| بىلمىدىڭ
گۈلمېھرە
يۈرىكىم بولدى لەختە قان تېمىپ ، چۈنكى سەن تۇرغاچ تىنىمسىز باغرىم تىلىپ . تۈنلىرىم ئۇلاشتى تاڭغا غەم بېسىپ ، سەن « جوھۇت » تويمىغاچ ھېچ قان ئىچىپ .
گۈل چىرايىم بولدى شۇندىن زەپىران ، ئوتقا چۈشكەن قىل كەبى قىينالدى جان . زۇلمىتىڭىدىن ئېڭىزىمدا قالدى دان ، بىلمىدىڭ ، ھېجرىڭدە بولدۇم ناتىۋان ...
ئاسمىنىڭدا چاقنىماس ھۈكەرلىرىم ، باغلىرىڭدا ھېد چاچالماس گۈللىرىم . شۇ سەۋەپتىن تىتما - تىتما تەنلىرىم ، توختىماس دەردلىك كۆزۈمدىن ياشلىرىم .
«قارىساڭلا ئويىمەن دەپ كۆزلىرىڭنى، سۆزلىسەڭ ھەم كېسىمەن دەپ تىللىرىڭنى ». ھە - دىگەنچە قىپ كۆتۈرمەس باشلىرىمنى ، پۇشايمانغا لىق توشقۇزدۇڭ دىللىرىمنى .
سەن رەھىمسىز ئىچ ئاغرىتىشنى بىلمىدىڭ ، مەن زەبۇننىڭ ھالىغا بىر باقمىدىڭ . قان شوراش ھەم جان ئېلىشكەن ئادىتىڭ ، سەن ئۈچۈن جان بەرگەننى ھەي ... بىلمىدىڭ .
ئەمدى بىلدىم سىرلىرىڭنى ئەي جانان ، دىلنى ئەزدىڭ سەن بولۇپ ماھىر خاقان . كۈلسۇن جېنىم ، تۈگىسۇن زۇلۇم ، كۈلسۇن جاھان ، شۇنى بىلگىن ، بىزنى كۈتەر تۇپراق ھامان ...
2014 - يىلى 22 - ئىيۇل قەشقەر . |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|