بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-7 12:25
ئۇچۇر بەرگىن ئەزىزەڭنى زار قىلماي
ئاي مۈگدىدى، يۇلتۇز شىرىن ئۇيقۇدا، ئەمما گۇلۇم سەندىن ئۇچۇر كۈتىمەن. سۈرىتىڭنى بېسىپ مەھكەم باغرىمغا، سەۋدالىقنىڭ مەيلىرىنى يۇتىمەن.
باغرىم كاۋاب، پارە- پارە يۈرۈكۈم، تىنىقلىرىم تەپتى گويا ۋولقاندۇر. كېچەلمىدىم، كېچەلمەيمەن ئەبەدىي، ئاشىقلىقىم مىسىلى چەكسىز ئوكياندۇر.
- قايتۇرغىن يار ھىدىنى، دەپ توۋلايمەن، يۈزلىرىمنى سۆيۈپ ئۆتكەن شامالدىن. ئىشىق ئوتۇڭ قىينىدى ئاھ، ئۇز گۇلۇم، تېپىپ بەرگىن شىپاسى بار ئامالدىن.
ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ ئۇچۇر بېرىشكە، لېكىن سەندىن ھازىرغىچە ئۇچۇر يوق. ساڭا ئاشىق ئەزىزەڭنى يەك قويۇپ، يۈرەلمەيسەن سەنمۇ بەلكى كۆڭلى توق.
ئۇچۇر بەرگىن ئەزىزەڭنى زار قىلماي، پارە يۈرەك نىمجانلىقتا ئۆتمىسۇن. شىرىن سۆزۈڭ شىپا، گۈلۈم بۇ دەرتكە، ئەمما دەردتە يارىڭ ئۆلۈم كەتمىسۇن. مەنبە: ئۆز قەلىمىم |