| تۆتىنچى دەرس: ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ● ئۆگىنىشتىن مەقسەت: ئائىلە تەربىيەسىنىڭ سەككىز چوڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش ● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا: ئائىلە تەربىيەسىنڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش ● ئوقۇتۇش مەزمۇنى: 1. ساغلاملىق تەربىيەسى ئائىلىدە ئائىلە تەربىيەسى بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە تەربىيەلەش؛ ساقلىقنى ساقلاش ۋە تەربىيەلەش؛ تەنتەربىيەدە چىنىقىش، ساغلاملىق بىلىملىرى تەربىيەسى؛ بىخەتەرلىك تەربىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى كىشىلەر تەن ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. بىر ئادەم بۇنى ئىلگىرى سان ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ساغلاملىق 1، باشقا بايلىق، شان-شەرەپ، ئىقتىدار، ئورۇن-مەرتىۋە، بىلىم ... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى 0 دېگەن. چۈنكى 1 نى 0 نىڭ ئالدىدا قويغاندا ئاندىن ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ساغلاملىق بىرىنچى، ساغلاملىق ئاساس. پەرزەنتلەرنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ساغلام ئاڭ ۋە بەدەنگە ئىگە بولۇشى ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى، ئىخلاس بىلەن ھالىدىن خەۋەر ئىلىشى ۋە بىللە چېنىقىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. 1. پىسخىك تەربىيە پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى تەربىيەلىگۈچىسى بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ساغلام پىسخىك ساپاغا ئىگە بولۇشى پەرزەنتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ناھايىىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاتا-ئانىلارنىڭ سىياسىي پوزىتسىيەسى، قىممەت قارىشى، دىنىي ئېتىقادى، ھەرىكەت پوزىتسىيەسى، قىزىقىش- ھەۋىسى ۋە پىسخىك ساغلاملىقى قاتارلىقلار بىر تەرەپتىن پەرزەنتنىڭ خاراكتېر تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن پەرزەنتلەرنىڭ جىسمانىيەت ۋە روھىيەت تەرەققىيات ھالىتى، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى، ياراملىق بولۇپ تەرەققىي قىلىش يۈنىلىشى قاتارلىقلارمۇ ئائىلە باشلىقىلىرىغا ۋە ئائىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت ئاتا-ئانا، ھەتتا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پىسخىك ساغلاملىق سەۋىيەسى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، پەرزەنتلەر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلىپ، تەرەققىيات ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. 2. ئادەت تەربىيەسى ئېلىمىزنىڭ داڭلىق پېداگوكى يې شېڭتاۋ ئەپەندى: «مائارىپ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرىدۇ» دېگەن. ئامېرىكىلىق پىسخولوگ، پەيلاسوپ ۋىليام جامۇس: «ھەرىكەتتىن ئادەت شەكىللىنىدۇ؛ ئادەتتىن خاراكتېر يېتىلىدۇ؛ خاراكتېردىن تەقدىر بەلگىلىنىدۇ» دېگەن. 3. ئەخلاق تەربىيەسى ئەخلاق بىر ئادەمىنڭ ئىدىيەۋى پەزىلىتى ۋە ئەخلاق خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شەخسنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە ئېلىمىزدىن چەت ئەللەرگىچە نۇرغۇن پېداگوكلار ئەخلاق ۋە پەزىلەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەخلاق تەربىيەسى ئەقلىي تەربىيەگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىدە ئەخلاق قارىشى شەكىللىنىش جەريانىدا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. سىتېننا خانىم ناھايىتى ئەتراپلىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەرزەنت ئاتا-ئانىنىڭ سايىسى. پەرزەنتتە ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشى، ھەممىلا يەردە پەرزەنتىگە ئۆلگە بولۇشى كېرەك. پەرزەنتنىڭ ياخشى- يامان ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانا تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى». داڭلىق پېداگوك سۇخومۇلىنىسكې مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانىلارغا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بالا ئىش ئۇققۇدەك بولغاندىن باشلاپلا، گىراجدانلىق ئەخلاق-پەزىلىتىنى بالىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز، گىراجدانلىق ئېڭى ۋە گىراجدانلىق ھېسسىياتى بالىلىق دەۋرىدىلا باشلىنىشى كېرەك؛ بالىلىق قەلبكە تېرىلغان كىچىككىنە بىر تال ئۇرۇق كەلگۈسىدە بىخلىنىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ». 4. ئەقىل-پاراسىتىنى ئېچىش ئەقلىي ئىقتىدار ئەقلىي ئامىل ۋە غەيرى ئەقلىي ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1983-يىلى خارۋارد ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ تەرەققىيات پىسخولوگى، ئامېرىكا بوسىتۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرى، پىروفېسسور خۇۋارد گاردنېر (howard gardner): «كۆپ خىل ئىقتىدار نەزەرىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، پىروفېسور خۇۋارد گاردنىر: ئادەم ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىپادىلىگەن بارلىق ئەقلىي ئىقتىدار ھەر خىل بولۇپ، بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلارنى تىل–يېزىق ئىقتىدارى، ماتېماتىكا لوگىكىلىق ئىقتىدارى، كۆرۈش سېزىم بوشلۇقى ئىقتىدارى، تەنھەرىكەت ئىقتىدارى، مۇزىكا ئودار ئىقتىدارى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارى ۋە ئۆزىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى قاتارلىق يەتتە تۈرگە ئايرىش مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىپ كونسۇلتاتسىيە قوللانمىسى ۋە كەسپىي يۆنىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا ماسساچۇستېس تەبئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى بالىلار تەتقىقات مەزكىزى «1999-يىلى يەر شارىدىكى بالىلارنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشى» تېمىسىدىكى تەتقىقات ماتېرىيالىدا، بالىلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنڭ ئالتە خىل ئەقىل- پاراسەت ئايرىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: تىل ئەقىل- پاراسىتى، مۇزىكا ئەقىل- پاراسىتى، بوشلۇق ئەقىل- پاراسىتى، لوگىكىلىق- ماتېماتىكىلىق ئەقىل- پاراسىتى، تەنھەرىكەت- سېزىم ئەقىل- پاراسىتى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەقىل- پاراسىتى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىغان. 5. جەمئىيەت تەربىيەسى جەمئىيەت تەربىيەسى ئىجتىمائىي تەربىيە بىلەن خاسلىق تەربىيەسى، ئىجتىمائىي ساۋات تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇ پەرزەنتلەرنى مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە، جەمئىيەت تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. پەرزەنتلەر ئائىلىدە ئالىدىغان جەمئىيەت تەربىيەسى ئاساسلىقى مەدەنىي، ئەدەبلىك بولۇش تەربىيەسى، مۇھەببەت تەربىيەسى، جەمئىيەت ھەرىكىتىگە يېقىنلىشىش تەربىيەسى، جەمئىيەت تەرتىپى تەربىيەسى، خاس خاراكتېر تەربىيەسى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تەربىيەسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 6. ئىلىم-پەن تەربىيەسى ئاساسلىق مەزمۇنى: تۇرمۇشتىكى ماتىماتىكا تەربىيەسى، ئىلىم-پەنگە قىزىقىش يېتىلدۈرۈش، ئىلىم-پەن بىلىملىرى تەربىيەسى، ئىلمىي مېتودولوگىيە تەربىيەسى قاتارلىقلار. 7. سەنئەت تەربىيەسى ئاساسلىقى مۇزىكا- ئۇسۇل تەربىيەسى، گۈزەل سەنئەت تەربىيەسى قاتارلىق بىر نەچچە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «خەلقئارا 21-ئەسىر مائارىپ كومىتېتى»دا ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن 15 نەپەر نوپوزلۇق مۇتەخەسسىس بار بولۇپ، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 1996-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوقۇتۇش تەشكىلاتىغا بىر پارچە دوكلات يوللاپ، بۈگۈنكى دەۋردىكى «مائارىپنىڭ تۆت چوڭ تۆۋرۈكى»نىڭ يېڭى مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلارنىڭ مۇلاھىزىسىدە كەلگۈسىدە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىشتا مائارىپ تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاساسىي ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى چۆرىدىگەن ھالدا قايتىدىن لايىھەلىنىشى ۋە تەشكىللىنىشى كېرەك دەپ قارايدۇ: (1) بىللە ياشاشنى ئۆگىنىش. ھەمكارلىشىش ۋە رىقابەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىش، بۇ تۆت خىل ئىقتىدارنىڭ ئاساسى. (2) خىزمەت ئىزدەشنى ئۆگىنىش. ۋاقتىدا ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە مۇۋاپىق بولغان ئۇچۇر ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كەڭ دائىرىلىك بىلەن تۈجۈپىلەشنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان بولۇش، بۇ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى. (3) خىزمەت قىلىشنى ئۆگىنىش. ئوخشىمىغان مۇھىتتىكى خىزمەتلەرنى دادىللىق بىلەن ئۆستىگە ئېلىپ، ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش. (4) تەرەققى قىلىشنى ئۆگىنىش. بۇ ياشاشنى ئۆگىنىش، ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش ئىقتىدارى دېگەنلىكتۇر. ھازىرقى زاماندىكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەسىگە ئىتىبار بېرىشكە؛ پەرزەنتلىرىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا، كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە؛ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش شەكلىدىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشتىن پەرزەنتىنىڭ خاراكتېرىنىڭ مۇستەقىل تەرەققىي قىلىشىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۆزگىشكە؛ پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىدىمۇ ئىلمىيلىككە، قاراتمىلىققا ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشقا دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈۋاتىمىز، كۆپچىلىككە رەھمەت.
|
|