| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلمھرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-22 11:56
كۈتۈش نەسىر بۈگۈن پىغانىم ئۆرلەپلا قالدى ، كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم ... يامغۇرنىڭ شۇنچە قاتتىق يېغىۋاتقىنىغا قارىماستىن سېنى كۈتىۋاتىمەن . ئەتراپىمدىكى ئادەملەر مېنى مەسخىرە قىلۋاتقاندەك نەزەردە قاراپ قويۇپ نەگىدۇر ئالدىرىشىپ ئىلدام كېتىپ بارماقتا . مەن سەن كېلىدىغان يولغا قاراپ ئۈن - تۈنسىز بىر نوقتىغا تىكىلىپ سېنى كۈتىۋاتىمەن . ئىللىق مېھىر ، تەلپۈنۈش مېنى بىئارام قىلماقتا . كۈتىۋاتىمەن ... خۇددى ئەتىۋارلىق بىر نەرسەمنى يوقىتىپ قويغاندەك ئەنسىزلىك ئىچىدە تەرەپ - تەرەپكە قاراۋاتىمەن . كىملەرنىڭدۇ ئوخشاپ قالغان تەققى - تۇرقى ، يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقماقتا . يەنىلا ناتۇنۇش چىرايلار ... كۈتىۋاتىمەن ... ساقلاۋاتىمەن ... سوغۇقتىن مۇزلاۋاتقان جىسمىم ... ئۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، سەزگۈمنىڭ مېنى ئالدىشىغا ئىشەنمەيتىم ، چۈنكى ، مەن ئەزەلدىن مۇنداق تۇيغۇغا ئالدىنىپ باقمىغان ... لىكىن مەن بۈگۈن شۇنچە تەشنا بولۇپ كۈتىۋاتقان سەن قەيەرلەرگىدۇر غايىپ بولغان ئىدىڭ .
قاتتىق خورلانغان قەلبىم بۇ ئازاپقا بەرداشلىق بېرەلمىدى ، پىغان بىلەن تەڭرىمگە نىدا قىلدىم :
- ئۇلۇغ رەببىم ، يۈركىمگە ساداقەت ، ۋاپا ، سەمىمىيلىك ئۇرقىنى چېچىپ ، باشقىلاردەك قارا يۈرەك قىلىپ ياراتماپتىكەنسەن ، ئۇلاردىن پەرقلەندۈرۈپ يارتىپتىكەنسەن ! شۇنداق تۇرۇپ مەن يەنە ئالدىنامدىم ؟ ھەسرەت چېكەمدىم ؟ مەن ئازابىڭغىلا يارالغانمىدىم ؟ مېنىڭ ۋۇجۇمدىكى بۇ مېھىرنى يوق قىلۋەتكىن ، مەنمۇ باشقىلاردەك ساداقەت ، ۋاپا ، چىن سۆيگۈ پەردىسىنى يىراق - يىراققا چۆرۈپ تاشلاپ ، بارچە ئازاپلاردىن بىراقلا قۇتۇلۇپ ، كۈلۈپ ياشاپ باقاي ... كۆز ياشلىرىم توختىماي چۈشمەكتە ، ۋۇجۇدۇم ئۈششۈك تەگكەن ياپراقتەك تىترىمەكتە ...
شۇ تەرىزدە قانچىلىك تۇرغىنىمنى ، ۋاقىتىنىڭ نەچچە بولغىننى بىلمەيمەن . بىر ۋاقىتتا قۇلقىمغا شۇنداق بىر نىدا ئاڭلانغاندەك بولۇپ ، يەر - جاھان نۇرلانغاندەك بىلىندى . - سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتكىن . سەن ساقلاۋاتقان بۇ سۆيگۈ ئىگىسى سەن تامام كەلمەكتە ، ئۇنىڭىغا پۇرسەت بېرىپ يەنە كۈت ، يەنە ساقلا ... شۇئان قەلبىم لەرزىگە كېلىپ كۈچكە تولدۇم . خىيالىمدا ساڭا شۇنداق پىچىرلىدىم :
- ئاچچىق ھەسرەت ھەم ئازاپ قىينىسىمۇ گەر مېنى ، ئاھ ، بولدىلا كەچۈرۈپ ، كۈتەي جېنىم مەن سېنى ...
مەنبە ؛ مەن . 2014 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر قەشقەر |
|