كۆرۈش: 368|ئىنكاس: 1

پىسخىك ئالاھىدىلىكنى ئېنىق بىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئۆگىنىشكە يېتە...

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۆتىنچى دەرس: پىسخىك ئالاھىدىلىكنى ئېنىق بىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەش
ـــ ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ باشلانغۇچتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قانداق ياردەم بېرىشى كېرەك
● ئۆگىنىشتىن مەقسەت: ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا بىلەن باشلانغۇچنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش؛ مۇددەتتىن بۇرۇن زۆرۈر تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، بالىلارنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تۇرمۇشىغا ئوڭۇشلۇق ماسلىشىشقا يېتەكلەش
● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئىلمىي بولغان ئائىلە تەربىيە ئۇسۇلىنى ئىگىلەش، ئائىلە تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش.
● ئۆگىنىش مەزمۇنى:

بىرىنچى، بالىلاردا مەسىلە كۆرۈلۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىش
(1) مەسىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلاردا ئاساسلىقى مۇنداق بەزى ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئۆگىنىش نەتىجىسى باشلانغۇچ مەكتەپتىكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق بولىدۇ؛ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەستايىدىل ئۆگىنىدىغان بالىلارنىڭ تولۇقسىزغا چىققاندا نەتىجىسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىدۇ؛ تولۇقسىز ئوتتۇرىدا تىرىشسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلار ئۆگىنىشكە بولغان ئىشەنچسىنى يوقىتىدۇ؛ مۇھەببەتلىشىشكە باشلايدۇ، ئائىلە باشلىقلىرى جىددىيلەشسىمۇ بۇنىڭغا ئامال تاپالمايدۇ ۋەھاكازالار.
(2) سەۋەب ئۈستىدە تەھلىل
1. مۇھىت جەھەتتە. ئاۋۋال، مۇھىت ئۆزگىرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلىرىنى ناتونۇش ھېس قىلىپلا قالماي، ساۋاقداشلىرىنىمۇ ناتونۇش ھېس قىلىدۇ، بالىلار خۇددى يالغۇز ئارالدا ياشاۋاتقاندەك، ئۇلاردا بەلگىلىك دەرىجىدە ئەندىشە پەيدا بولىدۇ.
2. باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى باشقۇرۇش بارا-بارا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئەركىنلىك بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاچقا، بەزى ئوقۇغۇچىلاردا ئاسانلا خاتا تۇيغۇ شەكىللىنىدۇ-دە، ئوتتۇرا مەكتەپ ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتمايدىكەن دەپ قاراپ، ئۆزىگە بولغان تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ.
3. دەرسلەرنىڭ ئۆزگىرىشى. ئائىلە باشلىقلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرس جەدۋەللىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايدۇكى، تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى دەرسلەرنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ يۇقىرى، بالىلار بەزى دەرسلەر بىلەن زادىلا ئۇچرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دەرسلەردىن مەۋسۇم ئاخىرىدا ئىمتىھان بېرىدۇ.
4. ئىمتىھان تۈرىنىڭ ئۆزگىرىشى. باشلانغۇچتا ئۈچلا پەندىن ئىمتىھان ئېلىنسا؛ تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 1-يىللىقىدا يەتتە پەندىن، تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا توققۇز پەندىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.
5. باھالاش ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇنەۋۋەر ۋە ياخشى دەپ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، مۇنەۋۋەر باھالىنىشنىڭ دائىرىسى 85 نومۇردىن 100 نومۇرغىچە بولىدۇ. ئەمما، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەممە پەنلەردىن 90 نومۇر ئېلىش بىرقەدەر تەسكە توختايدۇ.
6. فىزىيولوگىيە ۋە پىسخىكا جەھەتتىن قارىغاندا: 12 ـــ 18 ياش بالىلارنىڭ بالاغەت دەۋرىدۇر. بالاغەت دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بوينىڭ ئۆسۈشى تۇيۇقسىز تېزلىشىدۇ، پىسخىكا جەھەتتە داۋالغۇش ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرىدا ئاۋۋال شۇنداق ئاڭ بولۇشى كېرەككى، بالىلار بالاغەت دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، باشلانغۇچ ۋاقتىدىكىگە ئوخشىمايدۇ، شۇڭا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
ئىككىنچى، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار تەڭ چوڭ بولۇشى كېرەك
(1) ئىللىق ۋە ئىناق بولغان ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتىش
ئىللىق ئائىلە مېھرى ـــ بالىلارنىڭ قەلب يۆلەنچۈكى. ياخشى مۇناسىۋەت ياخشى تەربىيەنى بېسىپ چۈشىدۇ ! ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تىرىشىپ ياخشى ئائىلە كەيپىياتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى دائىم ئۆزىدىن ئالدىنقى قېتىم بالىلىرىم بىلەن قاچان ئەھۋاللاشقان بولغىيىتىم دەپ سوراپ تۇرۇشى كېرەك، سىز بالىلىرىڭىز بىلەن بىللە ئوقۇمسىز؟ بالىلىرىڭىزدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى قەيەردە؟
(2) ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش
بىز: «ھەرىكەت-قىلمىشنى تېرىساڭ، ئادەتلىنىشكە ئېرىشىسەن؛ ئادەتلىنىشنى تېرىساڭ، مەجەز-خاراكتېرگە ئېرىشىسەن؛ مىجەز-خاراكتېرنى تېرىساڭ، تەقدىر-قىسمەتكە ئېرىشىسەن» دەيمىز. ئائىلە باشلىقلىرى تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئىشنى قىلىش ئارقىلىق، بالىلىرىنىڭ ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك:
1. ياخشى بولغان مەشغۇلات ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. بالىلار بىلەن بىرلىكتە پىلان تۈزۈش كېرەك، پىلانغا كۈنلۈك ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرش ۋە قوش دەم ئېلىش كۈنى، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىل ۋاقىتلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرشنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. پىلاننى ئاددىي ۋە ئىخچام تۈزۈپ، بالىلارنىڭ يېتەرلىك ھەرىكەت ۋە ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2. ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ھەمدە مەشىق قوللانمىسىنىڭ تاماملىنىش ۋە ئۆزگەرتىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش. بىر خاتا ئىشلەنگەن سوئال دەپتىرى، بىر توغرا ئىشلەنگەن سوئال دەپتىرىنى تەييارلاش كېرەك؛ ئاۋۋال تەييارلىق مەشىقى ئىشلەش، ئاندىن دەرس ئاڭلاش؛ ئاۋۋال تەكرار قىلىش، ئاندىن تاپشۇرۇق ئىشلەش؛ تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ۋاقىت ھېسابلاش؛ خاتىرە قالدۇرۇشنى ئۆگىنىش؛ ئۆگىنىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
3. ئۆگىنىش جەريانىدىكى قائىدىلەرنى مۇۋاپىق ئىگىلەش. ئۆگىنىش جەريانى دەرس ئاڭلاش، ئالدىن مەشىق قىلىش، تەكرار قىلىش، تاپشۇرۇق ئىشلەش قاتارلىق نۇرغۇن ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنى مۇۋاپىق ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
پۈتۈن دىققەت بىلەن دەرس ئاڭلاش ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر دەرستىن ئاۋۋال «بۇ دەرسنى چوقۇم ياخشى ئۆزلەشتۈرىمەن» دەيدىغان ئىرادىلا بولىدىكەن، دەرسنىڭ ئۈنۈمى چوقۇم زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
ئەستايىدىل ۋە ئالدىن مەشىق قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. دەرستىن ئىلگىرى ئالدىن مەشىق قىلغاندا، دەرسخانىدا ئۆگىنىدىغان بىلىملەرنىڭ توسالغۇسىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، دەرس ئاڭلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؛ يەنە تەكرار قىلغىلى ۋە ئۆگەنگەن بىلىملەرنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تايىنىۋېلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ۋاقتىدا تەكرار قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ۋاقتىدا تەكرار قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى شۇ يەردىكى، ئۆگىنىش مەزمۇنىغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ، ئادەتتە ئۆگىنىشتىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئۇنۇتقاقلىقنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنۇتقاقلىقنىڭ قانۇنىيىتىگە رېئايە قىلىپ، بايىلا ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ۋاقتىدا تەكرار قىلىش كېرەك.
4. بالىلارنىڭ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. بالىلار بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇش، كىتابلارنىڭ ھەپتىدە ئوقۇلىدىغان بىر نەچچە سائەتلىك مىقدارىنى يېزىپ قويۇش كېرەك، سىز بالىلىرىڭىز بىلەن بىللە ئوقۇسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
(3) بالىلارنىڭ توغرا بولغان ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: مۇۋەپپەقىيەت، نەتىجە، ئۆرلەشلەرنىڭ %85ى بىزنىڭ پوزىتسىيەرىمىز سەۋەبىدىن بولسا، ئاران %15ىلا مەخسۇس تېخنىكىمىز سەۋەبىدىن بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بىز %90 ۋاقىت، زېھىن، پۇل سەرپ قىلىش ئارقىلىق، %15 مۇۋەپپەقىيەت ئامىلىنى ئۆگىنىمىز، ھالبۇكى %85 مۇۋەپپەقىيەت ئامىلىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيمىز، بۇ نېمە دېگەن چوڭ خاتالىق ھە !
(4) بالاغەت دەۋرىدىكى ھېسسىيات مەسىلىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش
ئائىلە باشلىقلىرى ئەلۋەتتە بالىلىرىنىڭ بالاغەت دەۋرىدىكى ھېسسىيات مەسىلىسىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ، بىز ئاۋۋال بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى توغرا تونۇشىمىز كېرەك، ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىپ، تەربىيە ئۆلچىمىنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.
(5) بالىلارنىڭ دوست تۇتۇش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش
تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان بالىلار ئاسانلا ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاكا-ئىنىلىق ۋىجدانى كۈچلۈك كېلىدۇ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بالىلاردىن ئادەتتە مەكتەپكە بارغاندا بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىشنى تەلەپ قىلىشى، بالىلارنىڭ ئۈستى-بېشىدا تاماكا پۇرىقى بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، سىنىپ مەسئۇللىرى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ بالىلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىنى ئىگىلىشى كېرەك.
(6) ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش
بالىلارنى چۈشىنىش ـــ بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى سىنىپ مەسئۇللىرى بىلەن قەرەللىك ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا، بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىنى چۈشەنگىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى ئەھۋالىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، بۇ مەكتەپ بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، بالىلارغا بولغان تەربىيەنى ئورتاق ئىشلەشكە پايدىلىق.
(7) ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر
1. غايىنى ئىنكار قىلماسلىق كېرەك؛ 2. بىر خىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك؛ 3. تەجرىبىگىلا ئېسىلۋالماسلىق كېرەك؛ 4. بېسىمنى يۆتكىمەسلىك كېرەك؛ 5. مەجبۇرىي سىڭدۈرمەسلىك كېرەك؛ 6. خالىغانچە جازالىماسلىق كېرەك؛ 7. كەمچىلىككىلا ئېسىلۋالماسلىق كېرەك؛ 8. مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرمەسلىك كېرەك؛ 9. بىرەر ئىشقا يولۇققاندا كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك؛ 10. سېلىنمىنى كۆپەيتىش؛ 11. نورمال بولۇش؛ 12. بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش.
(8) ئائىلە باشلىقلىرى توختىماي ئۆگىنىشى كېرەك
بالىلىرىمىز ئۆسۈۋاتقان ۋە ئۆزگىرىۋاتقان بولغاچقا، ئەگەر بىز قېلىپلىشىپ قالغان ئائىلە تەربىيەسى ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىلارنى تەربىيەلىسەك، بالىلارنى زورلۇق بىلەن بىر ئەندىزىگە سالغاندەكلا ئىش بولۇپ قالىدۇ. ھازىر خېلى بىرقىسىم ئاتا-ئانىلاردا تەربىيە ئۇسۇلىدا خاتالىق مەۋجۇد، ئۇلار پۇلۇم بار، بالىلىرىمنى ياخشى مەكتەپكە كىرگۈزسەملا ۋەزىپەم ئاخىرلىشىدۇ، دەپ قارايدۇ.
يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىدە، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئۆگىنىش يوللىرى زور دەرىجىدە كېڭەيدى، تور ئائىلە باشلىقلىرى مەكتىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئائىلە باشلىقلىرى تەربىيە سالونى ۋە ئائىلە باشلىقلىرى يانفون دەرسخانىسى كەڭ ئائىلە باشلىقلىرىنى ئۆگىنىش بايلىقى بىلەن تەمىنلىدى. ئائىلە باشلىقلىرى ئۆگىنىش تىپىدىكى ئائىلە باشلىقلىرىغا ئايلانغاندىلا، ئاندىن بالىلارغا ئۈلگە تىكلىيەلەيدۇ. شۇڭا، بىز ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئۆگىنىشكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، بالا يەتربىيەلەش تەسىراتلىرى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بالىلارنى تەربىيەلەش مەسىلىسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىنى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. دېمەك، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشى ـــ مەسئۇلىيەت ھەم بەخت ھەم سەنئەت، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بالىلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىنى قۇياش نۇرى بىلەن ئىللىتىشىغا تىلەكداشمەن، كۆپچىلىككە رەھمەت.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-24 13:17:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش