كۆرۈش: 339|ئىنكاس: 5

گۈلمېھرە : مەن سۆيىمەن سېنى ئەبەدكە

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلمھرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-24 09:11  

مەن سۆيىمەن سېنى ئەبەدكە


     گۈلمېھرە



بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزەي قانداق ،
سېنى ئۇنتۇش تەس بولدى ئەجەپ .
سەزمىدىڭمۇ سۇلغۇن ئەپتىمدىن ،
ئازاپ بىلەن يۈردۈم سېنى دەپ .


ئۆتتى كۈنلەر ئازاپ ئىچىدە ،
ھەر نەپەستە بولدى چارچاش يار .
تەن بەرگۈم يوق بۇ كەچمىشلەرگە ،
قىلمايتىم ھەم ئۇنى ئىختىيار .


قاراپ قالدىم كەينىڭىدىن  ئۇزاق ،
مېنى راستىن كەتتىڭمۇ تاشلاپ .
ئۆتەرمەنمۇ ئەمدى بىر ئۆمۈر ،
سېنىڭ ئۈچۈن كۆزۈمنى ياشلاپ .


ئۇزاتقاندا سېنى يىراققا ،
ئىزتىراپتا ئۆتتى ھەر كۈنۈم .
سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ ،
جۇدالىقنىڭ دەردىنى  گۈلۈم  .


مەن چۈشەندىم مۇھەببەت ئەسلى ،
خاس ئەمەسكەن بىرلا يۈرەككە .
قىلالمىدىم سۆيگۈمنى ئىزھار ،
كۆيەلمىدىم سەندىن بۆلەككە .


شۇ ئازاپلىق كۈنلەر ئۇنتۇلماس ،
تەقدىر بىزنى قويدى ھەسرەتكە .
ئايرىلساقمۇ گەرچە بىر مەھەل ،
مەن سۆيىمەن سېنى ئەبەدكە ....


2014 - يىلى 23 - دىكابىر قەشقەر .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +9تىللا +7تۆھپە +9شۆھرەت +8يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!
بۆركۈت + 3 + 2 + 3 + 3ياخشىكەن..!
ئالىم + 3 + 2 + 3 + 2ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-23 21:08:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-23 21:10  

   ئايرىلىش ھىسياتىنى ياخشى ئىپادىلەپسىز . .ئاددى بىر تەكلىپ: بۇ كوبلىتنىڭ ئاخىرىقى مىسراسىدىكى "جېنىم" سۆزىنىڭ ئورنىغا "گۈلۈم " دەپ ئالساق قانداق بولار ؟
                         ئۇزاتقاندا سېنى يىراققا ،
                         ئىزتىراپتا ئۆتتى ھەر كۈنۈم .
                         سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ ،
                         جۇدالىقنىڭ دەردىنى  جېنىم .
ۋاقتى: 2014-12-23 21:49:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېرىڭىزدا ئايرىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم بولغان مەزمۇننى ياخشى ئىپادىلەپسىز   ھازىر جەمىيتىمىزدە پاك مۇھاببەتنىڭ قەدىر قىمىتىگە يىتىدىغان ياخشى ئەخلاقىق قىز - ئۇغۇللار  100 نىڭ ئىچىدىن ئاز بىر قىسمى تېپىلىدۇ . ياخشى يېزىپسىز  ئىجادىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-24 09:08:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆركۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 21:08
ئايرىلىش ھىسياتىنى ياخشى ئىپادىلەپسىز . .ئاددى بىر تە ...

ئەسلى شۇنداق ئىدى ، مەن ئايال كىشى بولغاچقا جېنىم ... دەپ ئالغانتىم . شۇ بويىچە ئېلىۋېرەي ئەمسە .
رەھمەت !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-24 09:10:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت ! خۇش بولدۇم .
ۋاقتى: 2014-12-24 16:50:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، مۇشۇنداق ياخشى شئېرلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز، قەلىمىڭىزگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش