بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلرۇس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-16 19:52
يارغا سالام [/size(غەزەل)
دىلرۇس
[/size("بايقاش" مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر)
ئۇزلىقى مىسلى شىرىن، ئىشقى ۋولقان، يارغا سالام، كى خۇلقى لەيلى، سۆزى بال، جىسمى ئوت، يارغا سالام. ئاي مارار ھەسرەت بىلەن كۆرسەتسە يار سۇباتىنى، گۈل رەشىك ئوتتا كۆيەر، سەنەم، زۆھرە يارغا سالام. باغلىدى بوينۇمنى چىڭ ، مەيلىمنى ھەم قارا ساچى، نە ساچكى پىراق ئوت ئۇ، ئوماق بەرنا يارغا سالام. ساچىنىڭ دولقۇنىنى كۆردۈم دېڭىزدا دەپ بىلىڭ، دەريادا دولقۇن ئەيمىنەر، سۇمبۇلە چاچ يارغا سالام. يۇلتۇز خىجىل قوي كۆزىدىن خۇمار بىلەن باقسا ماڭا، نۇر جىلۋىسى ئەنداز قۇياشقا، لالە- رەيھان يارغا سالام. تۈنمىكىن، قۇندۇزمىكىن سىپتا، ئەگىرى قاشلىرى، شاشىلىقى سېرغىپ تۇرار، كى قەلەمقاش يارغا سالام. كى نەيزە بىرلە ياكى ئوق، تالى- تال كىرپىكلىرى، بىر ئېتىش ئۆلۈم ساڭا، مىڭ ئاشىقلىق يارغا سالام. بۇرنىدۇر ئۆتكۈر قېلىچ، ئېقىپ چۈشىدۇ شوررىدە، ئۆتكۈرلىكى چاچنى يارار، گۈل زىبا يارغا سالام. ئاغزىنى ئويماق دېمەڭ، ئويماقمۇ يوقتۇر ئۇنچىلىك، يا پىرىم، پەرىغۇ بۇ!؟ ھۆرى- غىلمان يارغا سالام. بى قىممەت بولسا سەدەپ، يارنىڭ چىشىدۇر مىسالى، ئاقلىقى سۈتتۇر گويا، ئاق پاختىدەك يارغا سالام. جۈپ لېۋى قىمىرلىسا ئەقلىم بولۇر شۇئان مالال، ئاق قەغەز نېپىزلىكى، جىنەستە لەۋ يارغا سالام. بالقىسا بىر جىلمىيىش، قوش زىڭاق بۇ جاننى ئالۇر، تەسۋىرىگە تىل يوق تېخى، تولۇن ئاي يارغا سالام. يا ئەگىم جۈپ ئىڭەك، ئىڭەك ئەمەستۇر ئۇ ھىلال ئاي، تىل ئاجىز سۈپىتىگە، گۈلزارى ساپ يارغا سالام. تاغلاردا چوقا باش ئىگەر، كۆرسە يار جۈپ كۆكسىنى، سەجدىدىدۇر مەغرۇر چوقا، قىلبىگاھ يارغا سالام. نۇر ئىمانلىق كېيىمى، خويمۇ ياراشقان ھايى- ھاي، تىلى ھەم دىلى بىرلە، يەكتاسى يەك يارغا سالام. ھېدلىرى ئەنبەر تۈگەل، خەستە يۈرەكنىڭ مەلھىمى، چانىدۇ زەپە ھېدى، ئاھۇ كېيىك يارغا سالام. ياڭرىسا شوخ كۈلكىسى، كى جىمى ئەلەم تەۋرىنەر، شام كەبى ئېرىپ تۈگەيسەن، خۇش ئاۋاز يارغا سالام. ئۈڭىنىڭ سۈزۈكلىكىدىن قار لىباسى ئاھ ئۇرار، نۇر تارار رۇخسارىدىن، ئاق شىشىدەك يارغا سالام. پاكلىقى ئانا سۈتى، خىسلىتىدە شەك يوق تامام، سادىقلىقى دىل ئىمان، شەرم ھايالىق يارغا سالام. قىلىقى پەرىشتىدۇر، ئالغان قەدەملەر شۇ ئەل ئۈچۈن، خۇش مۇبارەكتۇر نۇسرىتىڭ، ئىزى گۈل يارغا سالام. پاكلىقىڭ پاكىزلىقىڭ، قىلدى شەيدا تەبىئەتنىمۇ، خىجىل باغداش، تەڭرىتاغ، قار لەيلىسى يارغا سالام. ئارغىماقتەك چاققانلىقىڭ، بىرلا سەندە، سەندە بار، بىرنى كۆرمەك بەس مۈشۈكۈل، بىگانە- بىر يارغا سالام. شەرم- ھايا، پەدىشەپكە چىڭ ئورالغان ناتىقلىقىڭ، "دىل بىزا، خۇدا بىزا"، ئىتىقادلىق يارغا سالام. ئوتىدا كۆيدۈڭ قەۋۇمنىڭ، سۇيىدە ئاقتىڭ خالىس، ئەۋلاد ئۈچۈن سوقتى يۈرەك، ئوت يۈرەك يارغا سالام. ئۆي نېمە؟ خىزمەت نېمە؟ كەلدى ھەممىسى گۈلىگە، يەنە سەن جۇشقۇن، تېتىك، ئىشچان- ئىدىت يارغا سالام. قەلىمىڭ چاپسا ئەركىن ھەيرەتتە قالدىم توۋا، دەپ، نەقەدەر كۆپ بىلىم بۇ! پىر دانىشىم يارغا سالام. گۈلىگە گۈل كەلتۈرۈپ، "ئىشلار" دېگەننى باشقۇرۇپ، كى گۈل- گۈلىستان ئەيلىدىڭ، تۆھبىكار يارغا سالام. ئەۋلاد ئۈچۈن سەكپارىسەن، ھەر قەدەم گۇۋاھ ئاڭا، نە خىسلەت بۇ سەندىكى؟ ئېسىل سۈپەت يارغا سالام. ئۈشبۇ يار ئىشقىدا مەن، كۆيدۈم يىلاندەك تولغۇنۇپ، رازى مەن ئۆلسەم ئۇتىدا، ئوت- پىراق يارغا سالام. كۆيسەڭ ياسىن، مۇشۇنداق پەرى سۈپەت ئايالغا كۆي، شۇندا بۇ جان تىرىلۇر، زەمزەم- شىپاھ يارغا سالام. 2013 يىل، 14-، 15- ئاۋغۇست ئۆز خانەمدە يېزىلدى ۋە تۈزىتىلدى. ئۆز قەلىمىم.
|