بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلمھرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-11 11:49
مەيلى قاچساڭ قېچىۋەر نىگار
قاچىسەنغۇ ئۈركۈگەن قۇشتەك ، قاراشقىمۇ يوققۇ ھەپسىلەڭ . ئازدۇردىمۇ ئېيتىقىنا سېنى ، ھېيلىسى كۆپ جادۇگەر سەتەڭ ...
مەيلى قاچساڭ قېچىۋەر نىگار ، كۈلۈپ تۇرۇپ خوش دەيمەن سېنى . بىر كۈنلەردە قالساڭ سېغىنىپ ، پۇشايماندا ئەسلەرسەن مېنى ...
يېلىنغۇم يوق ساڭا پەقەتلا ، شەرت قويمىغىن سۆيگىن دەپ مېنى . تاڭالمايمەن سۆيگۈمنى مەڭگۈ ، چىن دىلىمدىن سۆيسەممۇ سېنى .
خوش دەپ كەتسەم بىلىپ قال نىگار ، قارالمايمەن ئەمدى ئارقىغا . قارغىش ، تىللاش ئورنىغا پەقەت ، مەڭگۈ بەخىت تىلەيمەن ساڭا ...
2015 - يىلى ، 8 مارت قەشقەر |