كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 1

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككىنچى دەرس:
ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى
● ئۆگىنىشتىن مەقسەت: ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئورنىنى چۈشىنىش، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇش.
● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا: ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئورنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەربىيەلەش جەريانىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇش.
● ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
1.  ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى
(1) ئۇل سېلىش ۋە ئۆمۈرلۈكلۈك
ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۇل سېلىش خۇسۇسىيىتى ― بالىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى تەربىيەنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ نېگىزلىك تەربىيە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆمۈرلۈك تەربىيەنىڭ خۇسۇسىيىتى ― بالا ئالغان بارلىق ئائىلە تەربىيەسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆمۈرلۈك خۇسۇسىيىتى ئىككى تەرەپتە گەۋدىلىىنىدۇ: بىرى، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن مىجەز-خاراكتېر قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەر ئادەمگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئاتا-ئانا تەربىيە بېرىش جەريانىدا بىر ئائىلىنىڭ تەربىيە بېرىش ئۇسلۇبى ۋە شەكلى شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل تەربىيە ئۇسلۇبى ۋە شەكلى بالا مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ بالىنىڭ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم ھەتتا ئۆمۈرلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
(2) يېقىنلىق ۋە نوپۇز
يېقىنلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ئائىلە تەربىيەسى قانداشلىق مۇناسىۋەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان چوڭقۇر يېقىنىچىلىقى ئاساسىدا قۇرۇلغان تەربىيەدۇر. بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم شەكلى دوراپ ئۆگىنىش بولۇپ، بالا ئۆزى ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىدىغان كىشىلەرنى دورايدۇ. نوپۇزنىڭ كۆرسىتىدىغىنى مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى تەربىيە ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارغا بولغان نوپۇزىنىڭ تەسىر قىلىشى ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ. نوپۇز بىلەن يېقىنلىق ئۆزئارا باغلىنىشلىق. ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قاراتمىلىق تەربىيە بەرسە بولىدۇ.
(3) تاسادىپىيلىق ۋە قاراتمىلىق
تاسادىپىيلىق ― ئاتا-ئانىلار بالىلار تۇرمۇشىدىكى بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بالىلارغا خالىغانچە تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ دېگەنلىك. تاسادىپىيلىق يەنە ئاتا-ئانىنىڭ ئۆلگىلىك رولى ۋە ئائىلە مۇھىتىدا، بولۇپمۇ مەنىۋى مۇھىتىدا ئىپادىلىنىدۇ.
قاراتمىلىق بولسا بالىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە، تەرەققىيات سۈپىتىگە قارىتا قاراتملىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيەدۇر. قاراتمىلىق بىلەن تاسادىپىيلىق ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قاراتمىلىق ئېلىپ بارىدىغان تەربىيەدۇر.
(4) جانلىقلىق ۋە يوشۇرۇنلۇق
جانلىقىلىق دېگەندە ئائىلە تەربىيەسى مەكتەپ تەربىيەسىدەك پىلانلىق، تەشكىللىك ۋە سىستېمىلىق بولماستىن، كۆپىنچە تۇرمۇشتىكى تەربىيە بولۇپ، ئورۇن، ۋاقىت، شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يوشۇرۇن تەربىيە بولسا ئالاھىدە يارىتىلغان ئىجتىمائىي مۇھىت، پائالىيەت سورۇنى ۋە مەدەنىيەت كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ تەربىيە ئوبيېكتغا نىسبەتەن ئاڭسىز، ۋاسىتىلىك ھالدا، شەكىلسىز ئېلىپ بارىدىغان ئەخلاق تەربىيە شەكلىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. يوشۇرۇن شەكىلدىكى ئائىلە تەربىيەسى ناھايىتى يۇقىرى تەربىيەلەش سەنئىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ قوبول قىلىش- قىلماسلىقى كۆپ ھاللاردا ئاتا- ئانا قوللانغان تەربىيەلەش شەكلى بىلەن تەربىيەلەش ماھارىتىگە باغلىنىشلىق.
(5) دەۋرچانلىق بىلەن ئىجتىمائىيلىق
دەۋرچانلىق ئائىلە تەربىيەسىنىڭ دەۋر تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە ماڭىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇچۇر دەۋرىدىكى توختاۋسىز تەڭشىلىپ ۋە ئۆزگىرىىپ تۇرغان تۇرمۇشىمىزدىكى ئائىلە تەربىيەسىدە يېڭى ئالاھىدىلىكلەر ئۈزۈكسىز گەۋدىلىنىدۇ، بۇ ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلارنىڭ توختىماي ئۆگىنىشىگە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى بالىلار ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئاساس بولغاچقا، ئائىلە تەربىيەسىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشنى ئاڭلىق ھالدا كۈچەيتىش، ئىجتىمائىيلىشىشنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش، بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
2. ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئورنى
(1) ئائىلە تەربىيەسى مەڭگۈ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە
ئائىلە جەمئىيەتنىڭ «ھۆجەيرە»سى، ئائىلە تەربىيەسى ئائىلە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولغان، مەكتەپ تەربىيەسى بولسا بىر خىل مۇستەقىل بولغان تەربىيە شەكلى. ئائىلە مەۋجۇد بولغاندىلا ئائىلە تەربىيەسى مەۋجۇد بولىدۇ، ئىجتمائىي مەدەنىيەت دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىمۇ ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تەربىيەنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمۇ توختاۋسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، زامانىۋى ئىلىم-پەننى ئاساس قىلغان ئائىلە تەربىيەسىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.
(2) ئائىلە تەربىيەسى پۈتكۈل تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى
بالىلار تۇغۇلۇپلا ئائىلدە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەسىدە بولىدۇ، ئائىلە تەربىيەسى ھەر بىر بالىدا ئوخشىمىغان خاراكتېر، ئىقتىدار ۋە بىلىم ئاساسىنى يارىتىدۇ. بالىلار ئائىلىدە نورمال ئادەمنىڭ ياشاش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى ئاساسى ئىقتىدارنى ئۆگىنىدۇ. مەكتەپ تەربىيەسى ئائىلە تەربىيەسى ئاساسىدا داۋاملىشىدۇ ۋە چوڭقۇرلىشىدۇ، جەمئىيەت تەربىيەسىمۇ ئائىلە تەربىيەسى ئاساسىدا تولۇقلىنىدۇ ۋە كېڭەيتىلىدۇ.
(3) ئائىلە تەربىيەسى زامانىۋىلاشقان تەربىيە سىستېمىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسمى.
بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى باسقۇچىدا ئائىلە تەربىيەسى ھېچقانداق نەرسە ئورنىنى باسالمىغەدەك دەرىجىدە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىرلەشتۈرۈلگەن تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى، بۇ ئۈچ تەرەپتىن قايسى بىرى كەم بولسا تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى مۇستەقىل ئورۇنلىغىلى بولمايدۇ.
(4) ئائىلە تەربىيەسى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم يول.
بالىنىڭ يېشى ۋە جەمئىيەت تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، جەمئىيەتتىكى نەرسىلەرنى كۆپىنچە تاللىمايلا قوبول قىلىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ھاللاردا يامان ئۇچۇرلار بالىلار تەرىپىدىن ناھايىتى ئاسانلا قوبول قىلىنىدۇ، ئەگەر دەل ۋاقتىدا توغرا يېتەكلەنمىسە، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر قىسىم تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياش- ئۆسمۇرلەر ئىچىدىكى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە سەل قارىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. توغرا بولغان ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنى جەمئىيەتتىكى يامان ئۇچۇرلاردىن قۇتقۇزۇپ، چىرىتىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
(5) ئائىلە تەربىيەسى مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ ياردەمچىسى ۋە تولۇقلىمىسى
ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى مەكتەپكىلا يۈكلەپ قويماستىن، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مەكتەپ تەربىيەسى ئائىلە تەربىيەسى بىلەن زىچ ماسلاشمىسا، تەربىيە ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققى قىلدۈرۈش ناھايىتى تەس. ئائىلە تەربىيەسى مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ ياردەمچىسى ۋە تولۇقلىمىسى بولۇپ، نىشان يېتىلدۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ ئىھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، يەنەا مائارىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قانۇنىيەتنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. مەكتەپ تەربىيەسىدە ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ ئىدىيەسى، ئەخلاق ساپاسى، جىسمانىي، روھىي ئالاھىدىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقىگە دىققەت قىلىپ بولۇشى ناھايىتى تەس. ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ھەرىكەت ئادىتى، ئىدىيە ئەخلاق ھالىتىگە ناھايىتى پىششىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پەرزەنتلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە خاراكتېر ئالادىلىكىنىمۇ چۈشىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەر بىر ئاتا-ئانا پەرزەنتلەرگە ئۈنۈملۈك تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە بالىلارنى تەربىيەلەشتە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى بار. پەقەت مەكتەپ بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنى زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىشتا ئۈنۈملۈك تەربىيەلىگىلى بولىدۇ.
3. ئائىلە تەربىيەسىنىڭ رولى
(1) ئائىلە تەربىيەسى كىشىلىك تەرەققىياتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاساسى
ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك تەرەققىياتىنى تەبئىي شارائىت بىلەن تەمىنلەشتە، بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى تەرەققىياتتا زۆرۈر بولغان ئېرسىيەت تەبئىي سۈپىتى بىلەن تەمىنلەش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيە بالىنىڭ ساغلام تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بالىنىڭ تەن تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى يارىتىدۇ، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ بالىلارنىڭ تەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى ئاساسلىقى بالىلارغا بولغان مۇۋاپىق تەربىيە ۋە چىنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئائىلە بالا ئورگانىزمىنىڭ نورمال ئۈسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
(2) ياخشى ئائىلە تەربىيەسى بالىنىڭ قەلبىنى سەرخىللاشتۇرىدىغان كاتالىزاتۇر
ئائىلە ― بالا ئەڭ دەسلەپ ئۇچرىشىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ئائىلىدە بالا ئەڭ دەسلەپكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. بالا ئەڭ دەسلىپىدە پۈتۈنلەي ئۆزىنى مەركەز قىلىپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ تەربىيەسى ئارقىلىق بارا-بارا ئۆزىنى مەركەز قىلىشتىن سۇسلاپ، باشقىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلايدۇ، ئەركىنلىكنىڭ چېكىنى چۈشىنىدۇ، دەسلەپكە قەدەمدە مۇۋاپىق بولمىغان ھەۋەستىن ئۆزىنى تىزگىنلەيدۇ، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر. ئائىلە تەربىيەسى بالىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى جەمئىيەتكە ماسلىشىشىشغا ياردەم بېرىدۇ، بالىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
(3) ياخشى ئائىلە تەربىيەسى 21-ئەسىردىكى ئىختىساسلقلارنى تەربىيەلەيدىغان زۆرۈر شەرت
ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ تىلى ۋە ئەقىل-پاراسىتىدىكى بىخنى قوزغىتىپ، بالىنىڭ ئەقلى تەرەققىياتىنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتىگە ئەھمىيەت بېرىشى، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بالا ئاتا-ئانىنىڭ باشلىشى بىلەن تاشقى دۇنياغا بولغان چۈشىنىش دائىرىسىنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ، ھەرخىل تۇيغۇ ئەزالىرىنى چىنىقتۇرىدۇ، ھەر خىل تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى توپلايدۇ. مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى تەربىيە ئەمەلىيىتى كۆرسەتتىكى، بالا مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى مەزگىلدە دەسلەپكى قەدەمدىكى ھەر خىل تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىقتىدارىنى تۇرغۇزۇپ بولىدۇ، بۇ ئاتا-ئاننىڭ بالىغا سەۋرچانلىقى، زېرىكمەي تەربىيەلىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
(4) ياخشى ئائىلە تەربىيەسى پەرزەنتنىڭ «مۇكەممەل» تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ
«مۇكەممەل پەرزەنت» ئىدىيەسى دېگىنىمىز 2001-يىلى «بالىلار باغچىسى يېتەكچىلىك قوللانمىسى» (سىناق نۇسخا)دىكى ئۇقۇم بولۇپ، بالىلار تەربىيەسى بالىلارنىڭ جىسمانى ساپاسى، پىسخىك ساپاسى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ساپاسى جەھەتتىن مۇكەممەل تەربىيەلەشنى كۆزدە تۇتۇپ، بالىلارنى جىسمانىي، ئەخلاقىي، ئەقلىي، ئەمگەك، گۈزەللىك جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك ۋە ماسلاشقان تەرەققىيات سىسىتېمىسى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. بالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات سىستېمىسى دېگەنلىك. «مۇكەممەل پەرزەنت» يېتىشتۈرۈش، يەسلى مائارىپى جەمئىيەت ۋە ئادەم تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، بالىلارنى جىسمانىي، پىسخىكا جەھەتتىن ھەقىقىي ماسلاشقان ھەم ئەقلى، ھېسسىيات، ئارزۇ بىرلىككە كەلگەن پۈتۈن گەۋدە دەپ قاراش، شۇنداقلا تەربىيە پائالىيىتىدە جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن تەڭ تەرەققىي قىلغان يېڭى ئەۋلادلارغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بۈگۈن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولىنى ئۆگەندۇق، كۈپچىلىكنى قايسى تەرەپتىن ئىلھاملاندۇردى؟ تاپشۇرۇقۇڭلاردىن سىلەر ئىگە بولغان ھاسىلاتلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. كۆپچىلىككە رەھمەت.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-24 11:13:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن بىراق ماس بولغان سەھىپىگە يوللىغايسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش