كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 8

قىنالمىسۇن دەرتتە جانانىم

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 10:55  

قىينالمىسۇن دەرتتە جانانىم

دوۋزاق ئوتىدىن، دېسە كونىلار،
بەكلا يامان، پىراق ئوتىنى.
ئۆز بېشىمغا كەلگەندە بىلدىم،
ئاشىقلىقنىڭ چەكسىز دەردىنى.

يېقىلدىمۇ كۇل قىلاركەن ئۇ،
ئوت ئەمەسكەن ئەسلى بىر ۋولقان.
ئۆچمىگىمۇ شۇنداق قېيىنكەن،
ھەممە كۆيۈپ بولاركەن تالقان.

كۈل قىلسىغۇ مەيلى ئىدىغۇ،
ئېغىر ئىكەن قىسمەت- ئازابى.
شۇ كۇيلارغا سالغان جاناننىڭ،
قىلىنارمۇ  سوراق- ھېسابى.

پىراق ئوتى ياققان ئىگىسى،
ھېساب بولسا ئۆزۇملا بېرەي.
جانانىمدا زەرچە گۇناھ يوق،
يەنە بولسا شۇنچىلىك كۆيەي.

ماڭا كەلگەن شۇ ئېغىر كۈنلەر،
مېنىڭ بىلەن تۈگەپلا كەتسۇن.
قىينالمىسۇن دەرتتە جانانىم،
كۈنلىرى شاد- بەختتە ئۆتسۇن.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +9تىللا +9تۆھپە +9شۆھرەت +9يىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!
بەختىيار(بايقاش + 3 + 3 + 3 + 3ئىلھامىڭىزغا بارىكال.
مەرىپەت + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-7-9 16:44:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، قوللىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن!

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە.  ۋاقتى: 2013-7-9 19:32
ۋاقتى: 2013-7-9 19:53:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا كەلگەن شۇ ئېغىر كۈنلەر،
مېنىڭ بىلەن تۈگەپلا كەتسۇن.
قىينالمىسۇن دەرتتە جانانىم،
كۈنلىرى شاد- بەختتە ئۆتسۇن.
ۋاھ،نىمەدىگەن ئۇلۇغ مۇھەببەت ئۇ.ھازىر بۇنداق ئويلايدىغانلار بەكلا ئاز جۇمۇ.ئىسىل ئەسەرىڭىزدىن بەكلا سۈيۈندۈم.

باھا سۆز

رەھمەت.  ۋاقتى: 2013-7-9 20:00
ۋاقتى: 2013-7-9 21:23:20يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلرۇس ئەپەندى سىزنى مۇنچە شەيدا قىلىپ شېئىرىي ھېسىياتلىرىڭىزنى ئۇرغۇتقان قايسى جانان  ئۇ .خۇمارى خانقىز ئېيتقاندەك  مۇنداق ئۇلۇغ مۇھەببەت ھازىر ئاز ئۇچرايدۇ . شېئىرىڭىزدىن سۆېۈندۈم . ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
来自: Android客户端
ۋاقتى: 2013-7-9 21:54:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلرۇس بۇرادەرنىڭ ھەربىر مىسرا شېئىرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.مۇھەببەت گاھ كىشىنى شائىر قىلسا،گاھ كىشىنى قەلەندەر قىلىدۇ...خۇلاسە شۇكى،مۇھەببەت..........ياشـــــــــــــــا مــــــۇھــــــــەببـــــــــەت!!!

باھا سۆز

كۆرۈپ چىققىنىڭىزغا رەھمەت بۇرادەر.  ۋاقتى: 2013-7-9 23:15
ۋاقتى: 2013-7-10 13:19:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوۋزاق ئوتىدىن، دېسە كونىلار،
بەكلا يامان، پىراق ئوتىنى.
ئۆز بېشىمغا كەلگەندە بىلدىم،
ئاشىقلىقنىڭ چەكسىز دەردىنى.


بەك ياخشى يېزىپسىز .

باھا سۆز

كۆزدىن كەچۈرگىنىڭىزگە رەھمەت  ۋاقتى: 2013-7-12 21:28
ۋاقتى: 2013-7-11 13:09:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بارىكاللا ، ياخشى يېزىپسىز ، نادىر يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن .\

باھا سۆز

سىزگىمۇ رەھمەت  ۋاقتى: 2013-7-12 21:28
ۋاقتى: 2013-7-15 00:40:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىراق ئوتى ياققان ئىگىسى،
ھېساب بولسا ئۆزۇملا بېرەي.
جانانىمدا زەرچە گۇناھ يوق،
يەنە بولسا شۇنچىلىك كۆيەي.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياشىسۇن!ھارمىغايسىز!

باھا سۆز

كۆزدىن كەچۈگىنىڭىزگە تەشەككۇر.  ۋاقتى: 2013-7-15 01:18
ۋاقتى: 2013-10-12 21:43:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىلدىمۇ كۇل قىلاركەن ئۇ،
ئوت ئەمەسكەن ئەسلى بىر ۋولقان.
ئۆچمىگىمۇ شۇنداق قېيىنكەن،
ھەممە كۆيۈپ بولاركەن تالقان.

نىمە دىگەن تەسىرلىك لىرىكىلار بۇ !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش