سىزنى سېغىنىپ كەتتىم، گۈلۇم (نەسىر)
قارىشى جىنىسلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسى مۇھەببەت ئوخشايدۇ، گۈلۈم. شۇنچە كۈچىدىم دوستلۇقىمىزغا چاك كەتمىسۇن، ئىشقىمنى، سۆيگۈمنى، سېغىنىشىمنى ئاشكارللىسام دەپ. ئەمما ئىشقىڭىزدا پاراسلاپ كۆيىۋاتقان يۈرۈكۈم بەرداشلىق بېرەلمىدى، سىرنى يۆشۇرالمىدى، سىزنى سېغىنىپ بولالمىدى... - بۇ دېگەن ساراڭلىق؛ بۇ دېگەن ئۆز- ئۆزىمىزنى ئالداش. نېمە ئۇ سۆيگۈ، ئىشىق دېگەن بۇ ياشقا كەلگەندە!؟ دېگەن ئىدىڭىز، مېنى ئاگاھلاندۇرۇۇپ. لېكىن، مەن ساراڭ بولدۇم، ئىشقى- پىراقىڭىزدا ساراڭ بولدۇم. سىزنى سېغىنىپ كەتتىم گۈلۈم، خۇددى پەرھات شىرىنىنى، غېرىپ سەنىمىنى، تاھىر زوھرەسىنى سېغىنغاندەك. مەن ئۆزەمنى ئالدىمىدىم گۈلۈم، سىزنى سېغىنماي دەپ ئۆزەمنى سەيلىگە زورلاپ باقتىم، مەنزىرىلەر، ماڭا ھۇزۇر ۋە لەززەت بېرىدىغان، نېرىپلىرىمنى تېنىچلاندۇرىدىغان مەنزىرىلەر خىيالىمغا كىرىپمۇ قويمىدى؛ ئۆزەمنى خىزمەتكە بېسىپمۇ باقتىم، ئۈنۈم بولمىدى؛ پاراڭغا قېتىلىپمۇ باقتىم، گېپىم قولاشمىدى؛ كۆزۈمنى ئۇيقۇغا بېسىپ كۆرىۋىدىم، ئۇيقۇ مەندىن بەدەر قاچتى. قىرىقتىن ھالقىغاندا سۆيگۈ ئىزلەپ يۈرسەم توغرا كېلەرمۇ؟ دېگەن سۇئالغا كۈچەپ كۆرسەممۇ سىزدىن خىيالىمنى ئۈزەلمىدىم. سىزنى سېغىنىپ كەتتىم گۈلۈم، ئۇخلىسام چۈشۈمدەسىز، ئويغانسام تىنىقىمداسىز. سىزسىز نەپەسلىرىم، سىزىسز ئويلىرىم، سىزسىز چۈشلىرىم يوق مېنىڭ. - بالىلىرىڭىزنى، كۆيۈمچان ئايالىڭىزنى ئويلاڭ.- دېدىڭىز گۈلۈم. ئەشۇ قاراقاش، قوي كۆز، گېپى تاتلىق، كۆز نۇرۇم، يۈرەك پارەم ئوماق ئوغۇلۇمنى، ئەگمە قاش، قوي كۆز، جىنەستە لەۋ، قوش زىنناق، قاردەك ئاپئاق قىزىمنى، كۆيۈمچان، لاتاپەتلىك، مۇلايىم، ئىتائەتچان ئايالىمنى شۇنچە ئويلاپ باقتىم گۈلۈم، لېكىن ئۇلار خىيالىمغا كىرىپمۇ قويمىدى، سىزگە بولغان سېغىنىشىمنى باسالمىدى. ئۆيىمدىمۇ، كوچىلاردىنمۇ، ئىشخانا، سىنىپلاردىنمۇ سىزنى ئىزلەپلا يۈرۈيمەن گۈلۈم. دوست بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا سوۋغا قىلىپ ئەۋەتىپ بەرگەن سۈرىتىڭىزگە تويماي قارايمەن، ئۇنى ھېدلايمان، پۇرايمەن، كۆزۈمگە سۈرىتىمەن، باغرىمغا باسىمەن. ئەشۇ سۈرەتتىكى ماڭا تىكلىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزىڭىزدىن ئۆزەمنى ئىزدەيمەن. لېكىن گۈلۈم، مەن قاياققا ماڭسام مەن بىلەن بىللە ماڭغان كۆزىڭىزدىن، ئەشۇ بىر جۈپ قارا كۆزىڭىزدىن بالقىپ چىقىۋاتقان نۇرلاردىن، قاڭراقنىڭ بىسىدەك سىپتا بۇرنىڭىز، نۇرجامالىڭىزغا خويمۇ ياراشقان نۇرلۇق، پاكىزە، قاش تېشىدەك سۈزۈك، ئاپئاق ئىككى مەڭزىڭىزدىن بىلىنىپ تۇرغان ئىنتىزارلىق ئىپادىڭىزدىن؛ سەدەپتەك ئاپئاق چىشلىرىڭىزنى يۇشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان گىلاستەك نازۇك لەۋلىرىڭىزنىڭ بىلىنەر- بىلىنمەس تىتىرەشلىرىدىن؛ لاتاپىتىڭىزنى جۇلالاندۇرۇپ تۇرغان قوش زىنناقلىرىڭىزنىڭ ئاستا ئەمما شۇنداق نازاكەتلىك ھەركەتلىنىشىدىن؛ ئويماقتەك ئاغزىڭىزنىڭ پەرىق ئەتكۈسىز دەرىجدىكى ئۈمچىيىشلىرىدىن؛ بەستىڭىزگە ىويمۇ ياراشقان، ئالتۇن زەنجىر ئاسقان قار كەبئىي ئاپئاق بوينىڭىزنىڭ قىزىرىپ كېتىشلىرىدىن؛ سۇس زەڭگەر رەڭلىك، يارىشىملىق، ھايالىق كۆينىكىڭىز ئىچىگە كەمكۈتسىز يۈشۈرۈنغان كۆكسىڭىزنىڭ دېڭىز دولقۇنىدەك كۆتۈرۈشلىرىدىن؛ يۈرۈكىڭىزنىڭ زەرب بىلەن ئۇرۇلىشى نەتىجىسىدە تىتىرەۋاتقان جىسمىڭىزدىن؛ مەشۇقە سەۋداسى تامام كونتىرول قىلىۋالغان نېرىپلىرىڭىزنىڭ چىكە تومۇرلىرىڭىزنى ئەلەملىك تېپىشلىرىدىن؛ ھەر بىر تېنىقىڭىزدىن "گۈپ" قىلىپ ئۇرۇلىۋاتقان پىراق ئوتلىرىڭىزدىن؛ ھەتتا ھەربىر تال چاچلىرىڭىزدىن تارالغان مەستخۇش ھېدلىرىڭىزدىن مېنى، ياق سۆيگۈمىزنى قوبۇل ئەتكىنىڭىزنى بىلىپ تۇرىۋاتمەن گۇلۇم. ئۇچۇر قىلسام قايتۇرىسىز، لېكىن: - بۇ ياشقا كەلگەندە بەك سەت تۇرىدىكەن. باشقىلار بىلىپ قالسا نېمە رەسۋاچىلىق بۇ؟!- دەيسىز. قاراڭ گۈلۈم، بىزدىكى بۇ سويگۈ، ئىككىمىزنىڭ دىلىدا، يۈرەك تۆرىدە پىنھان ساقلىنىدىغان، ھېچكىمگە دەخلى قىلمايدىغان ھەم ھېچكىمگە ئاشكارلانمايدىغان پاك سۆيگۈ. بىز باشقىلار ئالدىدا رەسۋا بولىدىغان ئىش قىلمىدۇق، ھەم قىلمايمىز. شۇڭا رەسۋا بولۇش دېگەن ئوقۇم مەۋجۇت ئەمەس! - ئۆزئارا قلىشقان ئۇچۇرلىرىمىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشكارلىنىپ قالسا، يۈزىمىزنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىيمىز؟!- دېدىڭىز گۈلۈم. لېكىن، شائېرلارغا قاراڭ، ئۇلارنىڭ قەلب تۆرىگە نەقىش بولۇپ ئويۇلغان سەۋدالىق سەرگۈزەشتلىرىنى قەتىرىلەرگە پۈتكىنىدە ھېچكىم ئۇلارنى ئەيىپلىمەيدىغۇ؟ تېخى ئۇ قەتىرلەرنى ئىشتاياق بىلەن ئوقۇيمىزغۇ؟ خاتىرە دەپتەرلەرگە كۆچۈرۋالىمىزغۇ؟ - ئۇ دېگەن تۇقۇلما.- دېدىڭىز گۈلۈم. توقۇلمىغىمۇ ئانچە- مۇنچە ئەمەليەتتىن ئىبارەت خېمىتۇرۇچ كېرەكتۇ؟! - ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، پۇرسەت ئىززلەپ سىزگە ئۇچۇر قىلىدىغان، ئۇچۇرلىرىڭىزنى سېغىنىدىغان، ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم.- دېدىڭىزما گۈلۈم. سىزگىمۇ مەشۇقلۇق ئوتى تۇتۇشىپتۇ، ياراتقان ئىگىسى سىزنىمۇ شۇ كويغا ساپتۇ گۈلۈم. - گەپتان، ناتىق ئىدىم، سىز بىلەن ئۇچۇر قىلىشسام تىلىم گەپكە كەلمەي قالىدىكەن.- بۇ دېگەن مەشۇقلۇق، بۇ دېگەن سۆيگۈنىڭ، پاك مۇھەببەتنىڭ كۈچى! لېكىن سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى خالايدىغان بولۇپ قالدىم.- بۇ دېگەن سۆيگۈمنىڭ، ياق سۆيگۈمىزنىڭ قەلب تۆرىڭىزدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرلاپ بېرىشى گۈلۈم. - يېنىڭىزغا ئۇچۇپ بارغۇم كېلىدۇ.- ھەششقاللا گۈلۈم، سىزگە، سۆيگۈمىزگە ھەشقالاللا! ئەسلى مەن ئاشىق بولغاندىكىن يېنىڭىزغا ئۇچۇپ بارسام توغرا بولىدۇ. - بۇنداق قىلسىڭىز چاتاق چىقىدۇ، ھەم بۇنداق شارائىتمۇ يوق. دېدىڭىزما گۈلۈم. شارائىت دېگەن كۈتۈپ ئولتۇرغانلارغا ئەمەس ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارغا مەنسۇپ. ئۇ مىۋە ئەمەس قولنى ئۇزىتىپلا ئۈزۈپ يەيدىغان. ئۇ بىر رەقب ھەم دوست، سىناق، بەدەللىرى مۈشكۈل بولغان. ئېسىڭىزدىن چىقىپ قالمىغاندۇ گۈلۈم، پەرھادنىڭ شىرىن ۋەسلىگە يېتىش يولىدىكى جەبىر- زۇلۇملار. ئۇنىڭ بىلەن مېنى سېلىشتۇرغاندا، مەن ئۇنىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بېرەلمەيمەن. - ئاستا- ئاستا ئۇنتۇيسىز، كۆنۇپمۇ قالىسىز.- دېىڭىزما گۈلۈم. خاتلاشتىڭىز، چوڭ خاتالاشتىڭىز! سىزنى ئۇنۇتقان كۆنۈم مېنىڭ ئۇلىمىمدۇر، كۈنۈپ قالغان كۈنۈم، مېنىڭ دوۋزاقتىكى كۈنۈمدۇر! ئاڭلاڭ گۈلۈم، سۆيگۈ ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىز- يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئاشكارە سۆيگۈ. بۇنداق سۆيگۈ ھەم شىرىن،ھەم لەززەتلىك بولىدۇ. بۇ سۆيگۈنى ھەممىمىز قوبۇل قىلالايمىز ۋە توغرا چۈشىنىمىز. يەنە بىرى قىز- يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يۇشۇرۇن سويگۈ. ئۇ مەخپى، پىنھان بولىدۇ. ئۇنىڭ لەززىتى چەكسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە ئازابىمۇ چەكسىز بولىدۇ. ئوت- پىراقى مىسلىسىز، جاپا- مۇشكىلاتى بىھېساب بولىدۇ. بىز ئۇنى ئاسان قوبۇل قىلالمايمىز ھەم قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز. لېكىن ئۇنىڭ يىلتىزى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا بەك چوڭقۇر، پىراقى، يالقۇنى بەك ھارارەتلىك، ئازابى بەك كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ سىناق- مۇشكىلاتلىرىمۇ شۇنداق دەھشەتلىك. بۇنىڭغا مۇپتىللا بولغۇچى ناھايتى ئاز، لېكىن ۋىسالىغا يەتكۈچى يوق دېيەرلىك. بۇ سويگۈ ئاشىقى ئۈچۈن قۇربانلار ئەيلەشنى ئۆز بەختى ۋە تەختى، ئاشىقى بەختىنى ئۆزىنىڭ شىرىن ۋە بۈيۈك ئارزۇسى ھېسابلايدۇ. ئۇ ئالدىنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇلۇغ، تېخىمۇ تەڭداشسىز بولىدۇ. - خىزمەتكە ئۆزىڭىزنى باسسىڭىز، سېغىنىشمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.- دېدىڭىزما گۈلۈم. ھەر بىر تىنىق، ھەر بىر ئوي، ھەر بىر قەدەم، ھەر بىر يۈرەك سوقۇشلىرىمدا سىز تۇرسىڭىز، خىزمەتكە قانداقمۇ ئۆزۈمنى ئۇرالاي؟! شۇنداقكەن، كۈۋەجەپ كۆيىۋاتقان سېغىنىش ئوتۇم قانداقمۇ بېسلسۇن! سىزنى سېغىنىپ كەتتىم گۈلۈم، ئۇچۇرلىرىڭىزنى،ئەشۇ ئۇچۇر يوللىغاندىكى گۈزەل سىمايىڭىزنى، ئۇچۇرلىڭىزدىكى ھەر بىرسۆز، ھەر بىر ھەربلىرىڭىزنى سېغىنىپ كەتتىم. ئۆزىڭىزنى مەندىن قاچۇرماڭ، يۇشۇرنمۇ يۈرمەڭ گۈلۈم. شۇ تاپتا سىزنى ئىزلەپ سەۋدايى بولدۇم. كۈنۇ- تۈن سىزدىن ئۇچۇر، خەۋەر كۈتۈپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئاشىقلارچە. زەبەردەست، بەقۇۋۋەت يىگىت ئىدىم، چىرايىم قارداپ، جىسمىم پۈكۈلۈپ، چىگچىيىپلا قالدىم، ئوتقا چۈشكەن قىلدەك. مەسئۇليەتچان، كۆيۈمچان ئەر ئىدىم، ۋۇجۇدۇمدا بۇلاردىن ئەسەر قالمىدى. تەڭداشسىز، ھەممىگە قادىر دادا ئىدىم، بۇ دۇنيانى تەرك ئەتكەن سوپىلاردەك بولۇپ قالدىم. مەن سىزنى سېغىنىپ، مۇزدەك يەرگە مەيدەمنى يېقىپ، ئاھ ئۇرۇپ ياتقىلى نەكۈن، نە ئاي. تاماقتىن ، ھەركەتتىن قالدىم، سىزىم، تەپەككۈردىن قالدىم. يۈرۈكۈمدە پەقەت سىزلا بار، تېنىقلىرىمدا سىزلا بار، ھېسلىرىم، ئويلىرىمدا سىزلا بار...!
|