كۆرۈش: 346|ئىنكاس: 5

گۈلمېھرە : دەيمۇ سېنى يۈرەك ئوغرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەيمۇ سېنى يۈرەك ئوغرىسى


          گۈلمېھرە


ھۆكۈمرانى بوپسەن قەلبىمنىڭ ،
كىشەنلەندى بۇ كۆڭۈل شەكسىز .
چىرماپ ئالدى مېنى مىسكىنلىك،
ئازاپلىرىم تۈگىمەس سەنسىز .


سىمايىڭنى ئىزلەيمەن ھارماي ،
كۆرەلمىسەم يىغلار يۈرىكىم .
ھېدلىرىڭنى  ئېپ كەلسە شامال ،
شىرىنلىكتە چۇلغىنار قەلبىم .


تۇيۇپ قالدىم يۈرىكىم يوقتەك ،
سەندە ئىكەن بۇ ئەڭ توغرىسى .
تۇيدۇرماستىن ئېلىپ قېچىپسەن ،
دەيمۇ سېنى يۈرەك ئوغرىسى .


ئارمانلىرىم كۆتۈرەر چۇقان ،
تۈن قارىسى كەلسە تىۋىشسىز .
تولۇن ئاينى ئوخشىتىپ ساڭا ،
ھېدلىغۇم بار قانغۇچە ئۈنسىز ...


        
مەنبە ؛ مەن شۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +6تىللا +6تۆھپە +6شۆھرەت +6يىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ئېسىل لىرىكا
مەرىپەت + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-24 19:20:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن ئوغرى يۈرەك ئوغرىسى،
ئۇندا باردۇر پەرھات سىماسى .
چارىسىزدۇر  شۇڭا  قانۇنمۇ ،
بېرىۋەتكىن ئىشنىڭ توغررىسى .

لېرىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي....
ۋاقتى: 2014-11-24 19:32:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزدىن شۇنچە ھوزۇرلاندىم ، رەھمەت سىزگە !
ۋاقتى: 2014-11-24 21:08:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرىڭىز مەڭگۈ ئۈزۈلمىگەي
ۋاقتى: 2014-11-24 22:49:56يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ نازۈكلۇق يوشۇرۇنغان بىر لىرىكا بوپتۇ،يەنىمۇ تىرشىپ يوللاپ تۇرۇڭ
ۋاقتى: 2014-11-25 15:55:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زىبا. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 16:58  

ئويچان كۆزدە ئوقيا ئاتتىڭمۇ ؟
دىل تارەمنى تۇيۇقسىز چىكىپ.
ئۇيقۇ كەلمەس كۈزۈمگە ھەتتا ،
سىرلىرمنى يۇلتۇزغا تۈكۈپ .

پىنھانلاردا يۇشۇرماي ئېيتقىن ،
ماڭا بولغان ئوتلۇق مىھرىڭنى ،
ئىشقىڭدا مەن يىگانە ياپراق ،
دەيمۇ سېنى يۈرەك ئوغىرسى .

شېئرڭىز   ياخشى  چىقىپتۇ  شۇڭا  ئاز  -تۇلا  ياندىشىپ  قويدۇم   .  بۇ  شېئرڭىز  ماڭا  2  يىل  بۇرۇن  يازغان   بىر  ھىكايەمنى   ئەسلەتتى   .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش