| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلرۇس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-11 02:42
‹بۇ "تېما" ئۆتكەن يىلى يوللانغاندى، قارىسام ئۈچۈپ كېتىپتۇ، قايتا يوللاپ قويدۇم› تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسى ھاياتىمىزنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالايلى
ئۇستازلار، ساۋاقداشلار! بىز دۆلەت شېئىرنىڭ جەڭگىۋار مىلودىيسى ئىچىدە چەكسىز پەخىرلىك ۋە ھۆرمەت- ئېھتىرامىمىز بىلەن دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىۋاتقان شۇ دەقىقىدە، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ قان- ياشلىق، ئار- نومۇسلۇق تارىخى كۆز ئالدىمىزدىن بىر- بىرلەپ ئۆتمەكتە، قۇچاقلاشما جەڭلەردىن كۈتۈرۈلگەن ھۇرا ساداللىرىنى، توپ- زەمبىرەك ئوقلىرىنى، جەڭ سىگىناللىرىنى ، جەڭ بۇيرۇقلىرىنى، مىژگان- بارابانلارنىڭ جەڭگىۋار كۈيى سۆزلەپ تۇرۇپتۇ؛ ئازادلىق ئەركىنلىك ئۈچۈن ياۋ ئوقلىرىدا دەريا كەبى ئېقىۋاتقان قانلارنى، بىرسى يىقىلسا مىڭى ئىز بېسىپ، دۈشمەن ئىستىھكامىغا شىر كەبى ئېتىلىپ كىلىۋاتقان جەڭچىلىرىمىزنىڭ باتۇرانە ھەيۋىتىنى، ئەنە ئاۋۇ لەپىلدەپ كۆككە كۈتىرلىۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. دۆلەت شىئىرى ساداسىدا زەپەردەست تۇرۇپ، ئىپتىخار كۈلكىسىنى كۈلۈپ، مەردانە كۆتۈرلىۋاتقان قۇياش، جاھان بەيگىسىدە تۇلپاردەك چېپىپ ئالدىدا كىلىۋاتقان ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ ئەتىسىدىن شاتلىنىپ كۈلمەكتە. نەچچە يۈزلىگەن قارا كۆزلەر شۇ تاپتا ئازادلىق، ئەركىنىلك ۋە دۆلىتىمىز ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى بولغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا تىكىلمەكتە. ھۆرمەت- ئېھتىرامدا دۈپۈلدەپ سۇقۇۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن قەلىبلەر ۋە ئۇنىڭ تەپتىدىن قايناۋاتقان قانلار تۇمۇرلاردا سەل بولۇپ ئاقماقتا...ئۇستازلار، ساۋاقغداشلار مۇشۇ دەقىقىدىكى ھۆرمەت- ئېتىرام، پەخىر- ھاياجانلىرىمىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن. دەر ھەقىقەت! ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ، داھى- يولباشچىلارنىڭ، قەھىرمان نەمۇنىچىلارنىڭ ئىسسىق جېنى ۋە قېنى، مېھنەتسىز تەرى ۋە ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن، شۇنداقلا ئاجىزلىقتىن زورايغان. ھېلى ھەممۇ زورىيۋاتىدۇ، گۈللىنىۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بىز ئىلىم ۋە ھۈنەر غالىپ ئۇرۇننى ئىگەللىگەن 21- ئەسىر بوسۇغىسىدا تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئار- نومۇسلۇق تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك‹‹كىم، قايسى ئەل ئىلىم ۋە ھۈنەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلىيەللىسە جاھان شۇنىڭ›› ئىككەنلىكىدەك ئىنتايىن ئاددىي بىر ھەقىقەتنى قىينالمايلا تاپالايمىز. ساۋاقداشلار، پارتىيە 18-قۇرلتىيى پارلاق ئەتىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. بىزدە‹‹ ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى››دەيدىغان بوۋىلار سۆزى بار. ئەجدادلىرىمىز قان كىچىپ كۈرەش قىلىپ، بۈگۈنكىدەك بەختىيار زاماننى بىزگە قالدۇرۇپ كەتتى. ۋەتىنىمىزنىڭ ئەتىسى سىلەردەك تاڭشۇرۇلغان تۇلپارلارغا، ئېچىلغىلىۋاتقان غۇنچىلارغا تەئەللۇق؛ ئەل- ۋەتەن، ئاتا- ئانا ۋە ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار سىلەردىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئەتىسىنى ھەقداسىغا يەتكۈزۈپ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى دۆلەت شېئىرنىڭ جەڭگىۋار مىلودىيسىدە مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرۇشنى ئۈمۈد قىلماقتا. ئۇنداقتا بۇ ئۈمۈدلەرنى قانداق قىلساق رويقاپقا چىقىرالايمىز؟ بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ئىلىم- پەن ۋە ھۈنەر- كەسىپنى پۇختا ئۈگىنىش. مەكتەپ ئادەم ھاياتىنىڭ ئەڭ مەنىلىك، لېكىن قايتا نىسىپ بولمايدىغان ئالتۇن پەسلى. ساۋاقداشلار، سىلەر ئۆگىنىمەنلا دەيدىكەنسىلەر ئۇستازلار پۈتكۈل ۋۇجۇدى، پۈتكۈل زېھىن- قۇۋۋىتىنى ئايىماي ئۆگىتىشكە تەييار. ئاتا- ئاناڭلار سىلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ ئەل- يۇرتقا كېرەكلىك ئادەم بولسۇن، دىگەن نىيەتتە مەكتىپىمىزگە ماڭدۇردى،پارتىيە،ھۆكىمەت، مەكتىپىمىز سىلەرنىڭ ئۈگىنىشىڭلار ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە كۆرسەتمەكتە. سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپەڭلار ئۆگىنىش، تىرىشىپ ئىلىم- پەن، ھۈنەر- كەسىپ ئىگەللەش. شۇڭا سىلەر گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتنى ھەمرا قىلىپ، ئۇستازىڭلار ئۆتكەن دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، پۇختا تەكرار قىلىپ، تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەپ ئاتا- ئانا، ئەل- يۇرت، ئۇستازىڭلارنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىشىڭلار كېرەك. بۈگۈن ئەتىنىڭ تارىخى، ئەتە كەلگۈسىنىڭ ئۆتمۈشى. شۇ ئىسىڭلاردا بولسۇنكى، تىرىشچانلىق، ئىگىلمەس، سۇنماس ئىرادە ۋە ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشنى ھەمرا قىلىدىغانلا بولساڭلار ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئۆگىنىش يولىڭلارغا توسالغۇ بولالمايدۇ، ھەر قانداق مۇراد- مەقسىتىڭلار چېچەكلەپ مېۋە بىرىدۇ. ساۋاقداشلار،بىز مۇشۇ مىنۇتنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ ئىلىم- پەن ۋە ھۈنەر- كەسىپنى پۇختا ئىگەللەپ، دۆلەت بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈرەيلى! ئىلىم- پەن، ھۈنەر- كەسپتىن قانات ياساپ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنىڭ مەنىسىگە، يېڭى مەنا قوشۇشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، ئۆزىمىزگە، ئۇستازلىرىمىزغا، مەكتىپىمىزگە، ئاتا- ئانىمىزغا شەرەپ كەلتۈرەيلى! ھۆرمەت، ئانا ۋەتەن؛ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق! ! ! ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ئۇزۇن سەپەر روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېرشىپ ئۆگىنىپ، ۋەتەننىڭ ئۆمۈدكە تولغانقۇرغۇچىلىرىدىن بولايلى
جوڭگو ئىنقىلابىدا ‹‹25مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەر›› دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ بىر ھەركەت بولغان، بۇنىڭغا ھازىر توپ- توغرا 70 يىل بولدى. ئۇنىڭ ‹‹ئىنقىلاپ ئۇرىقىنى چېچىش ماشىنىسى؛ تەشۋىقات ئەتىرىتى››دېگەن نامى بىلەن جوڭگو يېڭى دېمۇكراتىك ئىنقىلاپ تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ رول ئويناپ، كومپارتىيە رەھبەرلىگىدىكى جوڭگو ئىشچى- دېھقان قىزىل ئارمىيسىنى چېنىقتۇرۇپ، ياپۇنغا قارىشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىنى ياراتقان ۋە مۇستەھكەملىگەن.جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ رەھبەرلىگىدە ئارمىيمىز نۇرغۇنلىغان جاپا- مۇشاقەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،قېيىنچىلىققا قەتئىي باش ئەگمەي، قولنى- قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ،ۋەتەنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش، جاھانگېرلارنى ۋەتەن تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش يولىدا جانپىدالىق كۆرسەتكەن. شۇڭا دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىدا ئۇنىڭ نامى ئۆچمەيدۇ، ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد يادلىنىدۇ. «25مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەر›› شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلىدىكى، ئادەم ۋەتەن خەلقە پايدىلىق بولغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈككەن ھامان جاپا- مۇشاقەتتىن قورقماي كۈنسېرى ئالغا ئىلگېرلىسىلا ئۆز ئىشىدا جەزمەن غەلبە قىلالايدۇ. ساۋاقداشلار، بىزنىڭ قەيسەر جەڭچىلىرىمىز ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا جاندىن ئۆتىدىغان قەھىرتان سوغاقلاردىن،ئاچ- يالىڭاچلىقتىن، قولىدىكى قوراللارنىڭ ئاددىيلىقىدىن، سەپەرنىڭ مۇشكۈل ۋە ئۇزۇنلىقىدىن قىلچە قورقۇپ قالماي،ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچى كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئايرۇپىلان- تانكىلىرى ئۆستىدىن غالىپ كېلىپلا قالماي، بەلكا، يەنە ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەندى.ئۇنىڭ غەلبىسى جوڭگو ئىنقىلابىدا دەۋر بۆلگۈچ رول ئويناپ،جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرىشىغا، ھاكىميەتنى قولغا كەلتۈرىشىگە ۋە ھازىرقى ئىسلاھات- ئېچىۋىتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جوڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن ئاساس ياراتقاندى.بىز ھازىر خۇجىنتاۋ باش شۇجىلىغىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ئەتىراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ماۋزېدوڭ، دېڭ شىياۋپېڭ، جىياڭ زېمىن كۆرسەتكەن يولنى بويلاپ، ۋەتىنىمىزمىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باي، تېخىمۇ ئىنىاق، تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن« يېڭى ئۇزۇن سەپەر›› نى باشلىدۇق. ساۋاقداشلار، بىز بۇ يېڭى ئۇۇن سەپەر جەريانىدا ئارمىيمىزنىڭ جاپا- مۇشاقەتتىن قورقماسلىق، ۋەتەننى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش،تىرىشىپ ئىلگىرلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىشىمىز، تىرىشىپ، ھازىرقى زامان پەن- مەدەنيەت تېخنىكىسى بىلەن قوراللىنىشىمىز، ھۈنە- كەسىپ ئىگىلەپ خەلق ئۈچۈن، يۇرتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان قابىليەتنى يېتىلدۈرىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى بىلىشكە ماھىر بولۇپ ساقلىنۋاتقان خىلمۇخىل چېچىلاڭغۇلۇق، تىرىشماسلىق، ھورۇنلۇق، سەمىمىيەتسىزلىك، ئاتا- ئانىلارغا يۆلىنىۋېلىش، بۇزۇپ- چېچىش، ھۆرمەتسىزلىكتەك قىلمىشلارنى چۆرىپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا پاك- ئىنتىزامچان، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئاكتىپ- تەشەببۇسكار بولۇش، ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق، راست گەپ قىلىش،باشقىلارنى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، ئالىم- پەننى قىزغىن سۆيۈش، ئەمگەك ۋە ئەمگەك مىۋىلىرىنى كۆزقارچۇقىمىزنى ئاسىرغاندەك ئاسىراش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىزگە ۋە نۆۋەتتىكى ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.ساۋاقداشلار، ۋاقىت ئاتقان ئوق،چىقىپ كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ.ئىنسانغا پۇرسەت كېلىۋەرمەيدۇ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشئەڭ چوڭ نادانلىق. ئۆسمۈرلۈك- ياشلىق دەۋرىمىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ بىلىم ئىگىلەش، كەسىپ- ھۈنەر ئىگىلەشنىڭ ئالتۇن دەۋرى.بۇ دەۋىردە ئىگىلىگەن بىلىم، ھۈنەر- كەسىپ خۇددى تاشقا مۆھىر باسقانغا ئوخشايدۇ.شۇڭا ساۋاقداشلار، ياشلىق دەۋرىمىز بىھۇدە ئۈتۈپ كەتمىسۇن.شۇنىمۇ ئەسلا ئىسىمىزدىن چىقىرىپ قويۇشقا بولمايدۇكى، بىخەتەرلىك بولسا، بىلىم، كەسىپ ئىگىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى. شۇڭا مەكتەپ، سىنىپ، ياتاق، ئاشخانا، ئائىلە ۋە يول قاتناش... قاتارلىق سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىم ۋە بەلگىلىمىسىگە توللۇق ئەمەل قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىك، بىجىرىم، ساغلام- بىخەتەر بولۇشىمىزغا ھەرۋاقىت كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماكا چىكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، توپلۇشۇپ جىدەل چىقىردىغان،مەكتەپ مال- مۈلىكىنى بۇزۇپ- چاچىدىغان،زىيان- زەخمەتكە ئۇچىرتىدىغان، كېتىۋاتقان ماشىنا- تېرەكتۇرلارغا ئېسىلىپ قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىدىغان،توك،پار،سۇ يوللىرى ۋە ئەلىھەلىرىگە چېقىلىدىغان،تازلىققا رىئايە قىلمايدىغان چوقۇم تۈزىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ساۋاقداشلار، بىز ئەسلىمىزنى ئويلىساق،كەلگۈسىمىزگە قارىساقلا چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ بىلىم ئېلىشقا،كەسىپ ئىگىلەشكە ھەم بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىپ ساغلام- سالامەت بولۇشقا تامامەن قادىر بولالايمىز.شۇنداق قىلالىساقلا ۋەتەننىڭ ئۈمۇدكە تولغان قۇرغۇچىلىرى بولالىشىمىزدا گەپ يوق.
ئەخلاق ئادەم زىنىتتى (كەنجى مەمتىل) ئەخلاق دىگەن بۇ ئۇقۇم ھەر بىر ئوقۇتقۇچى، ھەر بىر ئىشچى- خىزمەتچى ھەم ھەر بىر ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتىمۇ يېقىن بولغان ھەم ناھايىتىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بىر ئاتالغۇ بۇلۇپ، ئۇ كشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارسىدىكى ھەم كىشىلەر بىلەن جەمىيەت ئارسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان بىر خىل ھەركەت نىزامى. ئۇ ئائىلىمىزدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ئائىلىنى تىنىچ، ئىللىق بىر ماكانغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ مەكتىپىمىزدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ مەكتەپ، ئىشخانا، سىنىپ، ياتاقلارنى تىنىچ، خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ئوقۇش- ئوقۇتۇش ۋە ئارام ئېلىش بازىسىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇ جەمىيەتتە كىشىلەرنى ئۆز- ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاجىز يىتىم- يىسىرلارغا يار- يۆلەك بولىدىغان، بىر كىشى قىيىنچىلىققا ئۇچىرسا ھەممە ئادەم ياردەم قىلىدىغان، تىنىچ، ئىتتپاق، ئىناق مىللەتلەر چوڭ بىر ئائىلىسىگە ئايلاندۇرىدۇ، ئەخلاقنىڭ ئەنە شۇنداق قىممەتلىك رولى بولغاچقىلا ئائىلە، مەكتەپ، جەمىيەت زىچ ھەمكارلىشىپ، ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئېغىر ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى غەلبىلىك ئۇرۇنداپ كەلمەكتىپىمىز، جەمىيەتتە بولسۇن ياكى مەكتىپىمىزە بولسۇن ئەخلاقى پەزىلەتنى قەلبىدە ساقلاپ، سۆز ھەركىتىدە ئىپادىلەپ، بارلىق يولداشلارنىڭ ئورتاق ئىتراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتقان ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلار، ئوقۇغۇچى- ساۋاقداشلارمۇ ئاز ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىن ھەممە ئادەم سۈيۈنىدۇ ھەممە ئادەم ئۇلارنى قىزغىن ھۆرمەتلەيدۇ. مىنىڭ شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە شۇنداق دىگۈم كىلىدۇكى تۇرقىدىن كەلگۈسىنىڭ نامراتلىقى پۇراپ تۇرىدىغان، قىلىقى ئوقۇغۇچىغىمۇ تازا ئوخشىمايدىغان، ئاتا- ئانىسىنىڭ جاپاللىق ئىشلەپ تېپىپ بەرگەن پۇلىسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۋاتقان ئەشۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىز سىلەر ئۈچۈنمۇ ئەخلاق دوست بولالايدۇ، ئەخلاق سىلەرنىڭمۇ زىنىتىڭلار بولالايدۇ، شۇڭا ئىسىل ئەخلاقى پەزىلەتنى دەستۇر قىلىپ، ئالتۇن دەۋىرىڭلارنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ، كەسىپ ئىگىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ╳ ╳
بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى
ساۋاقداشلار: قىزىل بايراق ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان. سېرىق بەش يۇلتۇز بولسا- قىزىل بىپايان تۇپراقتا جىلۋىلىنىپ تۇرغان يورۇقلۇق. مۇشۇ قىزىل بايراق ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان. رەئىس ماۋزېدوڭ 1949-يىلى 10-ئاينىڭ1-كۈنى تىيەنئەنمېن راۋىقىدا ئۆز قۇلى بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقاردى. ئۇ- يېڭى جوڭگونىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى، جۇمھۇريەت ئابرويىنىڭ سىمۋولى، سوتسىيالىستىك ئىگىلىك ھۇقۇقنىڭ سىمۋولى. بۈگۈن ئۇنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، «ھۇررا» كانايلىرىنىڭ چېلىنغىنى ئاڭلانغاندەك بولدى.بۇ بىزنى ۋەتەن ئۈچۈن تۆھبە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش، ۋەتەننى سۆيۈش بىر ئېغىز قۇرۇق شۇئار ئەمەس. مەكتەپ بىزنىڭ ۋەتەنگە ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇشنى، ۋەتەنگە تۆھبە قوشۇشنى ئۆگىتىدىغان جاي. بىز ۋەتەنگە ياراملىق ئەۋلاد بولىمىز، ۋەتەننى سۆيىمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرلەپ، تىرىشىپ ئۆزىمىزنى ۋەتەنگە ئېھتىياجلىق بولغان « غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنيەتلىك، ئىنتىزامچان تۆت بولۇش» قا ئىگە يېڭى كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۇرۈپ چىقىشىمىز لازىم. بۈگۈن مەكتەپتە ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشىڭلار، ئەتە ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىدا ۋەتەننىڭ« تۆتنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تۆھبە قوشۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر.
ھۆرمەت، ئۇلۇغ ۋەتەن، ھەيۋەتلىك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىق بايراق!!
تىنىچلىق- ئىتتپاقلىق زور غەلبە (كەنجى مەمتىل) ھەمىمىزگە مەلۇم تىنىچلىق دىگەنلىك بەخىت دىگەنلىك بولۇپ، تىنىچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىز جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىدى، بىز بۇ ئارزۇيىمىزغا پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىتتپاقلىشىپ قان كىچىپ ئىنقىلاپ قىلىشى ۋە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كىيىنمۇ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىقتىسادى قۇرلۇش ئېلىپ بېرىشى ئارقىلىقلا ئىرىشەلىدۇق. ھازىر دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت قۇرۇش، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەقىيات دەۋىرىگە قەدەم قويدى، بۇ باسقۇچ بىزدىن بۇ ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ تىنىچلىقنى ھەقىقى قەدىرلەشنى، ئىتتپاقلىققا، مۇقۇملۇققا، تەرەقىياتقا، قىسقىسى قانۇن، ئىنتىزام، ئەخلاق مىزانلىرىغا تايىنىپ قوغداشنى، مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلماقتا. تىنىچلىق بولمىسا ئىناقلىق بولمايدۇ، ئىناقلىق بولمىسا تەرەقىيات بولمايدۇ، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشمۇ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئىناق جەمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن مەركىزى سىياسى قانۇن كومىتىتى بىلەن مەركىزى ھەر تەرەپلىمە كومىتىتى پۈتۈن مەمىلكەتكە تىنىچلىق قۇرلۇشىنىڭ مۇھىم قارارىنى چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ‹‹سىياسەت جەھەتتە مۇقۇم بولۇش، جەمىيەت مۇقۇم بولۇش، ئىقتىساتنىڭ يۈرۈشۈش بىخەتەر بولۇش، مەدەنىي پائالىيەتلەر ساغلام، قانۇن تۈزۈم مۇكەممەل بولۇش، ئامما رازى بولغان بولۇش›› تىن ئىبارەت تىنىچلىق قۇرلۇش نىشانىنى بىكىتتى. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادى قۇرلۇش تەجىربىلىرى شۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدىكى تىنىچلىق- ئىناق جەمىيەت قۇرۇش ھاللىق جەمىيەت قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئاساسى ۋە كاپالىتىدۇر، شۇڭا بىز تىنىچلىق قۇرلۇشىنى مۇستەھكەم ئىجتىمائى ئاساسقا ئىگە قىلىشتا يەنىلا ئىشنى ئائىلىدىن باشلاپ تۇتۇپ ئىناق ئائىلە، ئىناق مەھەللە، ئىناق يېزا- بازار، ئىناق مەكتەپ، ئىناق سىنىپ، ئىناق ئىشخانا قۇرۇشىمىز، شۇ ئاساستا ئىناق ئونسۇ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش نىشانىغا يىتىشىمىز لازىم. بۇ نۆۋەتتىكى مەركەزدىن يەرلىككىچە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن خەلق كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم خىزمەت، ئۇنى يېرىم يولدا توختۇتۇپ قويۇشقا ياكى قولنىڭ ئۇچىدىنلا ئىشلەپ بولدى قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. تىنىچلىق بىز جۇڭگو خەلىقى ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىت، ئەڭ زور ئومۇملۇق بولۇپلا قالماستىن دۇنيا خەلىقلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە. بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزدىن بەزىلەر تىنىچلىق، ئىتتپاقلىق ئۈستىدە توختۇلۇپ،‹‹ئۆز ئۈيۈڭنىڭ خوشلىقى، پۇت قولۇڭنىڭ بوشلۇقى›› دىسە بەزىلىرى ‹‹كۆڭلۈڭ تىنىچ، قايناقسۇ ئىچ›› دىگەن ئىدى، يەنە بەزىلىرى تېخىمۇ ئۇلۇغلاپ‹‹ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى رويۇڭ سامان بولماس›› دەپ تىنىچلىق، ئىتتپاقلىققا مەدىيە ئوقۇغان ئىدى. تىنىچلىق- ئىناقلىق بەخىت سائادەت ئېلىپ كىلىدىكەن ئەكسىنچە تىنىچسىزلىق، ئىتتپاقسىزلىق ئىنسانلارغا بالايى- ئاپەت ياغدۇرىدۇ خالاس، تارىخنى ئەسلىسەك ئىنسانلارنىڭ تىنىچسىز، ئىتتپاقسىزلىقىنىڭ دەردىنى تارتقان مىساللارمۇ ئاز ئەمەس. يولداشلارغا مەلۇملۇق- تىنىچسىزلىق، ئىتتپاقسىزلىق ئايرىمىلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن ئەمىر- پەرمانلىرىنى كۆزىگە ئىلماسلىقى، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئەمەل قىلماسلىقى، قائىدە- تۈزۈم ئەخلاق نىزاملىىرغا رىئايە قىلماسلىقى يىتەكلەشنى، باشقۇرۇشنى خالىماسلىقى، قىسقىسى ئۆزىنى ئاممىدىن ئۈستۈن قۇيۇپ، شەخسى مەنىپەتنى دەپ ئاۋامنىڭ مەنىپەتىنى دەپسەندە قىلغاندا يۈز بىرىدۇ، بۇ خىل تىنىچسىزلىق، ئىتتپاقسىزلىق ھامان زورلۇق كۈچىگە ياكى دىمۇگىراتىيە يول بىلەن ھامان ھەل قىلىنىدۇ ۋە ياكى ھەل قىلىنماقتا. مەكتىپىمىزدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ نۇرمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى، ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلارنىڭ كۈيۈنۈپ يىتەكلەپ ئوقۇتۇش ۋە كەسىپ ئىگەللىتىشنى، ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلار ئارسىدىكى يېڭىچە قىزغىن مۇناسىۋەتنى قىسقىسى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ بىز پۇقرالار ئۈچۈن يارتىپ بەرگەن تەلىم- تەربىيە پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنمەي ئەكسىنچە نۇرمال كەيپىياتقا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىپ مەكتەپكە خالىسا كىلىپ، خالىمىسا كەلمەيدىغان، دەرسخانىدا خالىسا دىققەت قىلىپ خالىمىسا پاراڭ سالىدىغان، ئوقۇتقۇچى تەنقىت قىلسا گايىدا ئىللىك ئېلىپ گايىدا تىل ياندۇردىغان ئىنتايىن ناچار خائىشلارمۇ ساقلىنىۋاتىدۇ. پۈتۈن مەمىلكەتتە ئىناق جەمىيەت قۇرۇش، ھاللىق جەمىيەت قۇرۇش سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش جىددىي تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە مەكتىپىمىزدىكى يۇقارقىدەك ئىتتپاقسىزلىق، ئىناقسىزلىق خائىشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بىرىشكە بولمايدۇ. بىز چوقۇم مەركىزى كومىتىت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ تىنىچلىق قۇرلۇشى نىشانىدا كۆرسۈتۈلگەندەك‹‹ سىياسەتنىڭ مۇقۇم بولىشىغا، جەمىيەتنىڭ مۇقۇم بولىشىغا، ئىقتىساتنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ بىخەتەر بولىشىغا، مەدەنىي پائالىيەتنىڭ ساغلام، قانۇن- تۈزۈملەرنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا، ئاممىنىڭ رازى بولۇشىغا باشتىن ئاخىرى كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ئەخلاقى تەربىيە ئۇسۇلىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاپ ۋە كەڭەيتىپ مەكتىپىمىزدىكى ئىناقلىق قۇرلۇشىغا پۇتلا كاشاڭ بولىۋاتقان تۈرلۈك خائىشلارنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلىشىمىز لازىم. مەن قەتئىي ئىشىنىمەنكى مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچى يولداشلار، ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلار تىنىچلىقنى، ئىناقلىقنى قەدىرلەيدۇ، ئۇنى كۆز قارچۇقىنى ئاسىرغاندەك ئاسىرايدۇ.
ئەسكەرتمە: بۇ نۇتۇقنىڭ ئىككى پارچىسى مەرھۇم ئۇستاز كەنجى مەمتىلنىڭ |
|