بولمىسا سوغۇقتا توڭلاپ قالىمىز ...
    ئەسقەر كۆزلىرىنى ئۇۋىلىغىنىچە تېلېفون قىلغان كىشىنىڭ ياتاقدىشى سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدى .
    - مانا دېدىمغۇ ، بارماڭلار دېسەم ئۇنىمايسىلەر ، يېرىم كېچە بولۇپ كەتتى ، ياتاقتىن قانداق چىقىمەن ؟ ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ ، تازىمۇ بىر .
    - ھەي ئەخمەق ، بۈگۈن يېڭى يىل ، سەن يېڭى يىلغا ئۇخلاپ كىرىپسەندە ، مۇشۇ ئىككىسىنىڭ بۈگۈن كەچ مەست بولۇپ قالغىنىنى دېمىسەم ئالامەت سورۇن بولدى بۈگۈن ، ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر ياردەم قىلغىن ، بۇ ئىككىسىنى مەن يالغۇز ئېلىپ كېتەلمىگۈدەكمەن .
    - مېنىڭغۇ ياردەم قىلغۇم بار ، لېكىن بۇ يېرىم كېچىدە ياتاقتىن قانداق چىقىمەن ؟
    - ياتاققا قارايدىغان ھېلىقى بۇرۇتلۇق ئاكىمىزنى ئىزدىگىن .
    - مەن يا ئۇ ئاكىمىزنى ياخشى تونۇپ كەتمىسەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا ئويغاتسام قانداق بولىدۇ ؟
    - بولمىسا مۇنداق قىلايلى ، سەن كىيىمىڭنى كىيىپ پەسكە چۈشكۈچە مەن ئۆزۈم ھېلىقى ئاكىمىزغا تېلېفون قىلىپ قويىمەن ، سەن ھازىرلا تەييارلىق قىلغىن .
    ئەسقەر ئېرىنچەكلىك بىلەن قوللىرىنى كەڭ يېيىپ تازا بىر كېرىلدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيىپ ، پەسكە چۈشتى ، دەرۋەقە ، سادىق ئاللىقاچان بىناغا قارايدىغان ئەسئەت ئاكىنى كەلتۈرۈپ بولغان بولۇپ ، ياتاق ئىشىكى تاقاقتەك قىلىپ يېپىپ قويۇلغانىدى ، ئەسقەر بېرىپ ئىشىكنى يەڭگىل ئىتەردى ، دېگەندەك ئىشىك ئوچۇق بولۇپ ، ئۇ ئىشىكتىن غىپپىدە چىقتىدە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مەكتەپ سىرتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
    ئەسقەر شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ، جودا ، ساقال ، سانىيە ، رەنا ، ماھىرە قاتارلىقلار بىلەن ياش جەھەتتىن تەڭ قۇراملىق ئىدى ، ئۇ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى ، دەرسلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ، ئالدىن ئۆگۈنۈپ دېگەندەك ئۆزىنىڭ خەنزۇتىلى ئاساسىنى پۇختىلىدى ، ئۇ كۈندە دەرسخانا ، ئاشخانا ، كۈتۈپخانا ، ياتاق ئارىسىدىلا قاتنايتتى ، سىرتلارغا كەمدىن - كەم چىقاتتى ، چۈنكى ئۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئۆزىگە بېرىلگەن پۇرسەت دەپ قاراپ ، تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇشنى ، ياخشى ئوقۇپ ، ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىپ ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ ، ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلىگە چىڭ پۈككەنىدى ، شۇڭا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ تۇنجى مەۋسۈمى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى تېز ئۆتۈۋاتقاندەك ، ئۆگەنگەنلىرى يېتەرلىك بولمايۋاتقاندەك بىلىندى ، مانا ھەش - پەش دېگۈچە يېڭى يىل كېلىپ قالغانىدى ، يېڭى يىل كېلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئەسقەرنىڭ ياتاقداشلىرى يېڭى يىلنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدى :
    - ئاغىنىلەر ، يېڭى يىلمۇ كېلىپ قالدى ، زادى قانداق ئۆتكۈزسەك بولار ؟ - دەپ سۆز باشلىدى ئۆمەر .
    - قانداق ئۆتكۈزىمىز ؟ شۇ ئوينايمىز ، دىباغا بېرىپ ئوينايمىز ، - دەپ جاۋاب بەردى غالىپ .
    -دىباغا قىزلار بىلەن بارىدىغان ، قىزلار بولمىسا قانداق بېرىپ ئوينايمىز ،- دېدى ئۆمەر غالىپقا قاراپ .
    - ھەي دۆتمىكىن دېسە سېنى بوينۇڭنىڭ ئۈستىدە بېشىڭ بار ، كۆزلىرىڭ پىقىراپ تۇرىدىدە ، قىز بالا دېگەننى شۇنداق دىبادىن تاپىدىغان ، ئۈرۈمچىگە كەلگىلىمۇ نەچچە ئاي بولۇپ قالدى ، بىكار ئولتۇرغىچە ئاز تولا بۇنداق ئىشلارنىمۇ بىلىپ قويىسەن ، - غالىپ ياتاقنىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن - بۇياققا ماڭغاچ سۆزلەۋاتاتتى ، - ئاڭلىسام يېڭى يىل كىرىدىغان ئاخشىمى دىبالارداخىلمۇ خىل ئويۇنلار تەييارلىنىپ ، يېڭى يىلغا كىرىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى 10 سېكۇنت ۋاقىت تەتۈر سانىلىپ بەك قىززىيدۇ دەيدۇ ، شۇڭا بۇنداق پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولمايدۇ .
    - توغرا دېدىڭ ، - دەپ گەپ قىستۇردى ئۈستۈنكى كارىۋاتتا تاماكا چېكىپ ياتقان سادىق ، - چوقۇم ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىمىز ، قىزلار بىلەن ئۆتكۈزۈشىمىزكېرەك ، قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرۈيمىز ، ئاڭلىسام دىبا دېگەنگە قىزلارنىڭ نوچىسى ، ئۆتتۈرىدىغانلىرى كىرىدۇ دەيدۇ ، نۇرغۇنلىغان ئوغۇللار دىباغا كىرىپ قىز بالىلار بىلەن تونۇشۇپ بىللە ئويناپ بىللە ھاراق ئىچىپ ھەتتاكى چىكىشىپ تەڭ سورۇن قىلىدىكەن ، ئارقىدىن سەن ئۇلارنى نەگە دېسەڭ شۇ يەرگە ماڭىدىكەن ، كىم بىلىدۇ شۇ كۈنى تېخى بىزگىمۇ << ئات >> تەك تىككىسلاپ ماڭىدىغان سەتەڭلەردىن ئۇچرىشامدۇ تېخى ...
    ياتاقتا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى ، سادىق ياتاقداشلىرىنىڭ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈۋاتقانلىقىنى ياكى بۇ پىلانىدىن خۇش بولۇپ كۈلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا قالغانىدى ، ياتاقتىكىلەر بىر قۇر كۈلۈشىۋالغاندىن كېيىن غالىپ سۆز باشلىدى :
    - ئەمسە بارىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار ، - مەن ئەتىلا دىبادىن بىر ئورۇن ئېلىپ قوياي ،- دېدىدە قولىنى ئىگىز كۆتۈردى .
   ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سادىق بىلەن ئۆمەر قول كۆتۈردى ، قالغان تۆتەيلەن ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىل كۈنى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى ، ھازىر پەقەت ئەسقەرلا ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولۇپ ، ئۈچەيلەننىڭ كۆزى ئەسقەرگە تىكىلدى .
   - ئەسقەر ، سەنچۇ بارىدىغانسەن ،- دېدى غالىپ .
   - ياق بولدى بارمايمەن سىلەر بېرىپ ئويناپ كېلىڭلار .
   - ئاداش ، ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن دىبا دېگەنگە قانچە جىق ئادەم بارسا شۇنچە قىززىيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋۇ يەردە ئانچە - مۇنچە سۈركىلىشىپ قالسىلا ئۇرۇش چىقىدۇ ، شۇڭا ئادەم جىقراق بولسا ياخشى ئەمەسمۇ ؟ - غالىپ ئەسقەرگە ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەۋاتاتتى .
    - ياق بولدى ، سىلەر بېرىڭلار ، مېنىڭ قىلىدىغان ئۆگۈنۈشلىرىم بار .
    باياتىن غالىپنىڭ دىباغا بارسا ئۇرۇش - سوقۇش چىقىپ تۇرىدۇ دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان ئۆمەرمۇ جىم تۇرالماي قالغانىدى .
    - ئەسقەر ئاغىنە ، بىللە ئويناپ كېلىلى ، نېمىلا دېگەنبىلەن بىر ياتاقنىڭ بالىلىرىغۇ ...
    - رەھمەت ياخشى كۆڭلۈڭلەرگە ، مېنىڭ راستىنلا بارغۇم يوق .
    - بارمايمەن دېدىغۇ ، بوپتۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلى ، - دەپ سۆز باشلىدى سادىق ، - ئۇنىڭ ئۈستىگە دىباغا قوتاندىكى قويدەك ھەممىمىز يوپۇرۇلۇپ بېرىۋالساق ، قىزلار قورقۇپ قېچىپ كەتمەمدۇ ؟ شۇڭا بولدى ئۈچىمىزلا بارايلى ، ئاز بارساق ساز بولىمىز ، ئۈچ قۇچقاچ بىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتامدۇ تېخى ...
    سادىق ، غالىپ ، ئۆمەر ئۈچىسى يېڭى يىل ، دىبا ، قىزلار توغرىسىدا قىزغىن پاراڭغا چۈشكەنىدى ، ئەسقەر ئۇلارنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ سوغۇققىنە كۈلۈپ قويدىدە يەنە ئۆز ئۆگۈنۈشىنى باشلىۋەتتى .

    مانا بۈگۈنكى كۈندە يېڭى يىلمۇ كىرىپ ، ئۈچەيلەن دىباغىمۇ بېرىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئەسقەرنى ئاۋارە قىلىۋاتاتتى .
   ئەسقەر مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ ماشىنىدىن بىرنى توستىدە سادىقلار ئولتۇرغان << تۈندىكى چاقماق >> بەزمىخانىسىغا قاراپ ماڭدى .
    ئەمدى گەپنى سادىق ، ئۆمەر ، غالىپتىن باشلايمىز . بۇ ئۈچەيلەن دىباغا بېرىپ راسا ئوينىدى ، لېكىن بۇ ئۈچ بايقۇشنىڭ ئارزۇسىغا يارىشا ، بۇلار دېگەندەك قىزلار يوق بولۇپ ،ھەممە ئۈستەللەردە قىز - ئوغۇللار قىزغىن ھەمسۆھبەتتە بولغانىدى ، ئۈچەيلەننىڭ ئارىسىدىن ئەڭ ئاۋۋال سادىق سۆز باشلىدى :
    - ئاناڭنى ، دىباغا قىز بالىلار جىق كىرگىنى بىلەن ھەممىسىنىڭ ئىگىسى بار ئىكەن ئەمەسمۇ ، قارا ئاۋۇ ئۇدۇلىمىزدا ئولتۇرغان ئاۋۇ ئىككى پاسكىنىغا ، دادىسىدەك ئادەملەر بىلەن ئولتۇرۇپ ناز - كەرەشمە قىلىپ ھاراق ئىچىۋاتقىنىنى ، توۋۋا دېسە بولىدۇ .
    - نېمە قىلسا قىلمامدۇ ، خەق بىلەن نېمە كارىڭ ، يا سېنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى خەجلىمىسە ، - دېدى غالىپ ، پۇلۇڭ بولسا ، ھوقۇقۇڭ بولسا ئەنە شۇلار سەن بىلەن ئولتۇرىدۇ .
   -ئامال بار تېنچ ئويناپ تېنچ قايتساق بولاتتى ، - ئۆمەر دىباغا كىرگەندىن بۇيان ، ئەتراپىدىكى ئوغۇللار ئولتۇرغان ئۈستەللەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئادەم سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلىغانىدى .
    تاماقلار كەلتۈرۈلۈپ ، ھاراقلار ئىچىلىپ ، ئۇسسۇللار ئوينىلىشقا باشلىدى ، غالىپ بولسا ئۆمەر بىلەن سادىقنى توختىماي ئىچىشكە زورلايتتى ، ئۆمەر قورققىنىدىن ھاراق ئىچسەم ياخشى بولۇپ قالىمەن دېگەن مەقىسەتتە غالىپقا ھەمدەم بولۇپ ئىچىشكە كىرىشىپ كەتكەنىدى . سادىق بولسا دىبادىن قۇشقاچ ئىزدەپ ، زور ئۈمىدلەر بىلەن ئەتراپىدىكى قىزلاردىن كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتاتتى ...
    داۋامىنى يەنە يازىمەن ...


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 3Rank: 3

تىللا
266
تۆھپە
54
UID
2526
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 04:48:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلاۋاتىمەن


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
3031
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 14:56:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانچە  ئادەمنى تەقەززا  قىلىسىز


Rank: 2

تىللا
138
تۆھپە
22
UID
2946
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 17:27:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى تۇگىگەندە ئاندىن سىز بىلەپ پىكىرلىشەي


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
401
تۆھپە
229
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 00:44:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىمامسىز تېزراق داۋامىنى، قەلەم ھەققى بېرەيلى سىزگە...بىزنى تەققەزا قىلۋەتتىڭىزغۇ بەك يائاللا@!!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
266
تۆھپە
54
UID
2526
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 11:23:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ پوۋېستنىڭ ئاخىرى يېزىلدىمىكىن دەپ كۈندە نەچچە قېتىم كىرىپ قاراپ باقىمەن. ئاخىرىنى ئۇقۇپ بولغۇچە بېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولدۇم.
ئۇنداق قىلماي بىر يېزىۋېتىڭە ئاخىرىنى! گۈلنىمۇ جېقراق بىرەي بوپتۇ  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
737
تۆھپە
359
UID
1195
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 13:41:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە تۇگىدى


دوسلار ياخشىمۇ سىلەر ،بىرنەچچە كۇن بوپتۇ تۇرغا چىقمىغىلى  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 19:02, Processed in 0.071110 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991