كۆرۈش: 379|ئىنكاس: 2

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بەشىنچى دەرس:
ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئۇسۇلى

● ئۆگىنىشتىن مەقسەت: ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جانلىق، ئىلمىي ھالدا ئائىلە تەربىيەسىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلىغا تەدبىقلاش.
● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا: ئائىلە تەربىيەسىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى چۈشىنىش ۋە جانلىق قوللىنىش.
● ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
1. ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى
(1) بالىلارنىڭ تەن-ساغلاملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بالىلارنى بەدەن، فىزىيولوگىيەلىك فونكسىيە، تەن ساپاسى، ئاساسىي پائالىيەت ئىقتىدارى، ماسلىشىش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش ھەم كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرۋاقىتتا، بالىلاردا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىش يېتىلدۈرۈش.
(2) بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش
ئادەت خاراكتېرنى بەلگىلەيدۇ، خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. ئائىلە باشلىقلىرىنڭ مەسئۇلىيىتى بالىلاردا تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئادەتنى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈش، بۇ خىل ئادەت بالىنىڭ ياخشى ئادەت ۋە مۇستەقىل تۇرمۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ چىقىشىغا پايدىلىق.
(3) بالىلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مەزگىل بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچى تەرەققىي قىلىدىغان ھالقىلىق باسقۇچ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى بۇ ھالقىلىق مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بالىلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(4) بالىلارنىڭ كەيپىيات، ھېسسىيات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مەزگىل بالىلارنىڭ ساغلام كەيپىياتىغا ئاساس سالىدىغان باسقۇچ، ھېسسىيات تەربىيەسىنىڭ ئالتۇن پەسلى. بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان كەيپىياتنى ھەم كەيپىيات شەكىللىنىشنىڭ سەۋەبىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىش، ئاكتىپ كەيپىياتنى قوغداش، پاسسىپ كەيپىياتنى پەسەيتىشنىڭ ئۇسۇلىنى چىڭ تۇتۇش؛ بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى قوغداش مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەدىكى ھەتتا بالىلارنىڭ پۈتكۈل يېتىلىش دەۋرىدىكى مۇھىم ۋەزىپىدۇر.
(5) بالىلاردىكى ياخشى خۇلقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
مىجەز بالىنىڭ پىسخىك تەرەققىياتى جەريانىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ مەنبەسى، بالىلارنىڭ خاراكتېرى شەكىللىنىدىغان ھالقىلىق مەزگىل 2 ~ 7 ياش دەۋرى بولۇپ، مەكتەپكە كىرىشىتىن بۇرۇنقى مەزگىلدە بالىلارنىڭ خاراكتېرىدىكى ئىلاستېكىلىق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئائىلە بالا ئەڭ دەسلەپ ئۇچرىشىدىغان كىچىك جەمئىيەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنىڭ خاراكتېر ۋە ئىجتىمائىيلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى زۈرۈر.
(6) بالىلارنىڭ ئېستېتىك ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
ئېستېتىكا ― ئادەم بىلەن دۇنيادىن شەكىللەنگەن بىر خىل ئەجىرسىز، ئوبرازلىق ۋە ھېسسىياتلىق مۇناسىۋەت ھالىتى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىدىكى بىر خىل ئالاھىدە شەكلى.
گۈزەللىككە بولغان تونۇش ۋە ئىدراكىي ئىقتىدار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىشىدە قىزىقىشىنى قوزغايدۇ؛ كىشىلەر گۈزەللىكتىن بەھرىمان بولغاندا ھاياجانلىنىپ كۆڭلى يۇمشايدۇ، ئەقىل-پاراسىتى قوزغىلىپ، خۇلق تەربىيەسى ئالىدۇ، سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، روھى تۇرمۇشى موللىشىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئاڭلىق ھالدا بالىلارنىڭ ئېستېتېك ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بالىلاردا خاراكتېر يېتىلىشىگە ياردەم بېرىشى، ئەقىل بولىقىنى ئېچىپ، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
2. ئاتا- ئانىلار قانداق قىلغاندا ئائىلە تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بارىدۇ
(1) بالىنى تەربىيەلەشتىن بۇرۇن ئۆزى تەربىيەلىنىش كېرەك
بالىغا تەربىيە بەرگەندە كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار نام-ئاتاق قوغلىشىپ بىلىپ-بىلمەي بالىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويىدۇ، مەسئۇلىيەتچانلىق قىلدىم دەپ، ئۆز قەلبىدىكى «پەرزەنت»نى ياساپ چىقىپ، بالىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بالىلىق دەۋرىنى، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھر-مۇھەببەتنى قۇربان قىلىۋېتىدۇ. ئاتا-ئانا پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئۇستازى، ئاتا-ئانىنىڭ گەپ-سۆزى بالىغا ناھايىتى ئاسانلار تەسىر قىلىدۇ، بالىنىڭ كۆزى رادىيولۇق ئۈنئالغۇغا ئوخشايدۇ، ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر سۆز، ھەر بىر ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ مېڭىسىگە ئېلىنىدۇ، كېيىن پىششىقلاپ ئىشلەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ-دە، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا- ئانا ئۆز- ئۆزىنى تەربىيەلەپ، ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بالىنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.
(2) بالىغا ئادەم بولۇشنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىش كېرەك
جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ جەۋھىرى شۇكى، پەرزەنتكە ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشكە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مەقسىتى ئالدى بىلەن «ئادەمنىڭ تەربىيەسى»، ئاندىن قالسا ئادەمىنىڭ تەربىيەسى ئاساسىدىكى «ئىختىساسلىقلار تەربىيەسى». «ئادەمنىڭ تەربىيەسى» ئىككى چوڭ نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان، بىرى، فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتىن ساغلام ئادەم بولۇش، ئىككىنچىسى، پىسخىكا جەھەتتىن ساغلام ئادەم بولۇش.
(3) ھازىرقى زامان ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش
ئاتا-ئانىلار مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى خىلدىكىلىرى، مائارىپنى چۈشىنىدىغان، مەسئۇلىيەتچانلار، بۇ خىل ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ناھايىتى ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ؛ ئىككىنچى خىلدىكىلىرى، مائارىپنى چۈشەنمەيدىغان ھەم مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىلار، بۇ خىل ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرنىڭمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىمالى بار؛ ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئۈچىنچى خىلدىكى ئاتا-ئانىلار، مائارىپنى بىلمەيدۇ، ئەمما مەسئۇلىيەتچان، كۆپ ساندىكى مەغلۇب بولغان بالىلار مۇشۇنداق ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلاردۇر. ھازىر ئائىلە تەربىيە نەزەرىيەسىنى بىلدىغان ئاتا-ئانىلار كۆپەيدى، بىراق، ھەقىقىي چۈشەنسەك ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئاتا-ئانىلار ناھايىتى ئاز. رېئاللىق بىلەن نەزەرىيەنىڭ زىددىيىتى كۆپ ھاللاردا ئاتا-ئانلىرىنى قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ، نەزەرىيە خاتامۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، گەپ كۆپچىلىكنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدە. ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى بىز يەنە بەشىنچى بۆلەكتە داۋاملىق ئۆگىنىمىز، بۇ يەردە كۆپ تەكىتلىمەي.
(4) ئاتا-ئانىلار ھەرخىل رول ئېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.
1› ئانىنىڭ جاۋابكارلىق مەجبۇرىيىتى بولۇشى كېرەك: بوۋاق تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، تەڭرى بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، يىغلاپ تۇرۇپ: «مەن قورقىمەن، مەن شۇنداق كىچىك تۇرۇپ يۆلەكسىز بولۇپ قالدىم» دەيدۇ، تەڭرى بالىغا تەسەللىي بېرىپ: «خاتىرجەم بولغىن بالام، سىنى قوغداش، ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىش، سىنى سۆيۈش ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى پانىي دۇنياغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم» دەيدۇ، بالا يىغىسىنى توختىتىپ،
-ئۇ پەرشتىنىڭ ئىسمى نېمە؟
تەڭرى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «ئىسمى مۇھىم ئەمەس، ئۇنى ‹ئانا› دەپ چاقىرساڭ بولىدۇ» دەيدۇ. دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشى سىياسىيون، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرگە مۇھتاج بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئانىلارغا مۇھتاج!. بۇ ھېكايە، بىر ماقال بولسىمۇ، ئانىلارنىڭ رولى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
2› ئاتا چوقۇم ئىجابىي قەھرىمان رولىنى ئېلىشى كېرەك: پىسخىكىشۇناسلار تەتقىقاتتا كۆرسىتىشىچە، ئاتا پەرزەنتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم، ئاتا مېھرى بالىدا ياخشى خاراكتېر، پەزىلەت شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاتىدا بولغان مۇستەقىل، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، يۇمۇرىستىك، قەيسەر خاراكتېر پەرزەنتكە ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا پەرزەنت بىللە ئوينايدىغان ئەڭ مۇھىم ھەمراھ بولۇپ بالىلار بىلەن بىر قىسىم روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، قوزغىتىدىغان، ھەر خىل ئۆزگىرىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىسا بولىدۇ. ئاتىنىڭ يۇمۇرىستىك، جۇشقۇن-مەردانىلىقى ۋە كۈچى بالىنىڭ ئويۇنىغا چەكسىز خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. ئۇندىن باشقا، ئەرلەرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول بولغاچقا، بالىلارنى سرىتقى مۇھىت بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچراشتۇرالايدۇ، بالىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ئابزاس مەخسۇس لېكسىيە قىلىنىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە ئىنچىكىلەپ ئولتۇرمايمىز.
(5) ئۆزىنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئائىلە باشلىقىنىڭ ساپاسى ياخشى بەدەن ساپاسى، ئىلمىي مەدەنىيەت تەربىيەسى، ساغلام پىسخىك تەربىيە، يۈكسەك ئەخلاقى تەربىيە، مول مائارىپ تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلە باشلىقىنىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارى پەرزەنتنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشىنىش ۋە كۆزىتىپ خاتىرىلەش، بالىنىڭ ئىقتىدارىنى تەھلىل قىلىپ باھالاش ۋە ئىقتىدارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلەش
(1) قىزىقىشنى قوزغاش. ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلار بايقاشقا ماھىر بولۇپ، بالىنىڭ قىزىقىشىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى شەيئىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشكە يېتەكلەيدىغان ئۇسۇل.
(2) ئويۇن. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ ئويۇنغا ئامراقلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا ئويناش پۇرسىتى بېرىپ، ئويۇن جەريانىدا تۇرمۇشتىكى زۈرۈر بولغان بىلىم ۋە ماھارەتنى ئۆگىتىدىغان ئۇسۇلدۇر.
(3) ئەمەلىي مەشغۇلات. ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى قول ۋە مىڭە ئىشلىتىدىغان ھەر خىل مەشغۇلات پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، بالىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇسۇل.
(4) مۇھىتتا تاۋلاش. مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى بالىلار تەربىيەسىدە، ئائىلە باشلىقلىرى ئاڭلىق ھالدا ياخشى بولغان ئائىلە مۇھىتى ۋە كەيپىيات يارىتىش ئارقىلىق پەرزەنتىگە ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان تەربىيە ئۇسۇلىدۇر.
(5) ئېتىبار بېرىپ ئىلھاملاندۇرۇش. ئائىلە باشلىقلىرى تەربىيە بەرگەندە، پەرزەنتنىڭ ياخشى ئىشلىرىغا قايىل بولۇش نەزىرىدە مۇئامىلە قىلىش ھەم بالىنىڭ ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئاكتىپلىق بىلەن ئىجابىي تەرەپتىن باھا بېرىدىغان ئۇسۇل.
(6) ئۆلگە كۆرسىتىش. ئائىلە تەربىيەسىدە، ئاتا-ئانىلار نەمۇنىلىك رولىغا ئىگە بولغان تۇرلۈك ئۆلگىلەر ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەپ، بالىلارنى ئۆلگىلەرنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەيدىغان تەربىيەلەش ئۇسۇلى.
(7) بىشارەت ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش. ئائىلە تەربىيەسىدە، ئاتا-ئانىلار مەزمۇنلۇق، ۋاسىتىلىك ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر قىلىدىغان تەربىيەلەش ئۇسۇلى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-24 11:11:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن بىراق ماس بولغان سەھىپىگە يوللىغايسىز
ۋاقتى: 2015-12-26 20:30:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ يەنىمۇ تىرىشىڭ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش