كۆرۈش: 268|ئىنكاس: 7

گۈلمېھرە : ‏ئىشەن چوقۇم تاپىمىز ۋىسال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‏ئىشەن چوقۇم تاپىمىز ۋىسال

          گۈلمېھرە

‏ئۈلپەت بولۇپ ھەر كېچە ئايغا ،
‏نىگار سېنى قىلىمەن خىيال .
‏يۈركىمنى ئۆرتەيدۇ تىنماي ،
‏نىمە ئىشتۇ مەندىكى بۇ ھال ؟


‏سەنمۇ مەندەك بىدارمۇ ھەر كەچ ،
‏ ئەسلىتەمدۇ  قېشىمنى  ھېلال ؟
‏مېنىڭ ئوتلۇق لەۋلىرىم كەبى ،
‏سۆيەمدۇ يار  لېۋىڭنى شامال  ؟


‏بىلىنسىمۇ ئۇزاق ئۇ تۈنلەر ،
‏ھەسرەت چېكىپ بولمىغىن مالال .
‏چىن سۆيگۈگە بولساقلا سادىق ،
‏ئىشەن ، چوقۇم تاپارمىز ۋىسال .



‏2014 - يىلى 12-  ئاينىڭ 2- كۈنى .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-4 13:09:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنقىدى پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر ...
ۋاقتى: 2014-12-4 14:15:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 12:52  

   ئارزۇ -ئۈمىدكە تولغان ئۇشبۇ لېرىكىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ . 1-كوبلىت 3-مىسرادىكى "يۈركىم"سۆزى ،"يۈرېكىم"بولىشى كېرەك. 3-كوبلىت 1-مىسرادىكى"ئۇ تۈنلەر"سۆزى "بۇ تۈنلەر"دەپ ئېلىنسا مۇۋاپىق بولۇرمىكىن دەپ ئويلىدىم .كەچۈرۈڭ بىلەرمەنلىك قىلىپ قويدۇم .
ۋاقتى: 2014-12-4 15:38:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   داۋاملىق تىرىشىڭ !!! ياخشى يېزىپسىز .  ئىملاغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ .
ۋاقتى: 2014-12-4 16:38:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزلىپتۇ ،بۈركۈت دىگەن  بۇيىچە بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك .  ئىجادىيەت سەپىردە تېخىمۇ تىرشقايسىز .
ۋاقتى: 2014-12-4 19:51:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئىشەن ،چوقۇم تاپارمىز ۋېسال."
ئاي گۇۋادۇر ،ئۇشبۇ لەۋزىڭگە .
شېرىن كەبى  ۋاپا ئەھلى بوپ ،
پەرھادىڭنى تاڭغىن قەلبىڭگە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-5 12:20:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دىگەندەك بىر  دانە ى چۈشۈپ قاپتۇ . مەنمۇ دىققەت  قىلماپتىمەن . بۇنىڭدن كىين دىققەت قىلاي .
ۋاقتى: 2014-12-6 14:00:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېزىپسىز ، بايقاش شائىرلىرىگە كۆز تەگمىسۇن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش