كۆرۈش: 861|ئىنكاس: 7

لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ شەرتلىرى (كۆرۈپ قويۇڭ)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ شەرتلىرى

جۇ خاۋكۈن

ئۆمەرجان ئامۇت تەرجىمىسى


1.مۈگدەپ قالغان ئوقۇغۇچىنى دەرس ئاڭلاشقا زورلىماڭ،چۈنكى سىز يالغاندىن ئۇخلىۋالغانلارنى ئويغىتىشقا قادىر ئەمەس.دەرسنى ئامال بار قىزىقارلىق سۆزلەڭ.
2. 80پىرسەنت سوئالغا 10 سېكۇنت ئىچىدە جاۋاب بېرەلەيدىغان، 15 پىرسەنت سوئالنىڭ تەپەككۇر يولىنى 5 مىنۇت ئىچىدە دەپ بېرەلەيدىغان بولۇڭ. 5 پىرسەنت سوئالنى بىلمىسىڭىز راستچىللىق بىلەن تەن ئېلىپ،قايقاندىن كېيىن بارلىق ئاماللارنى قىلىپ 24 سائەت ئىچىدە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىڭ.بىلىشىڭىز كېرەككى،ئوقۇغۇچىلار بىر جېنىغا توققۇز خىل دەرس ئوقۇيدۇ،سىز ئاران بىر پەننى تەتقىقى قىلىسىز.تۇغما قابىلىيىتىڭىز كەم بولسا،بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق.سىز چوقۇم ئوقۇغۇچىلار سوراپ قېلىشى مۈمكىن بولغان سوئاللارغا مۇناسىۋەتلىك يېتەكچى كىتابلاردىكى مەشىقلەرنى تەكرار ئىشلەپ چىقىشىڭىز كېرەك.
3. بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز بىلەن يىلدا بىرەر-ئىككى قېتىم كۆرۈشىسىز يا كۆرۈشەلمەيسىز،ئەمما ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرىسىز.شۇنداق بولغانىكەن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى،ئاساسى ئالاھىدىلىكىنى ۋە مىجەز- خۇلقىنى بىلمەسلىككە ھېچقانداق باھانىڭىز يوق.
5.ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق نەتىجىسىنى يانفۇنىڭىزغا كىرگۈزۈۋېلىڭ،بۇ ئارقىلىق شۇ بالىلارنىڭ سىزنىڭ قولىڭىزدا ئىلگىرلىگەن - ئىلگىرلىمىگەنلىكىدىن ۋاقىپلىنالايسىز.
5.مەسلىلەرنىڭ يېشىمىنى دەپ بەرمەكچى بولسىڭىز،تېلېفوننى ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئۇرۇپ،بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇغۇچىڭىز بىلەن سۆزلىشىڭ.بۇنداق قىلغاندا،بىرىنچىدىن،ئاتا-ئانا بولغۇچى«مۇئەللىم بالىمىزغا ئېتىبار بېرىدىكەن»دەپ خاتىرجەم بولىدۇ؛ئىككىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلار «مۇئەللىم ئەسلى تېلېفوندا مېنى چېقىشتۇرمايدىكەن-دە»دېگەن چۈشەنچىگە كېلىدۇ.
6.بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە قىز ئوقۇغۇچىغا ئۇچراپ قالسىڭىز،ئارىسىدا مەكتەپ گۈزىلىمۇ،چىرايى ئادەتتىكىچىلىرىمۇ بولسا،سالامنى ئالدى بىلەن ئاشۇ چىرايى ئادەتتىكىچە قىزغا قىلىڭ.بىرنەچچە ئوغۇل ئوقۇغۇچىغا ئۇچراپ قالسىڭىز، سالامنىڭ بېشى جىمىغۇرراقىغا بولسۇن.
7.دەرسخانىدا مەسلىلەرنى يېشىپ بەرگەندە،چىرايى ئادەتتىكىدەك،ئىچ مىجەز ئوقۇغۇچىلارغا بەكرەك ئېتىبار بېرىڭ.چىراي-تۇرقى قانچە ئادەتتىكىچە، ئالاھىدىلىكى يوق ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا شۇنچە مۇھتاج.
8.دېمەكچى بولغانلىرىڭىز بالىلارغا پايدىلىق بولغان تەقدىردىمۇ،«چوقۇم مۇنداق قىلىشىڭ كېرەك»دېگەننىڭ ئورنىغا«مېنىڭ تەكلىپىم...»دەڭ.پەردازلانغان زورلاشمۇ ئوخشاشلا زورلاش،ھەر قانچە سىپايە چەكلەشمۇ يەنىلا چەكلەشتۇر.
9.ئالدىراپ«بۇ بەك ئاسانغۇ»دەپ سالماڭ.ئەگەر مەسىلىنى بەك ئاددىيلاشتۇرۋېتە- لىسىڭىز بۇ باشقا گەپ.
10.ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ چۈشەنگەن-چۈشەنمىگەنلىكىنى سورىغىنىڭىزدا ، باشقا بالىلار ئاڭلاپ قالمىسۇن.چۈنكى،باشقىلار قاراپ تۇرغاندا «چۈشەنمىدىم» دېيىشكە ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تىلى بارمايدۇ.
11.دەرس ۋاقتىدا ھە دېسىلا تېلېفون ئالىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن يانفونىنى ئېتىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق.
12.قەستەن داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىۋالماڭ.چۈنكى ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىلا بىر ماركا.كىيىملەرنى كۆز-كۆز قىلىدىغان ناچار خۇيدىن تېخىمۇ ھەزەر ئەيلەڭ.بولمىسا جەمئىيەتتە باش كۆتۈرۈۋاتقان مەئىشەتچىلىككە ھەمدەم بولغان بولىسىز.

مەنبە: «تەرمىلەر» ژورنىلى 2015-يىللىق 4-سان.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-29 12:14:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر ئىكەن.. رەھمەت................
ۋاقتى: 2015-4-29 23:39:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار كۆرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك تېما يوللاپىسز.
ۋاقتى: 2015-5-5 19:09:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار كۆرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك تېما يوللاپىسز.
ۋاقتى: 2015-5-21 21:40:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ھەر بىرىمىز مۇشۇ تەلەپلەرگە تولۇق رىئايە قىلالىساق بەكمۇ ياخشى بولار ئىكەن ، ياخشى ماتىرىيالكەن . ئەجرىڭىزگە رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-5-22 09:59:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن كۆپ رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-5-22 10:00:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن كۆپ رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-12-10 13:13:58يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا"ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى بىر ماركا" دېگەن سۆز بەك يارىدى.
  مەن ھەممە شەرتكە ئۇيغۇنلىشىشقا تىرشىمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش