بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-15 11:36
ئەبەدىي ئاشىقلىق
(«بايقاش مائارىپ» تور بېكىتىنىڭ ئىككى يىللىق تويىغا بېغىشلايمەن)
(نەسىر)
قاراڭ ئەزىز، ھەممەيلەن تور دۇنياسىنى چەكسىزلىككە تۇتۇشۇپ كەتكەن بىر مەۋھۇم دۇنيا دېيىشىدىكەن. بىر چاغلاردا مەن، مانا مۇشۇ چەكسىزلىككە تۇتاشقان مەۋھۇم دۇنيادا نىشان، بەلگىسىز تەمتىرەپ يۈرگەن سەرگەردان ئىدىم، خۇددى ئات- ئۇلاقسىز، ئەسىۋاب- ئۈسكىنىسىز سەپەرگە ئاتلانغان، نېرىۋىسىدىن كەتكەن سەيياھتەك. بىر چاغلاردا مەن بۇ چەكسىزلىككە تۇتاشقان مەۋھۇم دۇنيادا، پەقەت "ئويۇن" ئويناشنىلا ئۆزەمگە ئەسرا قىلغان بىر بايقۇش ئىدىم، خۇددى ئويۇنغا قانمىغان كىچىك بالىلاردەك. بىر چاغلاردا مەن، چەكسىزلىككە تۇتاشقان بۇ مەۋھۇم دۇنيادا قۇسۇرچى، گۇپپاڭچى، داۋىخور ھەم ھەممە ئىشتىن نارازى بولۇپ يۈرۈيدىغان تىجىمەل ئىدىم، خۇددى بۇ دۇنيا ماڭىلا مەنسۇپتەك. بىر چاغلاردا مەن بۇ چەكسىزلىككە تۇتاشقان مەۋھۇم دۇنيادا ناخشا، كىنو مەستانىسى ئىدىم، خۇددى مەن بۇ دۇنياغا ناخشا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش ئۈچۈنلا تۆرەلگەندەك. بىر چاغلاردا مەن بۇ چەكسىزلىككە تۇتاشقان مەۋھۇم دۇنيادا كېيىم- كېچەك كۆرۈشكە مەستانە پارامۇش ئىدىم، خۇددى مەن داڭلىق مودىلدەك. بىر چاغلاردا مەن بۇ چەكسىزلىككە تۇتاشقان مەۋھۇم دۇنيادا qq گەپ خالتىسى ئىدىم، خۇددى ماڭا باشقا ئىش چىقمايدىغاندەك... كۈنلەر، ئايلار مەندىن بىزار بولۇپ. مەن كۈنلەر، ئايلاردىن بىزار بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، چەكسىزلىككە تۇتاشقان بۇ مەۋھۇم دۇنيانى ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك ئېرىنچەكلىك بىلەن سۆرىلىپ سەيلى ئەتتىم. نېمە قىلىمەن؟ نېمە ئىزدەيمەن؟ ماڭا نېمە كېرەك؟... بۇ سوراقلار ماڭا بەجايىكى، ئۇخلىساممۇ چۈشۈمگە كىرمەيدىغان، ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ نېرىسىدىكى بىر ئىش ئىدى. كۆزۈم ئېكراندا، قولۇم چاشقىنەكتە. "چىرت. چىرت، چىرت، چىرت..." چاشقىنەكنى باسقاندىكى چىققان بۇ ئاۋازلار نېرىپلىرىمنىڭ ھەر بىر ئويغاق ھۈجەيلىرىمنى، زاسۈيپەز ئۆپكە- ھېسىپ توغرىغاندەك توغراپ تاشلايتى. كومپىيوتېر ئېكرانىدا ئالمىشىپ تۇرغان تو بېكەتلەرگە ئۆزەممۇ چۈشىنىپ بولمايدىغان كۆز بىلەن ئالىيىپ قاراپ، ئاللىنېمىلەرنىدۇر دەپ غودىراپ قوياتتىم. چاشقىنەك چاقىنى كۈچ بىلەن ئايلاندۇراتتىم. ئىچ- ئىچىمدە بىر خىل بۇرۇختۇرمىلىق گويا تونۇردەك قىزىپ كەتكەن جاھاننى بىردىنلا ئاچچىق ۋە بەد رەڭ چاڭ- توزاڭ بېسىۋالغاندەك ئىدى.كۆزۈم يەنىلا ئېكراندا، توختاۋسىز ئالمىشىۋاتقان تور بەتلەردە، ئەمما مېڭەم بولسا تېشىلىپ كەتكەن قاپاقتەك قۇپ- قۇرۇق. قولۇم چاشقىنەكتە، ئەمما ئۇنىڭدا مادار دېگەننىڭ ئىزناسى يوق. مەن ئۈستەلدە ئولتۇردۇممۇ، ئۈستەل مەندە ئولتۇردىمۇ بۇنىسى نامەلۇم... ئادەم دېگەن ئاجايىپ جانلىقكەن، ئۇنىڭدىكى تەپەككۈر ئويغاق بولسا، ئاندىن ئۇ ئادەم سىياقىغا كىرىدىكەن، بىراق ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسا، بىر پارچە گوش- ئۇستىخانكەن.چاشقىنەك چاقىنى ئايلاندۇرۋاتقان ئوتتۇرا بارمىقىم شۇنداق تېز ھەركەتتە. "غولدىر، غولدىر..." چاشقىنەك چاقىدىن چىقىۋاتقان بۇ سۇس ئاۋاز سۇيۇلۇپ كەتكەن مىڭە سويۇقلۇقىم بىلەن قانداقتۇر بىر تۆشۈككە سىقىلىپ چۈشىۋاتقاندەك، گاھ ھېسلىرىم ئويغاق، گاھ ھېسلرىم ئۆلۈك. شۇ دەملەردە تويۇقسىز ("بايقاش" مائارىپ تورى مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى!) دېگەن خەت كۆزۈمگە يالت قىلىپ چېلىقتى. بۇ خەتلەرنى كۆزۈمدىن ساقىت قىلىپراق، نېمىلەردۇر بىر ئوي بىلەن ئۇنى كەينىگە ياندۇردۇم. راست شۇ خەتكەن. تېخى ھېلىلا ھەركەتتىن توختىغىلىۋاتقان نېرىپلىرىم جىددىي ھەركەتلىنىشكە باشلىدى. كۆز ئالدىمدا بىر چەكسىزلىككە كەتكەن گۈلزارلىق، ئۈنچە- مەدەنلەر "قېنى مېنى ئېلىپ كەت" دەپ تۇرغان بايلىق كانى، ھۆرى- ئېرەملەرگە لىق تولغان ئىشرەت ماكانى... مىڭەمدىن كىرگەن يۇمشاق، لەززەتلىك، تاتلىق بىر سىزىم يۇقىرى ھارارەتتە ئېرىتىلگەن قوغۇشۇن ئېرىتمىسىدەك پۈتۈن تومۇرلىرىمغا تارىماقتا. كۆزلىرىم شۇنداق روشەن، بارماقلىرىم، ياق پۈتۈن بەدىنىمدە بىر خىل كۈچ مەۋج ئۇرىدۇ. چاشقىنەك چاقىنى ئاستا- ئاستا كەينىگە ياندۇردۇم، ("بايقاش" مائارىپ تورى)!... سىز ناتونۇش بىراۋنىڭ خانىسىگە كىرگىنىڭىزدە، ياتسىراش، خۇدىكسىراشتىن پۇت- قوللىرىڭىز ماغدۇرسىزلىنىپ، تىلىڭىز كاللەكلىشىپ، ئەس- ھۇشىڭىز قىزىق مايدا ئېرىپ تۈگىگىلىۋاتقان قۇيرۇق مايغا ئوخشاش قورۇنۇپ كېتىدىكەنسىز، مېنىڭ بۇ تور بەتكە تۇنجى كىرىشىم مانا مۇشىنڭغا ئوخشاپ قالدى. لېكىن بۇ قورۇنۇش، بۇ تور بەت گۈلزارلىقىنىڭ گۈزەللىكتە ھەقداسىغا يەتكەن، يۈرەككە مىڭ ئاشىق ئوتىنى ياقىدىغان ئۇيغۇر گۈزەللىرىنىڭ نازاكىتى بىلەن لاتاپىتىنى ئەنداز قىلغان ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن رەڭدار، تىرەن، سەرخىل سىتونلىرىنى ئارلىغىنىمدا سەۋدالىق ئوتى "گۈپ" لا قىلىپ يۈرۈكۈمگە تۇتاشتى. كانىدەك چاپلاشتىم بۇ تور بەتكە. توۋا، ئادەملەر ئادەملەرگە ئاشىق بىقارار بولاتتى، مەن بۇ چەكسىزلىككە تۇتاشقان مەۋھۇم دۇنياغا ئاشىق بولدۇم دېسە!؟... شۇ دەقىقىدىن بۇيان، بۇ "بايقاش" قا ئاشىق بولدۇم، خالايىق!! ئولتۇرسام- قوپسام، ئوڭۇمدا- چۈشۈمدە، ئۇ. ئۇنىڭسىز دەقىقەمنى خىيالىمغا كەلتۈرەلمەيمەن. ئادەم بىر نەرسىدىن بىزار بولغاندا يېقىلغان ئىشىق ئوتى ئاجايىپ كۈچلۈك، لېكىن، جەلىبكار بولىدىكەن. مانا بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتتى. كۈندە ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا بولىمەن، شۇنداقتىمۇ باغرىم قانمايدۇ. نېمىشقا دەمسىز؟ قېنى ئاڭلاڭ ئەزىز، "بايقاش"- مىسلىي بىلىم خەزىنىسى. ئۇنىڭدا تۇرمۇش ساۋادلىرىمۇ، جاھان يېڭىلىقلىرىمۇ، ھېكمەت ئۈنچىلىرىمۇ، مائارىپ گۈلزارلىقىمۇ، شېئىريەت، پروزا جەۋاھىريەتلىرىمۇ، پىسخىك مەلھەملىرىمۇ، كۈلكە خۇرۇچلىرىمۇ، ئىختىرا- كەشىپلەرمۇ، ئەخلاق مىزانلىرىمۇ، تاغدىن- باغدىن، كۆڭۈلدىكى سۆز، سەركىلەر ئىزى، ئەجداد ئەڭگۈشتەرلىرى، ئەۋلاد تەلقىنلىرى... سىز نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ھەممىسى بار. قاراڭ ئەزىز، "بايقاش"- بىر ئانا مەكتەپ. ئۇنڭدا سىز قاھىرە، ئوكىسفورد، خارۋاد لاردا ئالالمىغان بىلىملەرنى، بۇ ئانا مەكتەپتە مۇتقىلا ئالالايسىز.بۇ ئانا مەكتەپتە يەنە سىز ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ قولىنىشچان دەرس تاييارلىقلىرى، دەرس دېتاللىرى، سۇئاللار ئامبىرى، لايھە، پىلان، خۇلاسسە، تەسىرات ۋە تۈرلۈك ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا تىلدا قىينالمايلا ئېرىشەلەيسىز. قاراڭ ئەزىز، "بايقاش"- ئوقۇتۇچىلارنىڭ كاتتا جەمگاھى. ئۇنىڭدا سىز تەلىمىنى ئېلىشنى، ئۆگىت- نەسىھەتلىرىىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى بار، 8 مىڭ دەڭا! ئۇلار شۇنداق مەسئۇليەتچان، شۇنداق كۆيۈمچانكى، سىز ئاتا- ئانىڭىزدىن ئالالمىغان مېھىرنى ئۇلاردىن كۆرىسىز. قاراڭ ئەزىز، "بايقاش"- مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى. بۇ ئائىلىدە ھەممەيلەن باراۋەر، ھەممەيلەن كۆيۈمچان، ھەممەيلەن "مىللىي مائارىپ تەرەققىيات ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھبە قوشۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز" دېگەن ئىستەكنى كۆڭلىگە پۈككەن. بۇ ئائىلىدە سەللا تۇرۇپ قالسىڭىز، باشقا ئائىلىگە قەدەم باسقۇڭىز كەلمەيدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ مېھرىدە نەچچە تۈمەن ئانىنىڭ مېھرى بار. ھەممەيلەن سىز بىلەن بىللە، ھەممەيلەن ئەتىراپىڭىزدا پەرۋانە. قاراڭ ئەزىز، "بايقاش"- سىزنى بىر ئۆمۈر ئۇستاز مېھرىدە يېتەكلەشكە نائىل قىلىدىغان جەننەت. "بايقاش" تىكى ئۇستازلار ئاجايىپ قابىل، ئۇلارنىڭ بىلىمى مول، پەزىلىتى يۈكسەك، ھۈنىرى تەڭداشسىز. ئۇلار تاشنى ئالتۇنغا، ناداننى دانىشقا، ئەخلاقسىزلارنى دىيانەتلەك خانىشقا ئايلاندۇرالايدىغان كىمياگەرلەردۇر.ئۇلار سىز ئۈچۈن، سىزنىڭ قېيىنچىلىقىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت، ئورۇن، ھەق ھېسابلاشماي خالىس خىزمەت قىلىدۇ، سىزگە ياردەم قىلىدۇ، قېيىنچىلىقىڭىزنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، ھەسەل ھەرىسى كەبىي سىزگە شىرنە بېرىدۇ. قاراڭ ئەزىز، "بايقاش"- دوستلۇق باغچىسى، چىن دوستلارنىڭ قەلب رىشتىنى بىر- بىرىگە مەھكەم باغلايدىغان. سىز بۇ باغچىدا دوستلۇقنىڭ ئەڭ ئېسىل، ئەڭ جەلبكار خۇش ھىدلىق گۈلىكىدە دوستلۇقنىڭ پەيزىنى خىرامان سۈرەلەيسىز، خۇددى جەننەتنىڭ پەيزىنى سۈرگەندەك. قاراڭ ئەزىز، "بايقاش"- ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى كامالەت تاپقۇزىدىغان مەيدان. سىز تەلەپچان، كۆيۈمچان ئۇستازلار ۋە چىن دوستلىرىڭىزنىڭ مەدەت- ئىلھامى، يېتەكلىشى بىلەن بۇ مەيداندا پىشىپ- تاۋلىنىپ رومىي ئىسكەندەر بولالايسىز. يەنە قاراڭ ئەزىز، "بايقاش"- تەملىك، ئىشتەيلىك، نىمئەتلىرى تۈگىمەيدىغان "ئېچىلىڭ دەستۇرخىنىم"؛ ئۇ يەنە- ئانا تىلىمىزنىڭ نازۇك ئەمما تىرەن، ئۇز ئەمما يىگانە، ئەۋىرشىم ئەمما قەدىمىي، گرامماتېكىلىق خۇسۇسيىتى مۇرەككەپرەك ئەمما يېپىشقاق، ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۇقىرى ئەمما سېھىرلىك خارەكتېرىنى ئۆزىدە بىردىن- بىر مۇجەسسەملىگەن گۈلباغ. ئۇ ھازىرلىغان سۆھبەت سورۇنلىرىدىكى بەس- مۇنازىرە شۇنداق تېتىملىق ۋە ئەمەليەتچان. ئۇنىڭ خاس خانىلىرىدىكى ھۆسنىخەت ۋە نەقىشلەر يۈرىكىڭىزگە ئۇيۇلۇپلا كېتىدۇ. ئۇنىڭ ھاۋاسى ساپ، ھويلىلىرى يىگانە. ئۇنىڭدىكى ھۆرى- غىلمانلارنىڭ ئەقىلى- ھۇشىڭىزنى ئالىدىغان شىكەر گەپلىرى، سىزنى بىھۇش قىلسا، ھازىر جاۋاب چاخچاخچىلىرىنىڭ يۇمۇر- لەتىپىلىرى سىزنى كۈلدۈرۈپ نەچچە كۈن ئاش- نان يىمەس قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىكى شېئىر- نەسىرلەرنى ئوقۇيدىغان بولسىڭىز ئىچتەيلىرىڭىز ئېچىلىپ سەمىرىپلا كېتىسىز. يازما ۋە تېمىلىرىڭىزغا يېزىلغان ئىنكاس- باھالار سىزنى، ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن رەۋىشتە قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ بىر نەرسىلەرنى يازمىسا تۇرالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. قاراڭ ئەزىز، ئەمدىغۇ مېنىڭ ئاشىقلىق سىرىمنىڭ تېگىگە يەتكەنسىز؟ "چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە نازۇك چىمەن بار" دەيدىكەن بوۋىلىرىمىز. "بايقاش" چىمەن ئىچىدىكى نازۇك چىمەن. شۇنداق ئىكەن ئۇنىڭغا ئاشىق بولماي، يەنە نېمىگە ئاشىق بولاتتىم؟! ماڭا قاراڭ ئەزىز، "مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا" دۇر. سىزمۇ "بايقاش" تىن ئىبارەت بۇ باغى- ئىرەمدە سەيلى قىلىپ بېقىڭ.مەن شۇنىڭا ھۆددە قىلالايمەنكى، سىز بۇ سەيلىڭىزدە، ئۇنىڭغا مەندىن ئۆتە ئاشىق- بىقارار بولۇپ قالىسىز. شۇ چاغدا "ئەي، بايقاشنىڭ ئاشىق سەۋداسى، سەن مۇپتىللا بولغان شۇ قىسمەت ماڭىمۇ بەخشەندى بولدى مانا" دەپ گەپ ئاچىسىز، قولۇمنى چىڭ سىققان چېغىڭىزدا. دۇرۇس، «بايقاش» شۇنداق جۇلاسى، مەپتۇمى، ئۇزلىقى، خاسلىقى ۋە ئۇنىڭ باغرىدا كۆمۈلۈپ ياتقان بىھېساب بايلىقى،پاك، ساپ ھەم بىغۇبار سۆيگۈسى بىلەن سەككىز مىڭ ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ ئاشىقى. سەن مېنى، مەن سېنى بايقىدىم، ئەي ئاشىقىم "بايقاش"!!! سەندە يېڭىدىن- يېڭى بايقالمىلار لەكمىڭ- لەكمىڭ، ئۇ بايقىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، خۇددى مەشۇق- ئاشىقىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك. سەندىكى جۇلا، سەندىكى لاتاپەت يىگانىدۇر، خۇددى تەڭر تېغىم يىگانە بولغىنىدەك. شۇڭا ساڭا بولغان سەۋدالىقىم ئەبەدىيدۇر، خۇددى پەرۋانا نۇرغا سەۋدا بولغاندەك. شۇنداق، «بايقاش» ىم مەن ساڭا ئاشىق، ساڭا سەۋدا، بۇ ئاشىقلىقىم، بۇ سەۋدالىقىم بىر ساڭىلا خاس.
2013- يىل 15- ئىيۇل مەنبە: ئۆز يازمام |