كۆرۈش: 194|ئىنكاس: 0

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈچىنچى دەرس:
ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتى
● ئۆگىنىشتىن مەقسەت: ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقى.
● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا: يېڭى ئائىلە تەربىيەسىدىكى پىسخېك قانۇنىيەتنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى قوللىنىش.
● ئۆگىنىش مەزمۇنى:
1. ئائىلە تەربىيەسىنىڭ قانۇنىيىتى
1) ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى
(1) بىرىنچى قانۇنىيەت: پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق. دەسلەپكى تەربىيەدە 0 ~ 6ياشقىچە بولغان باسقۇچ ئەڭ ياخشى پۇرسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنى قولدىن بېرىپ قويساق ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ.
(2) ئىككىنچى قانۇنىيەت: بالىلارنىڭ جىسمانىييەت ۋە روھىيەت ساغلاملىقىغا بىردەك كۆڭۈل بۆلۈش. بىز تەن ساغلاملىقىنى بالىلارنىڭ بىرىنچى ھاياتلىقى دەپ قارىشىمىز، ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا نىسبەتەن چوقۇم ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈشى، بالىنىڭ قورسىقىنىڭ تويغان-تويمىغانلىقى، كىيىم-كېچىكى يېلىڭمۇ- ئەمەسمۇ، ئاغرىدىمۇ- ئاغرىمىدىمۇ بولارنى كۆزىتىپ تۇرۇشىمىز لازىم. پىسخىك ساغلاملىقىنى ئىككىنچى ھاياتلىق دەپ بىلىش كېرەك، ئەگەر پىسخىكىسى ساغلام بولمىسا، ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىشى ناھايىتى تەس.
(3) ئۈچىنچى قانۇنىيەت: رەسىمگە قاراپ خەت تونۇش، كەڭ دائىرىدە ئوقۇپ چىقىش. خەت تونۇش، ئوقۇش بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تەس ئەمەس، چۈنكى نەرسىلەرنى تونۇش بىلەن خەت تونۇش بىر گەپ. مۇتەخەسسىسلەر تۇرمۇش ئارقىلىق سىڭىپ كىرىش ئۇسۇلى، قىزىقىپ ئۇقۇش ئۇسۇلى، ئويۇن-پائالىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىلارنىڭ خەت تونۇش ۋە ئوقۇشىغا ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بالىلار نەرسىلەرنى تونۇش، يول مېڭىش، گەپ قىلىشنى ئۆگەنگىنىگە ئوخشاش بىلىپ بىلمەيلا ئۈچ يېشىدا ساۋادىنى چىقىرىپ خەت ئوقۇپ، 5-6 يېشىدا كىتاب ئوقۇيالايدۇ.
(4) تۆتىنچى قانۇنىيەت: خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش. «خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ» دەيدىغان گەپ بار، ياخشى خاراكتېر ھاياتلىقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى ياراملىق بولۇشنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلار ئەقلىي كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. چۈنكى، بىر ئادەمنىڭ يئاپىرىدە بولۇشى خاراكتېر يارىتىشتىن باشلىنىدۇ. ئائىلە تەربىيەسىدە، بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا تۆۋەندىكىدەك «يەتتە خىل ئىسىل خاراكتېر» يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك: خۇشال-خورام،تىتىك بولۇش؛ پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدىغان بولۇش؛ قورقماس، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇش؛ ئىشچان، ئاقكۆڭۈل بولۇش؛ مۇستەقىللىققا ئىگە بولۇش؛ چوڭ بولغاندا چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان غەيرەت-شىجائەتكە ئىگە بولۇش.
2) ئائىلە تەربىيەسىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان پىسخىك قانۇنىيەت
(1) پىسخىك قانۇنىيەت 1: روزىنتال ئېففېكتى. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پىسخولوگى روزىنتال مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇ بىر توپ ئاق چاشقاننى ئىختىيارىي ھالدا ئا ۋە  ب دىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن: ئا گۇرۇپپىنىڭ باققۇچىسىغا بۇ گۇرۇپپىدىكى چاشقانلار ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى؛ ب گۇرۇپپىنىڭ باققۇچىسىغا بۇ گۇرۇپپىدىكى چاشقاننلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى دېگەن. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، پىروفېسسۇر بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنى ناھايىتى سىرلىق ئۆلچەپ چىققان، ئۆلچەش نەتىجىسىدىن ئا گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ب گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا قارىغاندا كۆپ ئەقىللىقلىقىنى بايقىغان. پىروفېسسۇر روزىنتال ئىلھاملىنىپ، بىر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مۇشۇ خىل تەجرىبىنى ئىشلىگەندە ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكەن. بۇ خىل ھادىسە «ئىما- ئىشارەت»نىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىشتىكى رولىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاتا-ئانا بالىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، بالىغا ئەڭ ئىشىنىدىغان ۋە ئەڭ تايىنىدىغان ئادەم، شۇنداقلا پىسخىكا جەھەتتىن ئاڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئادەم؛ ئەگەر ئاتا- ئانا بالىدىن زور ئۈمىد كۈتسە، ئۈمىدلىك نەزىرى، رازىمەنلىك تەبەسسۇمى، ماختاش سۆزلىرى بىلەن بالىنىڭ قەلبىنى ئىللىتسا، بالىنىڭ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش تۇيغۇسى تېخىمۇ ئېشىپ، ئۆزىگە ئىشىنىشى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، دەل شۇنىڭدەك، سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز قانچە يۇقىرى بولسا، بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى نەتىجىسىمۇ شۈنچە زور بولىدۇ!
(2) پىسخىك قانۇنىيەت 2: چەكتىن ئېشىش ئېففېكتى (تەسىر). ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى مارك تېۋىن بىر قېتىم چىركاۋدا باستېرنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلايدۇ. ئەڭ دەسلەپتە، باستېرنىڭ سۆزى ناھايىتى تەسىرلىك بىلىنىپ ئىئانە بېرىشكە تەييارلىق قىلىدۇ؛ 10 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئانچە تاقەت قىلالماي پەقەت پارچە پۇلنىلا ئىئانە قىلماقچى بولىدۇ؛ يەنە 10 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ بىر تىيىنمۇ ئىئانە قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ؛ باستېرنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان نۇتۇقى ئاخىرلىشىپ ئىئانە توپلايدىغان ۋاقىتتا، مارك. تېۋىن كەيپىياتىنىڭ ناچارلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئىئانە بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى تاۋاقتىن ئىككى دوللار ئېلىۋالىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل غىدىقلىنىشنىڭ زىيادە كۆپ، زىيادە كۈچلۈك ۋە تەسىر قىلىش ۋاقتىنىڭ زىيادە ئۇزۇن بولۇشىدىن كېلىپ چىققان روھى ھالەت جەھەتتىن سەۋر قىلالماسلىق ياكى قارشىلىق كۆرسىتىشتەك پىسخىك ھادىسىسىنى «چەكتىن ئېشىش ئېففېكتى» دەپ ئاتىغان. چەكتىن ئاشقان تەسىر ئائىلە تەربىيەسىدە دائىم يۈز بېرىدۇ. ئاتا- ئانىنىڭ بالىنى تەنقىدلىشى چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەگەر تەنقىدلەش تەكرارلىنىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئاددىي ھالدا تەكرارلانماسلىقى، ئوخشىمىغان نۇقتىنەزەردىن چىقىپ، ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.
(3) پىسخىك قانۇنىيەت 3: ۋىس تېرنىس ئېففېكتى. ئامېرىكىنىڭ پىسخولوگى ئېدۋارد ۋىس تېرنىس مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: بىر توپ بالىلار بىر بوۋاينىڭ ئىشىكى ئالدىدا ۋارقىراپ-جارقىراپ ئويناپ پۈتۈن مەھەللىنى بېشىغا كىيىپ، بوۋاينى زادىلا ئارام ئالدۇرماپتۇ، بوۋاي ھەر بىر بالىغا 10 دوللاردىن بېرىپ، بالىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئوينىغىنىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ: بالىلار ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئىككىنچى كۈنى يەنە كەپتۇ، بوۋاي يەنە چىقىپ ھەر بىر بالىغا بەش دوللاردىن بېرىپتۇ،بالىلار ئانچە كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەپتۇ؛ ئۈچىنچى كۈنى بوۋاي ھەر بىر بالىغا ئىككى دوللاردىن بېرىپتۇ، بالىلارنىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، «بىر كۈنگە ئاران ئىككى دوللاردىن بېرەمسىز؟ بىزنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقىنىمىزنى بىلەمسىز!؟» دېيىشىپتۇ ھەم ئىككىنچى بوۋايغا ئويناپ بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلىشىپتۇ. بۇ مەسەلدە، بوۋاي بالىلارنىڭ ئىچكى مەقسىتى «ئۆز خۇشاللىقى ئۈچۈن ئويناش»نى تاشقى مەقسەت «پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئويناش»قا ئۆزگەرتىپ، تاشقى ئامىل ئارقىلىق بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە باشلىقلىرى مېخانىك ھالدىكى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى مەقسىتىنى بارا-بارا يوقاتماستىن، بالىلارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەشكە يېتەكلەپ، ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىققا، شۇنداقلا ئۆگىنىشنى ئەسلىي مەقسەت قىلىشقا قوزغىتىشى كېرەك.
(4) پىسخىك قانۇنىيەت 4: جەنۇب شامىلى ئېففېكتى. «جەنۇب شامىلى ئېففېكتى» فىرانسىيە يازغۇچىسى لا فونتىن (Jean de la Fontaine) يازغان بىر مەسەلدە تىلغا ئېلىپ: شىمال شامىلى بىلەن جەنۇب شامىلىنىڭ قايسىسىنىڭ كۈچى كېتىۋاتقان ئادەمىنڭ پەلتۇسىنى سالدۇرىۋېتىدىغانلىقى ئارقىلىق سېلىشتۇرۇلغان. شىمال شامىلى چىقىش بىلەنلا قەھرىتان سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتۈپ، يولوچى شىمال شامىلىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پەلتۇسىنى تىخىمۇ چىڭ ئورۇنىۋالىدۇ؛ جەنۇب شامىلى مەيىن بولغاچقا،يولوچى ناھايىتى راھەت ھېس قىلىپ، تۈگمىلىرىنى يېشىپ، بارا- بارا پەلتۇسىنى سېلىۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەنۇب شامىلى غەلىبە قىلىدۇ. جەنۇب شامىلىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، جەنۇب شامىلى ئادەمنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىغا ماسلاشقان. بۇ خىل ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئۆزىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتىن شەكىللەنگەن پىسخىك تەسىر «جەنۇب شامىلى ئېففېكتى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، مېھرى-شەپقەت تەربىيەسىنى يولغا قويۇش كۆپرەك «ئىنسانىي مۇھەببەت»نى ھېس قىلدۇرۇش بالىلارنى ئاڭلىق ھالدا ئىلگىرىلەيدىغان قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
(5) پىسخىك قانۇنىيەت 5: سوغا ئېففېكتى. «سوغا ئېففېكتى»نىڭ مەنىسى: ئۇزۇن- قىسقىلىغى تەكشى بولمىغان ياغاچىتىن ياسالغان بىر سوغىغا قانچىلىك سۇ ئالغىلى بولىدىغانلىقى سوغىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ياغىچىغا باغلىق بولماستىن، بەلكى سوغىدىكى ئەڭ قىسقا ياغاچقا باغلىق بولىدۇ. بىر بالىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ ياخشىلىقىنى بىر سوغىغا سېلىشتۇرساق، ھەر بىر ساپا مۇشۇ چوڭ سوغىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان پارچىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ مەلۇم تەرەپتىكى يېتەرسىزىلىكىنى بايقىغاندا، ئائىلە باشلىقىلىرى دەل ۋاقتىدا بالىلارنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشى، بالىنىڭ «ئارتۇقچىلىقىنى قوبول قىلىپ، يېتەرسىزلىكىنى تۈگىتىشى»گە ياردەم بېرىشى كېرەك.
(6) پىسخىك قانۇنىيەت 6: خاۋت خورىن ئېففېكتى. ئامېرىكا چىكاگو شەھەر سىرتىدىكى خاۋت خورىن (Hawthorne) زاۋۇتىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، داۋالاش تۈزۈمى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مۇكەممەل تۈزۈملىرى بار. بىراق ئىشچىلار يەنىلار رازى بولماي، ئىشلەپچىقىرىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. كېيىن، پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى مەخسۇس ئىككى يىل سەرپ قىلىپ بىر تۈرلۈك سۆزلىشىش تەجرىبىسى ئىشلەپ، ئىشچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشكەن، سۆھبەتلىشىش قېتىم سانى 20 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بەلگىلەنگەن سۆھبەت جەريانىدا، ئىشچىلارنىڭ زاۋۇت تەرەپكە بولغان ھەر خىل پىكىر ۋە نارازىلىقىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىغان. زاۋۇت بۇ تەجرىبە ئارقىلىق ئويلاپ باقمىغان نەتىجىگە ئېرىشكەن: خاۋت خورىن زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى زور ھەجىمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ بالىلىرى بىلەن سىردىشىشى، بالىلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشتىكى قايمۇقۇش ۋە نارازىلىقىنى پۇخادىن چىققۇچە سۆزلىۋېلىشىغا سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش، ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش شەكلىدىكى بىر خىل قانائەتلىنىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىلار ئازادە، راھەت ھېس قىلىدۇ. ئۆگىنىشتە تېخىمۇ تىرىشىدۇ، تۇرمۇشتا ئۆزىگە تېخمۇ ئىشىنىدۇ!
(7) پىسخىك قانۇنىيەت 7: كۆپەيتىش ۋە كېمەيتىش ئېففېكتى. كىشىلەر ئارا باردى-كەلدىدە «كۆپەيتىش ۋە كېمەيتىش ئېففېكتى» بولىدۇ. ھەرقانداق ئادەم قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە بولغان ياخشى كۆرۈشىنىڭ «ئۈزۈكسىز كۆپىيىشى»نى ئارزۇ قىلىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالىلارنى باھالىغاندا، «كۆپەيتىش ئېففېكتى» قوللانغاننىڭ زىيىنى يوق، مەسىلەن، ئالدى بىلەن بالىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تەگمەيدىغان بەزى ئۇششاق نۇقسانلىرىنى دەپ، ئاندىن ئۆز لايىقىدا مەدھىيەلەشنى كۆرسىتىدۇ.
(8) پىسخىك قانۇنىيەت 8: كېپىنەك ئېففېكتى. «جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازۇن دەرياسى ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنىدىكى كېپىنەكلەر قاناتلىرىنى ئاندا- ساندا بىر نەچچە قېتىم سىلكىپ قويسىلا، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تېكىساس ئىشتاتىدا قارا قويۇن چىقىدۇ». بۇنىڭدىكى سەۋەپ كېپىنەكنىڭ قانىتىنى قېقىشىى ئەتراپتىكى ھاۋا سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئاجىز ھاۋا ئىقىمى شەكىللەندۈرۈپ، تۆت ئەتراپتىكى ھاۋا ياكى باشقا سىستېمىدا شۇنىڭغا ماس ئۆزگىرىش شەكىللەندۈرۈپ، چېتىلما تەسىر پەيدا قىلىپ، باشقا سىستېمىلارنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنەلەيمىزكى: كىچىككىنە سەۋەبمۇ بەلگىلىك ۋاقىت ھەم باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن تەرەققىي قىلىپ غايەت زور تەسىر كۈچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. «كېپىنەك ئېففېكتى» بىزگە بالا تەربىيەلەشنىڭ كىچىك ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا توغرا، مۇۋاپىق بولۇش بالىنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ خاتا، قارىسىغا ھۆكۈممۇ ئوخشاشلا بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
(9) پىسخىك قانۇنىيەت 9: ماركا چاپلاش ئېففېكتى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئەسكىرىي كۈچ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئەسكەرگە جىددىي ئىھتىياجى چۈشىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈرمىگە قامالغان جىنايەتچىلەرنى تەشكىللەپ ئالدىنقى سەپكە كۈرەشكە ئەۋەتىشنى قارار قىلىدۇ ھەم بىر نەچچە پىسخولوگنى جىنايەتچىلەرنىڭ ئۇرۇش ئالدىدىكى مەشىق ۋە سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلەرىگە بىللە قاتنىشىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىدۇ. مەشىق مەزگىلىدە پىسخولوگلار جىنايەتچىلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن كىشىلىرىگە بىر پارچە خەت يېزىشىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. خەتنىڭ مەزمۇنىنى پىسخولوگلار بىر تۇتاش بىكىتىپ بەرگەن بولۇپ، جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىدىكى ئىپادىسىنىڭ قانداق ياخشىلانغانلىقى، قانداق قىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولغانلىقى قاتارلىقلار يېزىلاتتى. پىسخولوگلار جىنايەتچىلەردىن ئەستايىدىل كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ يىقىن كىشىلىرىگە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلاتتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، جىنايەتچىلەر ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى، مۇتەخەسسىسلەر جىنايەتچىلەردىن يىقىنلىرىغا يازغان خىتىدە قوماندانلىققا قانداق بويسۇنغانلىقىنى، قانداق باتۇرلۇق قىلغانلىقىنى يېزىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە، بۇ بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئىپادىسى مۇنتىزىم قوشۇندىكىلەردىن قىلىشمىدى، ئۇلار جەڭدە ئۆزلىرى خەتتە يازغىنىدەك قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلدى. كېيىن، پىسخولوگلار بۇ ھادىسىنى «ماركا چاپلاش ئېففېكتى» دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا- ئانىلار چوقۇم بالىلارنى مازاق قىلىدىغان، ئىزا-ئاھانەتتە قويىدىغان، تەھدىت سالىدىغان، قورقۇتىدىغان گەپ- سۆزلەرنى تۈگىتىپ، ئىلھاملاندۇرۇش تۈسىدىكى سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، بالىلارغا ياخشى ماركىلارنى كۆپرەك چاپلاش كېرەك.
(10) پىسخىك قانۇنىيەت 10: بوسوغىغا دەسسەش ئېففېكتى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇنداق ھادىسىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز: باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئەگەر باشلىنىشىدىلا يۇقىرىراق تەلەپ قويسىڭىز، ناھايىتى ئاسانلا رەت قىلىنىسىز؛ ئەگەر دەسلەپتە ئاددىيراق تەلەپ قويۇپ، باشقىلار قوشۇلغاندىنن كېيىن تەلىپىڭىزنى كۆپەيتسىڭىز مەقسىتىڭىزگە ئاسانلا يېتەلەيسىز، بۇ خىل ھادىسىنى پىسخولوگلار «بوسوغىغا دەسسەش ئېففېكتى» دەپ ئاتايدۇ. ئائىلە تەربىيەسىدە، بىزمۇ «بوسوغىغا دەسسەش» تەربىيەسىنى قوللانساق بولىدۇ. مەسىلەن، ئالدى بىلەن بالىغا تۆۋەنرەك تەلەپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ بويىچە قىلىشىنى ساقلاش، مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن تەقدىرلەش، ھەتتا مۇكاپاتلاش، ئاندىن پەيدىنپەي تەلەپنى يۇقىرى كۆتۈرسە، شۇ ئارقىلىق بالىلار توختىماستىن ئاكتىپلىق بىلەن غەيرەتكە كېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ يۇقىرىقى قانۇنىيەتنى چۈشەنگەن ئاساستا، ئىلمىي ھالدا تۇرمۇشقا تەدبىقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كۆپچىلىككە رەھمەت.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش