كۆرۈش: 319|ئىنكاس: 1

بالا تەربىيەلەش ئىختىدارىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش بىلىملىرى(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالا تەربىيەلەش ئىختىدارىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش بىلىملىرى
ئىككىنچى دەرس:  بالىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىپ، ئۇلارغا جەمئىيەتكە ئارىلىشىشنى ئۆگىتەيلى
● ئۆگىنىشتىن مەقسەت: 5 ~ 6 ياشلىق بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ۋە ئىلمىي بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش.
● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا: بالىلارنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە رېئايە قىلىپ، ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن بالا تەربىيەلەش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش.
● ئۆگىنىش مەزمۇنى:
5 ~ 6 ياش ـــ بالىلارنىڭ ئويۇن ئويناش باسقۇچىدىن ئۆگىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈش مەزگىلى بولۇپ، مائارىپ خىزمەتچىلىرى قانداق قىلغاندا ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بىللە بالىلارنىڭ بۇ مەزگىلدىن تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
بىرىنچى، بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ھالىتى ۋە ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى
(1) ئىپادىلىنىش ئالاھىدىلىكى: 5 ياشقا كىرگەن بالىنىڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن چوڭ ئادەمنىڭكىنىڭ %75 ىگە، 6 ياش بالىنىڭ تەخمىنەن چوڭ ئادەمنىڭكىنىڭ %90 ىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ تۈزۈلۈشى خېلى پىشىپ يېتىلىدۇ، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ غىدىقلىنىشى ۋە تىزگىنلىنىش جەريانى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ، ئەمما يەنىلا تەڭپۇڭ بولمايدۇ، غىدىقلىنىش تىزگىنلىنىشتىن كۈچلۈك بولىدۇ. ھەرىكەتنىڭ ئەپچىللىكى كۈچىيىپ، بالا چوڭ مۇسكۇل ھەرىكىتىنى بىرقەدەر پىششىق ئىشلىيەلەيدىغان بولىدۇ، ئالايلۇق، تاق پۇتلاپ سەكرىيەلەيدۇ، ھەر خىل ئۇسۇلدا توپ ئوينىيالايدۇ ۋەھاكازالار؛ تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئالايلۇق، يۇقىرىغا يامىشالايدۇ، تېيىلىپ ماڭالايدۇ ۋەھاكازالار؛ ئىنچىكە ھەرىكەت فۇنىكسيەسىمۇ خېلى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، قول بېغىشى ۋە بارماقلارنى بىرقەدەر ئەركىن كونترول قىلالايدۇ، بەزى ئويۇنچۇقلارنى، ئالايلۇق، قايچا، بولقا قاتارلىقلارنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتەلەيدۇ، رەسىمنىڭ بەزى ئىنچىكە جايلىرىنىمۇ سىزالايدۇ. ئادەتتە ياخشى كەيپىيات ۋە ھالەتنى ساقلىيالايدۇ، ئەمما كەيپىياتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، بەزى بالىلار قالايمىقان غەلۋە قىلىدۇ.
(2) بالىلار باغچىسىنىڭ تەربىيە پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھەر كۈنى ئىككى سائەت ئەتراپىدا تالادا پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ، تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى بىر سائەتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار كۆپ خىل پائالىيەتلەر، ئالايلۇق، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ياغىچى، ئۆيدە سەكرەپ ئويناش، كۆزنى تېڭىپ مېڭىش قاتارلىقلار ئارقىلىق بالىلارنىڭ بەدىنىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرسا، بالىلارنى يۈگرەش، سەكرەش، ئۆمىلەش، يامىشىش، يۇقىرىغا چىقىش، يىراققا بىر نەرسە ئېتىش، توپنى خىلمۇ خىل ئۇرۇش قاتارلىقلارنى مەشىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرسە بولىدۇ، سىنىپتا يەنە گۈزەل سەنئەت رايونى ۋە مەشغۇلات رايونى تەسىس قىلىپ، بالىلار ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئەپچىللىكىنى تەرەققىي قىلدۇرسا بولىدۇ.
(3) ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش تاكتېكىسى  كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بالىلارنىڭ قولىنىڭ ئەپچىللىكى ۋە ھەرىكەتتىكى ماسلىشىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى چوكا بىلەن تاماق يېيىش، تۈگمىسىنى ئېتىش ۋە ئاياغ بوغقۇچىنى چىگىشنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىشى كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى توغرا تۇرۇش، مېڭىش، ئولتۇرۇش قىياپەتلىرىگە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىشى، بالىلارنى كۆپ يول مېڭىش، ماشىنىغا ئاز ئولتۇرۇشقا، ئۆزى لىفىتقا چىقىش ۋە لىفىتتىن چۈشۈشكە، ئاتا-ئانىسىغا ئۆزى قىلالىغۇدەك ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى يەنە بالىلارنى چۈشتە ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش ئارقىلىق، ئىللىق، ئازادە بولغان پىسخىكا مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، بالىلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بالا ئىشنى خاتا قىلىپ قويغان چاغدا، سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، ئۇنى ئەيىبلىمەسلىك، ئۇرماسلىق ۋە تىللىماسلىق، پەسكۇيغا چۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق قىلمىشنى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىش، بالىنىڭ خاپا بولۇپ قالغانلىقىنى سەزگەن چاغدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراش ئارقىلىق، بالىنىڭ پاسسىپ كەيپىياتتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
(2) تىل تەرەققىياتى
(1) ئىپادىلىنىش ئالاھىدىلىكى. 5 ~ 6 ياشلىق بالىلار ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئىشلارنى تەرتىپلىك ۋە ئېنىق قىلىپ مۇستەقىىل سۆزلەپ بېرەلەيدۇ، تىلنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بالىنىڭ تەپەككۇرىدا شەكىل ۋە سۆزلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىدە بارغانسېرى ئۆزگىرىش بولىدۇ، سۆز ئىشلىتىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشى ئوچۇق بولىدۇ، تىلنىڭ ئۇلىنىشچانلىقىمۇ كۈچىيىپ، تەپەككۇر قورالى بولۇشقا باشلايدۇ. ئىچكى تىل ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەش ئاساسىدا بارا-بارا شەكىللىنىدۇ، تىلنىڭ ھەرىكەتنى تەڭشەش فۇنىكسيەسىمۇ بارا-بارا تەرەققىي قىلىدۇ. بالا تىلدىن خېلى ياخشى پايدىلىنىپ، دوستلىرى ۋە چوڭلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ھەم ئالاقىلىشالايدىغان، ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆزقارىشى ۋە تەشەببۇسىنى ئىشەنچىلىك ئىپادىيەلەيدىغان بولىدۇ. يېزىق بەلگىلىرىگە قىزىقىشقا باشلايدۇ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىدىكى يېزىقنى ئىجاد قىلىدۇ، كىتابنى مۇستەقىل كۆرەلەيدىغان بولىدۇ، بالىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمۇ ئۈزۈكسىز كۈچىيىدۇ.
(2) بالىلار باغچىسىنىڭ تەربىيە پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە بايان: بالىلار بىلەن دائىم ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ھەققىدە پاراڭلىشىش، كىتاب ئوقۇش، ھېكايە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش، بالىلارنى ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلار ياكى ھېكايىلەرنى سىزىشقا ھەمدە كىچىك دوستلارغا سۆزلەپ بېرىشكە، شۇنىڭدەك بالىلارغا يېزىش، سىزىشنى چۈشەندۈرۈش ۋە ھېس قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئويلىغان ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئىپادىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار بالىلار ئۈچۈن ئەركىن، ئازادە تىل ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى، بالىلار ئۈچۈن كۆڭلىدىكىنى دېيەلەيدىغان، دېيىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، دېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە ئاكتىپ جاۋابقا ئېرىشەلەيدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىشى، بالىلارنى ئاڭلاش ۋە ئالاقە قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
(3) ئائىلە تەربىيەسىدىكى تاكتىكا: ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار ئۈچۈن سۆزلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى ھەمدە ئۇلارغا تىل بىلەن ئالاقىلىشىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى، ئالايلۇق، ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت ئاجرىتىپ بالىلار بىلەن پاراڭلىشىشى، ئۇلار قىزىقىدىغان تېمىلاردا مۇڭدىشىشى، ئائىلىدە «ئاتا (ئانا)-بالا ئوقۇش قىرائەتخانىسى» قۇرۇشى؛ بالىلارنىڭ يېزىقنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرىنى ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، ئالايلۇق، يېڭىدىن ئويۇنچۇق سېتىۋالغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىكى يېزىقنى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىشى؛ بالىلارنى دوستلىرى بىلەن بىللە ئويناشقا، پاراڭلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە قوللىشى، بالىلارنىڭ ياخشى تىل ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى، ئالايلۇق، بالىلارغا مېھمان كەلگەندە سالاملىشىش، چوڭلارغا گەپ قىلغاندا ئەدەبلىك بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئەسكەرتىش بېرىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، پەن ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ماتېماتىكىلىق ھېسسىي بىلىش
(1) ئىپادىلىنىش ئالاھىدىلىكى: 5 ~ 6 ياشلىق بالىلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئوي-پىكرى بولىدۇ ھەم مۇئەييەن دەرىجىدە تۇراقلىق ۋە ئاڭلىقلىققا ئىگە بولىدۇ، زېھنىنى يىغقان ۋاقتىنى 25 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇزارتالايدۇ، دەسلەپكى قەدەمدە ۋەزىپە ئېڭىغا ئىگە بولىدۇ. مەقسەتلىك كۆزىتىشچانلىقى ئاشىدۇ، ئەتراپتىكى ئۆزى قىزىققان نەرسىلەرنى، ئالايلۇق، ئوت-چۆپ ۋە دەرەخلەرنىڭ ئۆزگىرىشى، پىلە ۋە قۇمچاقلارنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆزىتەلەيدۇ ھەمدە بەزى كۆزىتىش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. بىلىم ئۆگىنىش ھەۋىسى ۋە ئىزدىنىش ھەۋىسى كۈچىيىدۇ، دائىم «نېمىشقا» دېگەن سوئاللارنى سورايدۇ، كاللا ئىشلىتىشنى ۋە ئىجادىيلىققا باي پائالىيەتلەرنى، ئالايلۇق، تېپىشماق تېپىش قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
(2) بالىلار باغچىسىنىڭ تەربىيە پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە: تەبىئىي ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىلارنى كۆزىتىش، سېلىشتۇرۇش، مەشغۇلات قىلىش، تەجرىبە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلىنى ئۆگىنىش ۋە بايقاشقا، مەسىلىنى ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا يېتەكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىلارنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇش، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات قىلدۇرۇش ئارقىلىق پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك، ئالايلۇق، ئەتىياز كەلگەندە، بالىلارنى تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش، كۆچەت، ئوت-چۆپلەرنىڭ بىخلىنىشىنى كۆزىتىشكە سىرتقا ئېلىپ چىقىش، سىنىپقا قايتىپ كەلگەندە بىللە ئولتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. ماتېماتىكىلىق ھېسسىي بىلىش جەھەتتە، بالىلارنى تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن يەرلەرگە سان ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە، ھەر خىل سانلارنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغان مەنىلىرىنى، ئالايلۇق، تېلېفون نومۇرى، سائەت، كالېندار ۋە تاۋارلارنىڭ باھاسى ۋە ماركىسى قاتارلىقلارنى بىلىشكە يېتەكلەش كېرەك. بالىلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ماتېماتىكىنى قوللىنىش زۆرۈر بولىدىغان مەسىلىلەرنى بايقاش، ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش، ماتېماتىكا قوللىنىلىدىغان جايلارنى، ئالايلۇق، توپ ئۇرغان، ئارغامچا تاقلاش، يىراققا سەكرەش، قۇم خالتىسى ئېتىش قاتارلىقلاردا ساناش، ئۆلچەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسىم تەرتىپى بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلارنىڭ جىسىم بىلەن گېئومېتېرىيەلىك شەكىل ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك، ئالايلۇق، بالىلارنى كۇبىك، قەغەز قاپچۇق، جۈپلىمە تاختاي قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى ماتېرىياللار ئارقىلىق بىر نەرسە ياساشقا، تىك تۆت تەرەپلىك قەغەز قاپچۇق بىلەن يۇمىلاق قۇتىنىڭ ئاغزىدىن پايدىلىنىپ، «ئاپتوموبىل» ياساش؛ تەنتەربىيەلىك ۋە مۇزىكىلىق ئويۇنچۇقلار ئارقىلىق بوشلۇقتىكى ئورۇننى ھېس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار يەنە بالىلارنىڭ بوشلۇق ۋە تەرەپنى، ئوڭ-سولنى پەرقلەندۈرۈش تەجرىبىسىنى بېيىتىش كېرەك.
(3) ئائىلە تەربىيەسىدىكى تاكتىكا: ئاۋۋال، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا تەبىئەتكە يېقىنلىشىش پۇرسىتى بېرىپ، بالىلارنىڭ قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك، ئالايلۇق، بالىلارنى قىياس قىلىش، ئويلاش، دەپ بېقىشقا ئۈندىشى، شارائىت يار بەرگەندە، بەزى قىزىقارلىق كىچىك تەجرىبىلەرنى بالىلار بىلەن بىللە ئىشلىشى، بالىلارنىڭ ئىزدىنىمەن دەپ نەرسە-كېرەكلەرنى مەينەت ۋە قالايمىقان قىلىۋېتىشى، ھەتتا بۇزۇپ قويۇشىغا تاقەت قىلىش كېرەك. ئائىلىدە بالىغا مەشغۇلاتچان، ئۆزگىرىشچان، كۆپ ئىقتىدارلىق ئويۇنچۇق ماتېرىياللىرىدىن كۆپرەك پايدىلىنىپ، بالىنى ئويۇنچۇقلارنى بۇزۇپ قوراشتۇرشقا ياكى ئۆز قولى بىلەن ئويۇنچۇق ياساشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ ئائىلىدە كۆچەت تىكىش ۋە مال-چارۋىلارغا يەم-خەشەك بېرىش پائالىيىتىنى تەڭ قىلدۇرۇپ، بالىلارغا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ھەمدە ئۆسۈپ يېتىلىش، كۆپىيىش ۋە ئۆلۈش جەريانلىرىنى بىلدۈرۈش، بالىلارنى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكى، ئادەت-خاراكتېرلىرىگە ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ھايۋانات، ئۆسۈملۈكنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەھمىيىتىگە دىققەت قىلىشقا ۋە بۇلار ئۈستىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەش؛ ماتېماتىكىلىق ھېسسىي بىلىش جەھەتتە، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە، ئالايلۇق، تېلېفون نومۇرى، تىزگىنەك، سائەت، كالېندار قاتارلىقلاردا سان ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بايقاشقا يېتەكلىشى، بالىلارنى سانلىق ئۇچۇرلارنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ئارقىلىق بەزى ئاددىي ئەقلىي يەكۈنلەرنى چىقىرىشقا، ئالايلۇق، بۈگۈننىڭ جۈمە كۈنى ئىكەنلىكىدىن ئەتىنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، بالىلارنى ئائىلىدە توپ ئۇرۇش، ئارغامچا تاقلاشنى ساناشقا، ساناش ئارقىلىق نەتىجىنى بىلىشكە يېتەكلىشى كېرەك.
تۆتىنچى، ئىجتىمائىيلىق تەرەققىياتى
(1) ئىپادىلىنىش ئالاھىدىلىكى: بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ساھەدىكى ئۆگىنىش ۋە تەرەققىيات جەريانى ـــ بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش ھەمدە كىشىلىك خاراكتېرىگە ئاساس سېلىنىش ۋە ئۇنىڭ مۇستەھكەملىنىش جەريانى بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى كىشىلىك ئالاقە بىلەن جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ سىنىپ بالىلار باسقۇچى ـــ ئىجتىمائىيلىق تەرەققىياتىنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلىدۇر، ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنىڭ تەرققىياتىغا ھەمدە بىلىم، ئىقتىدار ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۆزىنى باھالاش ئىقتىدارى دەسلەپكى قەدەمدە تەرەققىي قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ باھاسى ئۆزىنىڭ ھېس قىلغىنىغا ماس كەلمىگەندە، قارشىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە تالاش-تارتىش قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ تاشقى ئىپادىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە كونترول قىلالايدۇ، قائىدە ئېڭى كۈچىيىدۇ، كوللېكتىپ تۈزگەن ھەرىكەت قائىدىسىگە بارا-بارا رېئايە قىلىدىغان بولىدۇ؛ ھەمكارلىق ئېڭى كۈچىيىدۇ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ياكى بىر قانچە بالا بىرلىكتە ئويۇنچۇق ئوينىيالايدۇ ۋە مەلۇم ۋەزىپىنى تاماملىيالايدۇ. ئەمگەك قىلغاندا بەلگىلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشچانلىقنى ئىپادىلەيدۇ، كۆپ سانلىق بالىلارنىڭ تۇراقلىق قىزىقىشى ۋە دوستلىرى بولىدۇ.
(2) بالىلار باغچىسىنىڭ تەربىيە پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە: ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا ئەركىن ئالاقە قىلىش ۋە ئويۇن ئويناش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى، ئۇلارنى مۇستەقىل تاللاش، ئەركىن دوستلىشىش ئارقىلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. بالىلارغا كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن تاماملىغىلى بولىدىغان پائالىيەتلەر، ئالايلۇق، كۈچ ئۇلاش پائالىيىتى، گۇرۇپپا مۇسابىقىسى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. بالىلارنىڭ كوللېكتىپ تۇرمۇشنى ياخشى كۆرۈش ئادىتى ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار پائالىيەت تەشكىللىگەن چاغدا، دائىم سىنىپ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بالىلارنى ئوخشىمىغان توپلارنىڭ پائالىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشى، ئالايلۇق، چوڭ سىنىپتىكى بالىلارنى باشلانغۇچ مەكتەپ، قىسىم، تاللا بازارلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئاپىرىشى، قائىدىلىك ئويۇنچۇقلارنى ئوينىغان چاغدا، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئاساسىي ھەرىكەت قائىدىلىرى ياكى باشقا ئويۇن قائىدىلىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، بالىلارنى قائىدىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىش ۋە چۈشىنىش، قائىدىگە ئاڭلىق رېئايە قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ كوللېكتىپ شان-شەرەپ تۇيغۇسىنى بىخلاندۇرۇشى كېرەك.
(3) ئائىلە تەربىيەسىدىكى تاكتىكا: بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىقى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋە ئويۇن ئويناش جەريانىدا كۆزىتىش، دوراش، ئۆگىنىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ، چوڭلار ئۆزىنىڭ گەپ- سۆز، ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، بالىلارغا يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى ئالاقىلىشىش پۇرسىتى يارىتىشى، ئالايلۇق، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەرنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بېرىش ياكى باشقىلارنىڭ مېھمان بولۇپ كېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنى باشقىلار بىلەن يېقىنلىشىش، پاراڭلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇق، كىتابلىرىنى مېھمان بولۇپ كەلگەن دوستلارغا بېرىشكە ۋە بۇلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، بالىلارنى ئالاقىلىشىشنىڭ تۈپ قائىدىسى ۋە ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىغا دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشچانلىقىنى قوغدىشى، ئۆز بالىلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى باشقا بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئاددىيلا سېلىشتۇرماسلىقى كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپ تەربىيەلىشى ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ھۆرمەتلەش، كۆڭۈل بۆلۈش پوزىتسىيەسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاتا- ئانىسى، چوڭلار ۋە باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشى، دائىم ئاتا- ئانىسىدىن ئەھۋال سوراپ تۇرۇشى، ئاتا- ئانىسىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىشى، ياشانغانلارغا ئەدەبلىك مۇئامىلە قىلىشى، ماشىنىغا چىققاندا ياشانغانلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بوشىتىپ بېرىشى كېرەك ۋەھاكازالار.
بەشىنچى، سەنئەت جەھەتتىكى ئىپادىسى
(1) ئىپادىلىنىش ئالاھىدىلىكى: سەنئەت ـــ ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىكنى ھېس قىلىش، گۈزەللىكنى ئىپادىلەش ۋە گۈزەللىكنى يارىتىشىدىكى مۇھىم شەكىل. 5 ~ 6 ياشلىق بالىلارنىڭ ئىپادىلەش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغاچقا، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تونۇشى ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ؛ تەبىئەت ۋە تۇرمۇشتىكى گۈزەل نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، مۇزىكىنى چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچەيگەن بولغاچقا، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلىق، بىر نەچچە ئۇسلۇبتىكى مۇزىكا ياكى ئۇسسۇلنى ھېس قىلالايدىغان ۋە ئىپادىلىيەلەيدۇ ھەم بەلگىلىك دەرىجىدە ئىجادىي ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ؛ كۆپ خىل ماتېرىياللار ۋە ياردەمچى قوراللاردىن پايدىلىنىپ گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىيالايدۇ.
(2) بالىلار باغچىسىنىڭ تەربىيە پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە: ئوقۇتقۇچىلار مۇزىكا پائالىيىتى ئارقىلىق بالىلارنى ھەر خىل ئاۋازلارنى ئاڭلاش ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ، بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇزىكىنىڭ تېمبرى، ئاجىز-كۈچلۈكلۈكى، تېز-ئاستىلىقىغا بولغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشىگە يېتەكلىشى، بالىلار بىلەن بىللە رەسىم ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىدىن پايدىلىنىپ سىنىپ مۇھىتىنى زىننەتلەپ گۈزەللەشتۈرۈشى، سەنئەت پائالىيىتىدە، بالىلارنى يۈرەكلىك ئىپادىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، بالىلار ئۈچۈن مول بولغان مەشغۇلات ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ، بالىلارنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىشىغا بېرىشى، بالىلارنىڭ ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، بالىلارنىڭ ئىستىخىيەلىك ئىپادىسى ۋە ئىجادىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ھەمدە ئۇلارغا مۇۋاپىق ھالدا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
(3) ئائىلە تەربىيەسىدىكى تاكتىكا: ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار بىلەن بىللە تەبىئىي مۇھىت ۋە ھۇمانىتارلىق مەنزىرىلەر بار جايدىكى گۈزەل نەرسىلەرنى ھېس قىلىشى، بايقىشى ۋە ئۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشى، ئالايلۇق، بالىلارنى دائىم ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار جايغا ئاپىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇشى، بالىلارغا تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەر، رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ بېرىشى، بالىلار بىلەن گۈزەللىك ھەققىدىكى تەسىراتلارنى بىللە مۇھاكىمە قىلىشى، ئەنئەنىۋى بايراملار ۋە ئەل ئىچىدە تەبرىكلەش مۇراسىملىرى بولغاندا، بالىلارنى ئويۇن ۋە مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆرۈشكە ئاپىرىشى، شارائىت يار بەرگەندە بالىلارنى گۈزەل سەنئەت سارىيى ۋە مۇزېيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئاپىرىشى كېرەك؛ ئاتا-ئانىلار يەنە بالىلارنىڭ مۇستەقىل رەسىم سىزىش، قول ئىشىنى قىلىش، ناخشا ئېيتىش، نومۇر ئورۇنلىشىغا ئوخشاش سەنئەت پائالىيەتلىرىنى قوللىشى ھەم بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ ناخشا ئېيتىش- ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق، سەنئەت پائالىيىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.
ئالتىنچى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى
(1) ئىپادىلىنىش ئالاھىدىلىكى: بۇ باسقۇچتىكى ئۆسمۈرلەر ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىش جەھەتتە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇستەقىل بولىدۇ، ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كىيىملەرنى تاللىيالايدۇ، چوكا بىلەن تاماق، قورۇما يېيەلەيدۇ ھەم تىنچ ئۇخلىيالايدۇ. كۆپ سانلىق بالىلار قانۇنيەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، ياخشى مەشغۇلات ئادىتىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ ھەم ئەمگەك بىلەن ئويۇننى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئەمگەككە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئەمگەك نەتىجىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەم ئەمگەكنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنەلەيدۇ ھەمدە چوڭلارنىڭ ئەمگىكىگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
(2) بالىلار باغچىسىنىڭ تەربىيە پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە: بالىلار باغچىلىرىدا «مەن نۆۋەتچى» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلار چامىسىنىڭ يېتىشىچە گۈل ئۆستۈرۈش، تاماق يېگۈزۈش، نۆۋەتچىلىك قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ، بەلگىلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىش جەھەتتە: ئۆزى يۈزىنى يۇيالايدىغان، چىشىنى چوتكىلىيالايدىغان، ھاجەتخانىغا كىرىپ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلالايدىغان، ئۆزىنىڭ يوتقان، كۆرپە، كىرلىكلىرىنى رەتلىيەلەيدىغان، ئويۇنچۇقلىرىنى ۋە ئۆگىنىش قوراللىرىنى يىغىشتۇرالايدىغان، قولياغلىق، پايپاقلىرىنى يۇيالايدىغان بولىدۇ. بالىلار باغچىلىرى ھەر ھەپتىدە يەنە بىخەتەرلىك دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالىلارغا بەزى بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگەتسە، ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا بالىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىپ، بىخەتەر قېچىش مانىۋېرى ئۆتكۈزسە بولىدۇ.
(3) ئائىلە تەربىيەسىدىكى تاكتىكا: ئائىلىدە بالىلارنى يەر سۈپۈرۈش، شىرە سۈرتۈش، ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى رەتلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىش مېتودىنى، ئالايلۇق، كىيىم ۋە ئاياغ-پايپاق كىيىش ۋە سېلىش، يۈز ۋە قولنى يۇيۇش، بۇرنىنى سۈرتۈش، كۆتىنى سۈرتۈشنىڭ توغرا يوللىرىنى ئۆگىتىش، بالىلارغا بەزى بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگىتىش، ئاتا-ئانىلارغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
5 ~ 6 ياش بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، بالىلار مۇشۇ يىلدا مەكتەپ تۇرمۇشىغا قەدەم قويىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ، بالىلىرىمىزنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىلارغا ئايلىنايلى. كۆپچىلىككە رەھمەت.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-24 11:09:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن بىراق ماس بولغان سەھىپىگە يوللىغايسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش