بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلمھرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 12:10
سەن كەلمىسەڭ كېلەمدۇ باھار
گۈلمېھرە سەن كەلمىسەڭ كېلەمدۇ باھار ، باھار كەلمەي كۈلەمدۇ زىلال . سەن بولمىساڭ ئېيتقىنا دىلدار ، تەبەسسۇمدا باقامدۇ ھېلال . سەن كەلمىسەڭ كېلەمدۇ باھار ، باھار كەلمەي كۈلەمدۇ جاھان . ۋىسالىڭغا قىلىپ ئىنتىزار ، بۇ قەلبىمگە بولۇپسەن خاقان . سەن كەلمىسەڭ كېلەمدۇ باھار ، بولماقتىمەن ھېجرىڭدە مالال . سەن كەلمىسەڭ ئېيتقىنا دىلدار ، بۇ سۆيگۈمىز تاپارمۇ ۋىسال . شۇڭا دەيمەن ساڭا ئەي دىلدار ، كەل قەلبىمگە بولۇپ سەن باھار . سېنىڭ ئۈچۈن بۇ يۈرەك يانار ، قالمىسۇن دەرد دىللاردا زىنھار .
مەنبە : ئۆز قەلەم . 2014 - يىلى 17 - مارت . |