كۆرۈش: 908|ئىنكاس: 4

شىنجاڭ تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپ دەرىسلىگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن بۇگۇندىن باشلاپ  توردا «شىنجاڭ تورلاشقان ئاتا- ئانىلار مەكتەپ» دە  ئوقۇشنى باشلىغان،  شۇ سەۋەپ بىلەن مۇشۇ كۇرۇستا ئۆگىنىۋاتقان دەرىسلىكنى ساقلىۋىلىپ كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن سۇنۇش مەىسىتىدە داۋاملىق يوللايمەن .
بىرىنچى دەرس

ئاتا- ئانىلار مەكتىپى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر

● ئۆگىنىشتىن  مەقسەت : مۇشۇ ھۆججەتنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى ئېچىشتىكى يېتەكچى ئىدىيەنى چۈشىنىش، ئاتا- ئانىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئاتا- ئانىلار مەكتىپىنى ياخشى باشقۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش.
● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا : ئاتا- ئانىلار مەكتىپىنى ياخشى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش.
● ئۆگىنىش مەزمۇنى :

ئائىلە تەربىيەسى ھازىرقى زامان خەلق مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مەكتەپ مائارىپى ۋە جەمئىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسى بولۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا ئالاھىدە مۇھىم رولغا ئىگە. ئاتا- ئانىلار مەكتىپى ئائىلە تەربىيەسىگە ئائىت بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرىدىغان، ئاتا- ئانىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغا مۇھىم سورۇن، ئائىلە مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم بازا ۋە مۇھىم يول. «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۇەننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» ۋە «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسى (2010 - 2020- يىلغىچە)نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى ئاتا- ئانىلار مەكتىپى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيە
(1) ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە سىياسەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساسىي مۇددىئا قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش، بالىلارنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىنى نىشان، ئاتا- ئانىلار ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى يادرو، مەملىكەتلىك ئائىلە تەربىيە خىزمىتى پىلانىنى يېتەكچى قىلىش، ئىلمىي بولغان ئائىلە تەربىيە ئۇقۇمىنى، بىلىم ۋە ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش، شەكلى خىلمۇ خىل بولغان ئائىلە تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، ئىناق ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش، ئەخلاقى، ئەقلىي جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن مۇھىم نېگىزلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
ئىككىنچى، مۇھىم ۋەزىپىسى
(2) ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: كەڭ ئاتا- ئانىلارغا پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى، ئالاقىدار قانۇن- نىزام ۋە سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىلمىي بولغان ئائىلە تەربىيە ئۇقۇمىنى، بىلىم ۋە ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلىش، ئاتا- ئانىلارنى توغرا بولغان پەرزەنت قارىشى ۋە ئادەم تەربىيەلەش قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش؛ شەكلى خىلمۇ خىل بولغان ئائىلە تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئاتا- ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى پىكىرلىشىش ۋە مۇڭدىشىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئاتا- ئانا بىلەن پەرزەنتنى تەڭ تەربىيەلەش؛ خىلمۇ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاتا- ئانا ۋە پىرزەنتلەرگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش، ئائىلە تەربىيەسى جەريانىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىش، ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ئۈنۈملۈك ئالاقە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەكتەپ، ئائىلە ۋە مەھەللىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىرلەشتۈرۈلگەن» قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش تورىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئېسىل مۇھىت يارىتىپ بېرىش.
ئۈچىنچى، تەشكىلىي باشقۇرۇش
(3) ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى بازىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرلىنىش، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىش پىرىنسىپى بويىچە ۋېۋىسكا- بەلگىسى بولۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولۇش، مۇقىم مەيدانى بولۇش، ئوقۇتۇش پىلانى بولۇش، پائالىيەت پىلانى بولۇش، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى بولۇشتەك قېلىپلاشقان قۇرۇلۇش نىشانىغا تىرىشىپ يەتكۈزۈلىدۇ. ئوقۇتۇش مەزمۇنى جەھەتتىن «مەملىكەتلىك ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش پىروگراممىسى»غا ئاساسەن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ. ئوقۇتۇش شەكلى جەھەتتىن ئاتا- ئانا ۋە پەرزەنتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ جانلىق، خىلمۇ خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسى قوللىنىلىدۇ. تەشكىلىي باشقۇرۇش جەھەتتىن خىزمەت ئاپپاراتلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ياخشىلىنىدۇ، ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ.
(4) بالىلار باغچىسى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئاتا- ئانىلار مەكتىپى خىزمىتىنى بالىلار باغچىسى ۋە مەكتەپلەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى دائىرىسىگە ئەكىرىشى، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش، خىزمەتتىكى چېغىدا تەربىيەلەش ۋە غوللۇقلىرىنى تەربىيەلەشكە كىرگۈزۈشى، يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى يىراق مۇساپىلىق زامانىۋى ئوقۇتۇش مائارىپىغا كىرگۈزۈشى، شەكلى خىلمۇ خىل بولغان تەربىيەلەش- ئوقۇتۇش ئىچىگە، تەتقىق قىلىش ھەم نازارەت قىلىپ باھالاش دائىرىسىگە ئەكىرىشى لازىم.
(5) بالىلار باغچىلىرىغا قاراشلىق مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىقىنى باغچىنىڭ رەھبىرى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ، كونكرېت ئىشلارغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى، ئائىلە باشلىقلىرى ۋەكىلى قاتارلىقلار بىلەن مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنى تەشكىللەشكە ۋە ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈستىگە ئالسىمۇ ياكى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي كىشىلەرنى، پىدائىيلارنى تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ، سورۇنغا پائالىيەت ئۆيى، سىنىپ قاتارلىقلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ. بالىلار باغچىلىرى قارمىقىدىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى ھەر مەۋسۇمدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ئىككى قېتىم ئاتا- ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ بىرلەشمە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشى لازىم. شەرت- شارائىتى ياخشىراق بالىلار باغچىلىرى ئائىلە تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنى ئەتراپىدىكى قوشنا جايلارغىچە كېڭەيتىپ،    0 ~ 3 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ۋە بالىلار باغچىسىغا كىرىش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىسە بولىدۇ.
(6) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر قارمىقىدىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئەخلاق تەربىيەسىگە مەسئۇل مۇدىرلار قوشۇمچە ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى، يىللىقلار مەسئۇلى، سىنىپ مەسئۇللىرى، ئائىلە باشلىقلىرى ۋەكىلى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنى قۇرۇپ، مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنى ئاچىدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر قارمىقىدىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، پىدائىيلار، مۇنەۋۋەر ئاتا- ئانىلار قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپسا بولىدۇ، شەرت- شارائىتى ياخشىراق مەكتەپلەر مۇتەخەسسىس ياكى جەمئىيەتتىكى خىزمەتچىلەردىن تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى ھەر مەۋسۇمدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئائىلە باشلىقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئائىلە تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش (ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە لېكسىيە، ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە مەسلىھەت قاتارلىق) پائالىيەتلەرنىى ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ.
(7) ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر قارمىقىدىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان مۇدىر قوشۇمچە ئۆتەيدۇ ۋە ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى، سىنىپ مەسئۇلى ۋە ئاتا- ئانا ۋەكىلى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئورتاق ھالدا مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، كۈندىلىك ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ قارمىقىدىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى ئادەتتىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈستىگە ئالسىمۇ ياكى تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسسىسلەر ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ، ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئاتا- ئانىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ياكى ئائىلە تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ تۇرمۇش ۋە كەسپىي ماھارەتلەرنى ئىگىلىتىشىگە نۇقتىلىق ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىۋېلىشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بېرىش كېرەك.
(8) مەھەللە (كەنت)لەر قارمىقىدىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىقى ۋە ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان رەھبەرلەر قوشۇمچە ئۆتەيدۇ ۋە مەھەللە (كەنت)دىكى خىزمەتچى، پىدائىي، ئاتا- ئانا ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن ئورتاق باشقۇرۇش ھەيئىتى قۇرۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى مەكتەپلىرى، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئورگانلىرىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. مەھەللە (كەنت)لەر قارمىقىدىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى ياكى ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئورگانلىرى خانىم- قىزلار ئائىلىسى، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى (پونكىتى)، پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق بايرام ۋە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئائىلە باشلىقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىككى قېتىم ئائىلە تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. مەھەللە (كەنت)لەردىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى ئاتا- ئانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يىراق مۇساپىلىق تەربىيەلەش تورى قاتارلىق بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشى، خاسلاشقان، كۆپ قۇتۇپلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك. مۇقىم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنى ۋە مۇتەخەسسىسسلەر قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى لازىم. شەرت- شارائىتى بار جايلار ھۆكۈمەتتىن ئاممىۋى خىزمەت ئورۇنلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرسىمۇ بولىدۇ.
(9) ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا قاراشلىق ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئاياللار بىرلەشمىسى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان رەھبەرلەر قوشۇمچە ئۆتەيدۇ ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەيئىتى قۇرۇپ، كۈندىلىك ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ. ئورگان، كارخانا كەسپىي ئورۇنلارغا قاراشلىق ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا مۇتەخەسسىسلەرنى ياكى پىدائىيلارنى، مۇنەۋۋەر ئاتا- ئانىلارنى تەكلىپ قىلىشقا بولىدۇ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئائىلە باشلىقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ياكى ئىككى قېتىم ئائىلە تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىۋېلىشقا يېتەكلىنىدۇ، ئاتا- ئانا بىلەن پەرزەنتنىڭ ئالاقىسى كۈچەيتىلىدۇ، بالىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈرلۈك مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئۆزى ئۇيۇشتۇرغان ئاتا- ئانا بىلەن پەرزەنتلەر پائالىيەتلىرى، مەكتەپ سىرتىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلسىمۇ بولىدۇ.
تۆتىنچى، كاپالەت تەدبىرلىرى
(10) ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بالىلار باغچىسى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر قارمىقىدىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى خىزمىتىگە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى كۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ۋە مەھەللە (كەنت)دىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى، ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئورگان،كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا قاراشلىق ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى ھەرقايسى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئۆزلىرى باشقۇرىدۇ. جايلاردىكى مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىلىرى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى خىزمىتىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى لازىم. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئۆزئارا ماسلىشىشى، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.
(11) ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىنمىسى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بالىلار باغچىلىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ زۆرۈر بولغان مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ شەرت- شارائىتى يار بەرگەن رايونلار، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ھەر تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ، ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرلىرىنى تەسىس قىلىپ، بالىلار باغچىسى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر قارمىقىدىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى قوللىسىمۇ بولىدۇ. مەھەللە (كەنت)دىكى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى ۋە ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئاپپاراتلىرى جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي بايلىقلارنى قولغا كەلتۈرسىمۇ، مەھەللە ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ راسخوتىدىن مەخسۇس تۈر بويىچە پۇل چىقىم قىلىپ، ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىلىرى ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى پائال قوللىسا، شەرت- شارائىتى بار جايلار مەلۇم نىسبەتتە راسخود ئاجرىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
(12) ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى مۇپەتتىش قىلىش، باھالاش تۈزۈمى تۇرغۇزۇلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قەرەللىك ھالدا مۇپەتتىش قىلىپ تۇرىدۇ ۋە باھالاپ تۇرىدۇ ھەم باھالاش نەتىجىسى باھالاپ مۇكاپاتلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىىم ئاساسى قىلىنىدۇ. ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى باھالاشتا ئاتا- ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقى، بالىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا بولغان باھاسى، ئاتا- ئانىنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى قاتارلىقلار مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيەسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى رولى قاتارلىق مەزمۇنلار ئۇنىۋېرسال باھالىنىدۇ. جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشى ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ باھالاشنى قانات يايدۇرىشى لازىم. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىنى قەرەللىك ھالدا تاللاپ تەكشۈرۈپ، باھالاپ چىقىدۇ.
(13) مەزكۇر يېتەكلەش پىكرى بالىلار باغچىلىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە؛ مەھەللە (كەنت)لەرگە قاراشلىق ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرى، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئاپپاراتلىرىدا؛ ئورگان، كارخانا- كەسپىي ئورۇنلارغا قاراشلىق ئاتا- ئانىلار مەكتەپلىرىدە نۇقتىلىق قوللىنىلىدۇ.

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى
مائارىپ مىنىستىرلىقى
مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى
2011- يىلى 27 – يانىۋار

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
بەختىيار(بايقاش + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-30 21:24:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەن تىمىكەن ئەپسۇس ماس بولغان سەھىپىگە يوللىغان بولسىڭىز
ۋاقتى: 2015-12-9 13:37:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز!ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز،مەنمۇ بۈگۈن باشلىغان بۇ ئۆگىنىشنى،مۇمكىن بولسا دەرس مەزمۇنلىرىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرسىڭىز!
ۋاقتى: 2015-12-31 18:11:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكي ئاخشى تىما يوللىنىپتۇ ھارمىغايسىز . ماڭا بەك لازىمتى بۇ تىما .
ۋاقتى: 2016-1-19 17:54:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت بۇرادەر ، مەنمۇ بۇ دەرىسلىكنى ئىزدەئۋاتاتتىم . ساقلىۋالدىم . ئاخىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرارسىز ھە .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش