كۆرۈش: 335|ئىنكاس: 6

شىرىن چۈشتەك بولدى ئايرىلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىرىن چۈشتەك بولدى ئايرىلىش



گۈلمھېرە



ئاپئاق كېچە ، ئاق قارلىق دالا ،
ئۆرتىنىدۇ  يۈرىكىم تەنھا .
ئەزمەكتە ھەم مۇز تۇتقان كارۋات ،
لەھەت ئىچرە ئاتقاندەك گويا .



يىگانىمەن بوزلىغان قۇشتەك ،
ۋۇجۇدۇمغا ئازاپ ھۆكۈمران .
زۇلپىقاردەك ئازاپ تىرنىقى ،
ئاققۇزماقتا يۈرىكىمدىن قان .


كۆكتە يوقتۇر بىر پارچە بۇلۇت  ،
لىكىن لەپ - لەپ چۈشمەكتە ئاق قار .
شىرىن چۈشتەك بولدى ئايرىلىش ،
قىزلگۈلدەك توزىغاچ نىگار ...

مەنبە : مەن
2014 -يىلى 14  دىكابىر .  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
مەرىپەت + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-15 13:16:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتىغۇ، يارايسىز، يەنىمۇ ياخشى شئېرلارنى  يېزىپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ۋاقتى: 2014-12-15 13:18:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ تېمىڭىزمۇ بەلەن چىقىپتۇ . بىراق ، 1-كوبلىتنىڭ 3،4-مىسراسى يەنى :
                   " ئەزمەكتە ھەم مۇز تۇتقان كارۋات ،
                    لەھەت ئىچرە ئاتقاندەك گويا ."
    دېگەن مىسرالار تازا ماسلاشمىغاندەك تۇرىدۇ . بەلكىم مەن شۇنداق ھىس قىلغاندىمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-15 16:00:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆركۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 13:18
بۇ تېمىڭىزمۇ بەلەن چىقىپتۇ . بىراق ، 1-كوبلىتنىڭ 3،4-مى ...

ياخشى تەكلىپ بوپتۇ ،رەھمەت
مەن بۇ مىسرالارغا يەنە بىر ئىشلەپ باقاي .
ۋاقتى: 2014-12-22 11:04:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا     sazgum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-22 16:23  

ياخشى يىزىپسىز بارىكاللا سىڭلىم.داۋاملىق يىزىپ تۇرغايسىز.

ئەجەپ تاركەن ئىچىڭىز شۇنداق،
يالغۇز ياتقان پەقەتلا سىزمۇ؟
كارۋات ئەمەس ھەتتا جاھاننى،
مېھىر بىلەن ئىللىتارسىزغۇ

قېنى دوستۇم تېرىشىپ بىقىڭ؟
قولتۇتۇشۇپ باقايلى بىزمۇ.
مېھرى ۋاپا ئەقىدىمىزدىن،
گۈللەر ئۈنسە سۆيىنىمىزغۇ.

مىراس ئەمەس ئەزەلدىن بىزگە،
مۇزلاپكەتكەن تاق كىشلىك كارۋات،
سەۋىر قىلىپ كۈتسەك نىگارنى،
ھاسىل بولغاي بىر كۈنى مۇرات.

باھا سۆز

قۇت بولسۇن ، ياخشى چىقىپتۇ !  ۋاقتى: 2014-12-23 15:13
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-23 16:35:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە !
مۇكاپاتلاپسىز .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش