كۆرۈش: 331|ئىنكاس: 7

باغرىڭغا قاناي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باغرىڭغا قاناي
دىلرۇس
مەس- ئەلەسكەن دېمىگىن مېنى،
ئىشقىڭدا يار بولدۇم مەس- ئەلەس.
كۆزلىرىممۇ ئۇيقىدىن بىدار،
يۈرەكتە دەرت لىقمۇ- لىق پەۋەس.
قاچانلاردا تۇتاشتى ماڭا،
بىلمىدىم يار، پىراق ئوتلۇرۇڭ.
شۇندىن بۇيان ئەقىلىمدىن ئازدىم،
كەتمىدى ھېچ سېنىڭ ھېدلىرىڭ.
كۆز ئالدىمدا سېنىڭ سىمايىڭ،
سايىدەكلا ئەگىشەر ماڭا.
چۈشلىرىمدىن كەتمەيسەن نىگار،
خىيالىرىم باغلاندى ساڭا.
ئىسكەنجىڭگە چۈشتۈم تامامەن،
ئەس- ھۇشۇمنى ئالدىڭ قاماللاپ.
روھىم كەتتى سەن بىلەن بىللە،
قالدى جىسمىم سەندىن يىراقلاپ.
ئەكىتەر بولساڭ، ھەممىنى ئەكەت،
كېچە- كۈندۈز يېنڭدا بولاي.
ئەللەيلىنىپ ئالتۇن كوشۈكتە،
ئىپار ھېدلىق باغرىڭغا قاناي.
مەنبە: ئۆز يازمام.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +10تىللا +10تۆھپە +10شۆھرەت +10يىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!
گۈلزار + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!
ئامان + 4 + 4 + 4 + 4بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-8-16 00:26:49يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز دىلرۇس ئەپەندى ؟  تېمىلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى ئۈزۈن بولغان ئىدى . بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ خۇش بولدۇق. رەھمەت سىزگە ن سىزنى مۇنچە كۆيدۈرگەن قايسى  جانان ئۇ ؟
来自: Android客户端

باھا سۆز

كۆزدىن كۈچۈرگىنىڭزگە رەھمەت.  ۋاقتى: 2013-8-16 00:35
ۋاقتى: 2013-8-16 10:07:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلرۇس بۇرادەر،سىزنىڭ شائىرلىق ئىلھاملىرىڭىزغا قايىل بولماي تۇرالمايمەن.ۋىسال تەشنالىقى بىلەن چىن پۈتۈلگەن مۇھەببەت سېغىنىشنى ھەقىقەتەن ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز.ئاپىرىن سىزگە!
ۋاقتى: 2013-8-16 12:40:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ تاش يۈرەك جانانىڭىز قەيەرگە كەتكەن بولغىيدى،سىزنى ھېجران ئازابىدا قىيناپ ....
  ئۇنچىۋالا ئاھ ئۇرۇپ كەتمەڭ ،ھامان بىر كۈنى ۋىسالىغا يېتىسىز ،ئۈمىدلىك بولۇڭ.
    ھېجىرانلىق سېغىنىش ھېسىياتىڭىزنى شىئېرىي مىسىرالار ئارقىلىق جايىدا ئىپادىلەپسىز ،قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2013-8-16 20:36:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرنى ياخشى يېزىپسىز،قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2013-8-18 16:05:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلرۇس ئەپەندىم بىرەر قىزغا ياكى بىرەر ئايالغا كۆيۇپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟ تۇرمۇشقا چىققان بولسىڭىز خاتالىشىپسىز
ۋاقتى: 2013-10-7 22:55:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت چىن ئاشىقنىڭ نىداسىىغۇ  بۇ  ،ئۇستاز تىل دىلنىڭ ئىنكاسى ،ھەرگىز ئەقىدىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ !ھارمىغايسىز !
ۋاقتى: 2013-10-12 21:13:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكتە دەرت لىقمۇ- لىق پەۋەس...........
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش