كۆرۈش: 223|ئىنكاس: 0

ئائىلە تەربىيەسى ئۇقۇمى ۋە ئائىلە تەربىيە پىرىنسىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئائىلە تەربىيەسى ئۇقۇمى ۋە ئائىلە تەربىيە پىرىنسىپى
● ئۆگىنىشتىن مەقسەت: ئائىلە تەربىيەسى ئۇقۇمى ۋە ئۇنى ئۆگىنىشتىكى مەقسەتنى چۈشىنىش، ئائىلە تەربىيەسى پىرىنسىپىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت.
● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا: پەرزەنت تەربىيەسىدە ئائىلە تەربىيەسى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش.
● ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
بىرىنچى، ئائىلە تەربىيەسى ئۇقۇمى
ئوكيانۇستا ئائىلە تەربىيەسىگە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: ئاتا-ئانىلار ياكى چوڭلارنىڭ ئۆيدە پەرزەنتلەر ياكى بالىلارنى تەربىيەلىشىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو مائارىپشۇناسلىق جەمئىيىتى ئائىلە تەربىيەسى كەسپىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور جاۋ جۇڭشىن «ئائىلە تەربىيەسى ئىلمى» دېگەن ئەسىرىدە: «ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئائىلە تەربىيەسى دېگەنلىك ئاتا-ئانىلار، يەنى چوڭلار (ئاساسلىقى ئاتا-ئانىلار)نىڭ ئائىلىدە پەرزەنتلەر ياكى باشقا كىچىكلەرگە تەربىيە بېرىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تار مەنىدىكى ئائىلە تەربىيەسىدۇر. كەڭ مەنىدە ئېيتىلغان ئائىلە تەربىيەسى بولسا، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا تەسىر قىلىشىدىن ئىبارەت تەربىيە شەكلىدۇر. يەنى ئاتا-ئانىلانىڭ پەرزەنتلەرگە، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارغا، چوڭلارنىڭ كىچىكلەرگە، كىچىكلەرنىڭ چوڭلارغا دېگەنگە ئوخشاش ئائىلىدە مەقسەتلىك ھالدا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارايدۇ».
زامانىۋى قاراش بويىچە ئېيتقاندا، ئائىلە تەربىيەسى ئىككى مەزمۇننى، يەنى بىرى، تۇرمۇش جەريانىدا ئائىلىدىكىلەر (ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەر)نىڭ ئۆزئارا تەسىر قىلىشى ۋە تەربىيەسى كۆزدە تۇتۇلسا؛ يەنە بىرى، مەخسۇس ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ بۆلەكتە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئائىلە تەربىيەسىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ 0 ~ 18ياشقىچە بولغان بالىلارنى تەربىيەلىشى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ يەنە بالىلار تەربىيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئىككىنچى، ئائىلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىن مەقسەت
ئائىلە تەربىيەسى خەلق مائارىپى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغانلىقتىن، ئومۇمىي نىشاننى كۆزدە تۇتقاندا، ئائىلە تەربىيەسى ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ مائارىپ نىشانىغا بويسۇنۇشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى دۆلەتكە ياراملىق پۇقرالاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بولۇشى كېرەك. قايسى خىل ئۇسۇلدا تەربىيەلەشكە كەلسەك، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىشى لازىم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 44-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بېكىتىپ چىققان بالىلار تەربىيەسىدىن مەقسەت، شۇنداقلا ئائىلە تەربىيەسى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانىمىزنى كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، بالىلارنىڭ خاراكتېرى، ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايان قىلىش ۋە يېتىلدۈرۈش.
ئىككىنچى، بالىلاردا كىشىلىك ھوقۇق، ئاساسىي ئەركىنلىك ھەمدە «ب د ت خارتىيەسى»دە كۆرسىتىلگەن تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش.
ئۈچىنچى، ئاتا-ئانىلارنىڭ، بالىلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، تىلى ۋە قىممەت قارىشىنى ئېتىراپ قىلىش؛ بالىلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى مىللەتلەرنىڭ قىممەت قارىشى، مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى دۆلىتىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش.
تۆتىنچى، بالىلاردا ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى، ئۇرۇق، مىللەت ۋە دىنىي توپ ھەمدە يەرلىك ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىىكى چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، تىنچ، ئەپۇچان، ئەر-ئايال باراۋەر بولۇش ۋە دوستانە روھ بىلەن ئەركىن جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتچان تۇرمۇش كەچۈرۈش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش.
بەشىنچى، بالىلادا تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش.
ئۈچىنچى، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ پىرىنسىپى
(1) ئەخلاق نۇقتا قىلىنغان ئىدىيەۋى ھاسىلات پىرىنسىپى
يەنى ئائىلە تەربىيەسىدە توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە مۇستەھكەم چىڭ تۇرۇش، بالىلارنى ئالىيجانابلاردىن قىلىپ تەربىيەلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش لازىم. بالىلار تەربىيەسى دۆلەتكە قانداق ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان زور ئىش بولۇپ، ئۇ قانداقتۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ شەخسىي ئىشى ئەمەس. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەن بولۇشى، بالىلاردا كىچىكىدىنلا ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئارزۇ-تىلەك يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
(2) قەدەم-باسقۇچلۇق، دەرمانغا بېقىپ ئىش تۇتۇش پىرىنسىپى
ئائىلە تەربىيەسىدە بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەمەلىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، ئوڭايدىن قىيىنغا ئۆتۈش يولى بىلەن ئىش كۆرۈشى، تەربىيەدە ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ جىسمانىيەت ۋە روھىيىتىدىكى ئەمەلىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تونۇشۇپ چىقىپ، بالىلارنىڭ فىزئېولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا نېمىنى ئۆگىتىش، قانداق ئۆگىتىشنى ئويلىشىش كېرەك. ئۇندىن قالسا، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار تەربىيەسى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلەنگەچكە، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش تەپەككۇر شەكلى ۋە ئۆلچىمى بىلەن ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ.
(3) ئىقتىدارىغا قاراپ تەربىيەلەش، ئومۇمىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش پىرىنسىپى
بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، خاراكتېر پەرقى ھەمدە جىسمانىيەت ۋە روھىيەت ئەمەلىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، تەربىيە مەزمۇنى ۋە تەلىپىنى بېكىتىش. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە پەرق بولۇش ئوبيېكتپ ئەھۋال. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قاراتمىلىق ھالدا تەربىيە ئېلىپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ياراملىق بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ياردەم بېرىشى كېرەك.
(4) ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت پائال يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپى
بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تۈزىتىشىگە يارىدەم بېرىش. بۇنىڭدا بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى دەل ۋاقتىدا بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ يېتەرسىزلىكىنى يېڭىش ئارقىلىق بالىلارنى ياخشى جەھەتكە يېتەكلەش.
(5) تەلەپ ۋە تەربىيەدە بىردەك بولۇش پىرىنسىپى
بالىلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا ماسلىشىش، نىشان بىردەك بولۇش، شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت، ئىش-ھەرىكەتتە بىردەك تەلەپ بويىچە تەرەققىي قىلىشىنى شەرت قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، بالىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاقى، ئىش-ھەرىكىتىنىڭ تۇراقلىشىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات جەريانى بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئىزچىللىقنى جارى قىلدۇرۇش باسقۇچىدۇر، ئۇنى بىر قېتىملىق زاكۇن ياكى بىر قانچە قېتىملىق مەشق قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كۆپ قېتىملىق مەشىقلەندۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ.
(6) ئائىلىدە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق تەربىيەلىنىش پىرىنسىپى
ئائىلە بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەلىم ئېلىش سورۇنى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى ئائىلە تۇرمۇشىدىن باشلانغان بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئائىلە تەربىيەسىدە تەربىيە بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، بالىلارغا ياخشى بولغان ئائىلە تەربىيە مۇھىتىنى ھازىرلاپ، ئۇلارنى ئىناق، مەدەنىي ئائىلە مۇھىتىدا تەربىيەلەپ ساغلام يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈش، مەدەنىي، ئەدەبلىك بولۇش، سۆز-ھەرىكىتى بىلەن چاندۇرماي تەسىر كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق بالىلاردا باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشتەك ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
(7) كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن تەلەپچانلىقنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى
ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيەسىدە چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈش، ئەمما ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلماسلىق، تەلەپچان بولۇش، ئەمما قوپال بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
بىرىنچى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنۈشى ۋە ئۇلارنى ئاسرىشى بالىلارنىڭ جىسمانىيەت ۋە روھىيەت ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۆز ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا كۆيۈنۈشى ئەقلىي رەۋىشتە، لايىقىدا بولۇشى، ھەرگىزمۇ زىيادە ئامراقلىق بولماسلىقى لازىم. شۇندىلا مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا مېھىر يەتكۈزۈشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، بالىلار ئاتا-ئانا مۇھەببىتىنى ھېس قىلىدۇ، ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا كۆيۈنۈشتىن بەھر ئالىدۇ.
ئىككىنچى، كۆيۈنۈش، ئاسراش بىلەن تەلەپچان بولۇش پەرزەنت تەربىيەسىدىكى قارىمۇ- قارشىلىقنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. يۇقىرىدا بىز پەرزەنتلەرگە قايسى خىل ئۇسۇلدا كۆيۈنۈش ۋە ئاسراش توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق، بۇ يەردە تەلەپچانلىق مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. مۇبادا تەلەپچان بولۇشتىكى «قاتتىقلىق» چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئەكس تەسىر بېرىپ قويىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك: ئالدى بىلەن، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلەردىن كۈتىدىغىنى بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە جىسمانىيەت ۋە روھىيەت ساغلاملىقىغا ماس كېلىشى؛ ئىككىنچىدىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قويىدىغان تەلىپى مۇۋاپىق بولۇشى، بالىلار تىرىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر زىيادە تەلەپ قويۇلسا، بالىلار تىرىشقان بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ-دە، ئۇلاردا ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بالىلارغا قويۇلىدىغا تەلەپ ئېنىق، كونكرېت بولۇشى، يا ئۇياققا، يا بۇياققا ياتمايدىغان بولماسلىقى لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن بالىلار ھېچ قايسىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي قالىدۇ. ئاخىرىقى نۇقتا شۇكى، ئاتا-ئانا بولغۇچى مەلۇم تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن چوقۇم بالىلارنىڭ ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، قىلغاندىمۇ چوقۇم بالىلارنى ئورۇندىتىش كويىدا بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن تەربىيەدىن ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ.
(8) سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولۇش پىرىنسىپى
سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىنىشى، سۆزى بىلەن ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتى بىردەك بولۇشى لازىم. ئاتا-ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، سۆزى بىلەن ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىدىيە- ئەخلاقى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى بالىلارغا سەزدۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئائىلە تەربىيەسىدە بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ قائىدە سۆزلىشى بىلەنلا بولۇپ قالماي، ئاتا- ئانىلارنىڭ گەپ- سۆزى، ئىش- ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئاتا- ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىگە خۇشپىچىم، مەدەنىي، ئەدەبلىك كۆيۈنسە، پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىسىغا چوقۇنىدۇ ھەمدە ئاتا- ئانىسىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا- ئانا بولغۇچى ئۆز ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بالىلارغا ئۆلگە بولۇشى، سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولغان ئاساستا ئائىلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، پەرزەنتلىرىگە كىچىكىدىن باشلاپ ئالىيجاناب ئەخلاقىي- پەزىلەت ۋە ياخشى مىجەز- خۇلق يېتىلدۈرۈپ، پەرزەنتلىرىنى ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىدىن قىلىپ چىقىشى لازىم.
ئائىلە تەربىيەسى سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش جەريانى بولۇپ، بالىلارغا بولغان تەربىيەنى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يېتىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئىناق بولغان ئائىلە تەربىيەسى مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى سىلجىتىدۇ. كۆپچىلىككە رەخمەت.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش