| بالا تەربىيەلەش ئىختىدارىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش بىلىملىرى بىرىنچى دەرس: سالام ساڭا شەبنەم قونغان گۈل بېغىم ـــ بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرگەندىن كېيىنكى مائارىپنى قانداق ئىشلەش كېرەك ● ئۆگىنىشتىن مەقسەت: ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلار باغچىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بىر كۈنلۈك تۇرمۇش ھالقىلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىپ، بالىلىرىنى يەسلىگە بېرىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىش. ● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا: ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلارنى يەسلىگە تۇنجى بەرگەندە دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر ۋە ئۇسۇللارنى قوللىنىشىغا ياردەم بېرىش. ● ئۆگىنىش مەزمۇنى: بالىنىڭ بالىلار باغچىسىغا كىرىشى كىشىلىك ھاياتتىكى مۇھىم باشلىنىش، ئۇلار ھەقىقىي ئىجتىمائىي تۇرۇمۇش ۋە ئۆگىنىش تۇرمۇشىنى مۇشۇ يەردىن باشلايدۇ. بۇ، بالىڭىزنىڭ بالىلار باغچىسىغا كىرىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، بەلكى سىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ تۇرمۇشنى يېڭىدىن باشلاش ئالدىدا تۇرغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىرىنچى، بالىلار باغچىسىغا ئائىت ئائىلە باشلىقلىرى بىلىشكە تېگىشلىك ساۋاتلار بىرىنچى، بالىلار باغچىسىدىكى مائارىپ خىزمىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇن ۋە قانۇنىي بەلگىلىمىلەر قايسىلار؟ ئىككىنچى، بالىلار باغچىسى مائارىپىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكى نېمە؟ ئۈچىنچى، بالىلار باغچىسى مائارىپىنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ تۆتىنچى، بالىلار باغچىسى مائارىپىنىڭ مەزمۇنى قايسىلار؟ بەشىنچى، بالىلار باغچىسى مائارىپ پائالىيىتىنى قانداق قانات يايدۇرىدۇ؟ ئالتىنچى، بالىلار باغچىسىنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىدا قايسى ھالقىلار بار؟ يەتتىنچى، بالىلار باغچىسىدا بىخەتەرلىك، تازىلىق، ساقلىقنى ساقلاشقا ئائىت قانداق تۈزۈملەر بار؟ بالىلار باغچىلىرى يۇقىرىقى مەسىلىلەر بويىچە ئائىلە باشلىقلىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەيدۇ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىگىلىۋالساڭلار بولىدۇ. ئىككىنچى، بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار: (1) كەيپىيات جەھەتتە. بالا بالىلار باغچىسىغا تۇنجى كىرگەندە، ھەمىشە ئەنسىزلىك، كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش، يىغلاش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ھادىسىنىڭ كۆرۈلۈش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، چۈنكى بالىدا ناتونۇش مۇھىتقا قارىتا قورقۇش پەيدا بولىدۇ. (2) يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە. بالا بالىلار باغچىسىغا كىرگەندە، تاماق مىقدارى ئازلاپ كېتىش، قەۋزىيەت، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا بالا بالىلار باغچىسىغا كىرىشتىن بۇرۇن ۋە بالىلار باغچىسىغا كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئائىلە باشلىقلىرى بالىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى، بالىغا سۇيۇق، گۆشسىز ۋە مايسىز يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىشى، كۆپ سۇ ئىچكۈزۈشى كېرەك. (3) ئۇيقۇ جەھەتتە. ئاز ساندىكى بالىلاردا كېچىسى چۆچۈش، يىغلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. (4) ھەرىكەت-قىلىق جەھەتتە. بالىلار باغچىسىغا كىرگەندىن كېيىن، بەزى بالىلارنىڭ قىلىقلىرىدا قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، ئايرىلغۇسى كەلمەسلىك، ھەرىكىتى ئازلاش، قورقۇنچاق، جىمغۇر بولۇپ قېلىش، قارشىلىقى كۈچىيىش ۋەھاكازالار. بۇ يېڭى مۇھىتقا بولغان بىر خىل ئىنكاس بولۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. (5) جىسمانىي جەھەتتە. بالىلار باغچىسىغا كىرگەن ئىككى ھەپتىدە، %70 بالا ئاغرىپ قالىدۇ. بالا ئادەتتە كۆپ يىغلاش سەۋەبىدىن گېلى ياللۇغلىنىپ ئاغرىيدۇ ھەم باشقا بالىلارغا يۇقتۇرىدۇ. ئەمما، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ. ئاۋۋال، ھازىر بالىلار باغچىلىرىنى ئەتىگەندە تەكشۈرۈش، بۇيۇملار ۋە سىنىپلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق تازىلىق ۋە ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى ئىنتايىن تولۇق. ئۇنىڭدىن قالسا، ئاندا-ساندا ئاغرىش بالىلارنىڭ ئىممونېتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۈچىنچى، بالىلار قىلىشقا تېگىشلىك تەييارلىقلار (1) قوشۇق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش. بالا ئۆزى قوشۇق بىلەن تاماق يېيەلىسىلا، ئۇنىڭ تويغۇچە تاماق يېگەن- يېمىگەنلىكىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. (2) سۇ ئىچىشنى ئۆگىنىش. بالىلار باغچىسى كىچىك دوستلاردىن ئىستاكاندا سۇ ئىچىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇمۇ بالىلار باغچىسى بىلەن ئائىلىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى. (3) چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشنى مەشىق قىلىش. بالىنىڭ قەرەللىك ھالدا ھاجەتخانىغا بېرىپ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ياكى ئۇنىڭغا تەرەت قىلىدىغان چاغدا مۇئەللىمدىن ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلىشنى ئۇقتۇرۇش كېرەك. (4) كىيىم كىيىش ۋە سېلىش. چۈشلۈك ئۇيقۇدىن كېيىن، بالىنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزى كىيىش-كېيەلمەسلىكىنىڭ بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. (5) مۇستەقىل ئۇخلاشنى ئۆگىنىش. چۈنكى، بالىلار بالىلار باغچىسىدا تاماق يەپ بولۇپلا بىردەم ئۇخلايدۇ، ئۇخلاش ۋاقتى ئادەتتە ئىككى يېرىم سائەت بولىدۇ. تۆتىنچى، ئائىلە باشلىقلىرى قىلىشقا تېگىشلىك تەييارلىقلار (1) بالىلار باغچىسىغا بېرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى 1. بالىلار باغچىسى ۋە سىنىپ بىلەن تونۇشۇش. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى ئېلىپ بالىلار باغچىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغىلى كەلگەن چاغدا، بالىلار باغچىسى ۋە سىنىپ مەسئۇلى تەييارلىۋالغان ماتېرىياللارنى ئائىلە باشلىقلىرىغا تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئائىلە باشلىقلىرىنى بالىلار باغچىسىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تونۇشقا ئىگە قىلغىلى ھەمدە بالىلار باغچىسى خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنى: بالىلار باغچىسىدىكى ئاتا-ئانىلار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار (بالىلار باغچىسىغا كەلگەن ۋاقىت، پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى، دورا ئەكىلىش ئىشى، يوقلىما تۈزۈمى قاتارلىقلار)، سىنىپ مەسئۇلىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، سىنىپنىڭ تور ئادرېسى (تورغا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رەسىملىرى، سىنىپلارنىڭ سەرەمجانلاشتۇرۇلۇشى چىقىرىلسا، بالىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن بالىلار باغچىسىغا يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلىرىنى تۇنجى قېتىم بالىلار باغچىسىغا قانداق ئەكىلىشى توغرىسىدىكى ماھارەت تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەر بېرىلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2. ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈش سوئال قەغىزىنى تولدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش. ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىنىڭ ئەھۋالىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشىنىشى ئۈچۈن، بالىغا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى، مەسىلەن، ئائىلە ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، بالىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، زىيان قىلىدىغان يېمەكلىكلەر، ئائىلە باشلىقى بالىغا ياردەملىشىش جەھەتتە ئوقۇتقۇچىغا ئېھتىياجى چۈشىدىغان تەرەپلەر، ئائىلە باشلىقى ئوقۇتقۇچىدىن دىققەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان تەرەپلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويۇشى كېرەك. (2) يەسلىگە كىرگەن ۋاقىتتىكى قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ئائىلە باشلىقى مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن بالىغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىشى، يەسىلىگە كېلىش يولىدا بالىغا ياخشى گەپلەرنى دېيىشى، يەسلىگە كەلگەندە مۇئەللىم بىلەن سالاملىشىشى، بالا بىلەن ئاددىيلا خوشلاشقاندىن كېيىن دەرھال ئايرىلىشى، بالىغا تارتىشماسلىقى كېرەك. چۈشتىن كېيىن ئىشىك ئېچىلغاندا، ئائىلە باشلىقى بالىنى ئېلىشقا ۋاقتىدا كېلىشى ھەمدە بالىغا: «بۈگۈن نۇرغۇن كىچىك دوستلار بىلەن ئوينىدىڭ، بەك خوشال بولغانسەن؟ يەسلىدە ئويۇنچۇقلار بەك كۆپ ئىكەن، مېنىڭمۇ كەلگۈم كېلىۋاتىدۇ»؛ «يەسلىنىڭ تامىقى نېمە دېگەن مېزىلىك، مېنىڭ بۇرنۇمغىمۇ مېزىلىك پۇراق ئۇرۇلۇۋاتىدۇ» دېگەندەك بالىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرىدىغان گەپلەرنى دېيىشى، بالىدىن: «بۈگۈن ئاپاڭنى كۆرگۈڭ كەلدىمۇ؟» «بالىلار سېنى بوزەك قىلدىمۇ؟» دېگەندەك سەلبىي سوئاللارنى سوراشتىن ساقلىنىشى ھەم بالىدىن: «ئەتە يەسلىگە كېلەمسەن؟» «يەسلى ياخشىمىكەن؟» دېگەندەك بالىنىڭ ئىشەنچىسىنى تەۋرىتىدىغان سوئاللارنى سورىماسلىقى كېرەك. (3) يەسلىگە كىرگەندىن كېيىنكى ماسلىشىش خىزمىتى بالىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولغان ئەھۋالدا، بالىنى ھەر كۈنى يەسلىگە ئاپىرىش، بالا يىغلىغان تەقدىردىمۇ ھەر كۈنى يەسلىگە ئاپىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالىدا يەسلىگە بارمىسام بولمايدىكەن دېگەن ئاڭنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بالىنى ھەر كۈنى ئاخشىمى ۋاقتىدا ئۇخلىتىش، ئەتىگەندە ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، بالىدا كېچىكىپ قالدىم دەيدىغان قورقۇش پىسخىكىسىنى پەيدا قىلماسلىق، يەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بالىنىڭ خۇشال ئوينىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (4) ماددىي تەييارلىق خىزمەتلىرى: 1. كىيىم-كېچەك. بالىغا ئامال بار كىيىش ۋە سېلىشقا ئاسان بولىدىغان ئاددىيراق كىيىم، ئاياغ، پايپاقلارنى كىيگۈزۈش كېرەك. بالىنىڭ كىيىمىنى كېيەلمەي ۋە سالالماي يىغلىشىدىن ساقلىنىش؛ ئىككىنچىسى، بالىنىڭ خاتا يەۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نۇرغۇن مۇنچىقى بار ۋە بېزەك تۇتۇلغان كىيىملەرنى بالىغا كىيدۈرمەسلىك كېرەك؛ ئەڭ ئاخىرىدا، بالىغا نۇرغۇن يانچۇقى ۋە شوينىسى بار كىيىملەرنى كىيدۈرمەسلىك كېرەك، بولمىسا بالا بۇ نەرسىلەرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، ئاسانلا ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنىپ قالىدۇ. 2. تۇرمۇش بۇيۇملىرى. بالىنى يەسلىگە تۇنجى ئاپارغاندا، مۇئەللىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، بالا ئادەتتە ئۆيدە ئىشلىتىدىغان ئىستاكان، لۆڭگە، كىرلىك، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى يەسلىگە ئاپىرىش، بالىنىڭ ماسلىشالماسلىق باسقۇچىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن بالىغا ھەمراھ بولۇش ئارقىلىق، بالىنىڭ يەسلىگە كىرگەندىن كېيىنكى تەشۋىشلىرىنى تۈگىتىش كېرەك. بەشىنچى، بالىسىنى يېڭىدىن يەسلىگە بەرگەن ئاتا-ئانىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سوئال–جاۋابلار: 1. بالا سۇ ئىچىمەن، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىمەن دېسە، قانداق قىلىش كېرەك؟ بالا يەسلىگە يېڭى كىرگەندە، مۇئەللىم بالىنى پات-پات ئەسكەرتىپ تۇرسا، بالىمۇ سۇ ئىچىش، ھاجەتخانىغا كىرىش تەلىپىنى ھەر ۋاقىت ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. ئەھۋال تۇراقلاشقاندىن كېيىن، بالىدا سۇ ئىچىش، ھاجەتخانىغا كىرىش ۋاقتى مۇقىملىشىدۇ، لېكىن بالىنىڭ بۇ جەھەتتە تەلىپى بولسا، مۇئەللىمگە خالىغانچە تەلىپىنى ئېيتسا بولىدۇ. يېشى كىچىكرەك بالىلار سۇ ئىچىش ۋە ھاجەتخانىغا كىرىش ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالىغانغا قەدەر مۇئەللىم ئۇلارغا ياردەملىشىدۇ. 2. بالا چۈشتە ئۇخلىغىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇئەللىم يەسلىگە يېڭىدىن كىرگەن بالىلارنى چۈشتە ئۇخلاشقا مەجبۇرلىماسلىقى، بالىلارنى ئاستا-ئاستا ئۇخلاشقا كۆندۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن، ئاۋۋال بالىنىڭ «ئاپىسىنى ساقلاش» تەلىپىگە قوشۇلۇپ، بالىنى كارىۋات يېنىدا جىمجىت ئولتۇرغۇزۇش، بالىنىڭ ئۇيقۇسى كەلگەندە، ئاندىن ئۇنى كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاشقا نەسىھەت قىلىش كېرەك. 3. بالا ئۆزى تاماق يېيەلمىسە ياكى تاماق يېگىلى ئۇنىمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ تاماق يېگەن چاغدا، مۇئەللىم يېڭىدىن يەسلىگە كىرگەن بالىلارغا پەۋقۇلئاددە كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا قوشۇق بىلەن تاماق يېيىشنى ئۆگىتىدۇ، تاماق يېيەلمەيدىغان بالىلارغا مۇئەللىم تېخى تاماق يېگۈزۈپ قويىدۇ. بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش ئۈچۈن، يەسلىنىڭ تاماق-قورۇمىلىرى رەڭلىك، پۇراقلىق، تەملىك بولىدۇ. تاماق ئۇسقاندا، ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئۇسۇش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمى ۋە بالىلارنىڭ ئوپچە تاماق يېيىش كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدە، بالىلار تېزلا ئۆزى تاماق يېيىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەسلىمۇ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقتىدا سەپلەيدۇ ھەم ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ھەمكارلىشىپ، بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى تېزلىكتە تۇراقلاشتۇرىدۇ. 4. بالا يەسلىدە باشقا بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە خىلمۇخىل بولىدۇ، بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش-جېدەل (تىللىشىش ھەتتا ئۇرۇشۇش)نىڭ يۈز بېرىشى ئىنتايىن نورمال ئىش. بالىلارنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاجىز بولغاچقا، بۇ ئۇرۇش-جېدەللەر ئادەتتە بالىلارنى زەخمىلەندۈرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىم ئۇرۇش-جېدەللەرنى دەرھال بېسىقتۇرىدۇ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىدىن خاتىرجەم بولسا بولىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، بالىلار ئۇرۇشۇپ بولۇپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ ھەم تېزلا يەنە بىللە ئوينايدۇ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ ئۇرۇش-جېدىلىگە ئارىلىشىپ، ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەسلىكى كېرەك. ئومۇمەن، بالىنى يەسلىگە بېرىشتىن بۇرۇن پىسخىك تەييارلىق بولۇش، بالىنى يەسلىگە بەرگەندىن كېيىن مۇئەللىملەر بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىش ھاسىل قىلىش، ئۆزئارا قوللاش، مۇئەللىملەر بىلەن ۋاقتىدا، پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇرۇش، بالىلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تۇنجى ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ۋە دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سېلىشىغا ئىشىنىش كېرەك.
|
|