كۆرۈش: 951|ئىنكاس: 7

بۆرەكنى تۈگەشتۈردىغان 7 ناچار ئادەت

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۆرەكنى تۈگەشتۈردىغان 7 ناچار ئادەت

QQ截图20150626001101.png

بۆرەك يالغۇز ئەرلەر ئۈچۈنلا ناھايىتى مۇھىم ئەزا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئەزادۇر. ئەرلەردە بۆرەك زەئىپلىكى كۆرۈلگەندەك ئوخشاشلا ئاياللاردىمۇ بۆرەك زەئىپلىكى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋېتىمۇ ئېغىر بولىدۇ. مەسىلەن، تېز قېرىپ كېتىش، ئەمچەك ساڭگىلاش، چاچ چۈشۈش، جىنسىي ھەۋىسى سۇسلاپ كېتىش قاتارلىقلار. ئەگەر ھامىلىدار بولسا بۆرەك زەئىپلىكى تۇغۇلماقچى بولغان پەرزەنتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى سىزگە بۆرەكنى تۈگەشتۈرىدىغان 7 ناچار ئادەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.

1. سۇ ئىچمەسلىك
كۆپىنچە خانىم-قىزلار پات-پات ئوبۇرنى (ھاجەتخانا، خالا) غا چىقىشتىن ئېرىنىپ، سۇ (قايناقسۇ كۆزدە تۇتىلىدۇ) نى كۆپ ئىچىپ كەتمەيدۇ. بۆرەك ئورگانىزملاردىكى سۇ ۋە ئېلېكترولىتلار تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەپ، ئايلىنىش (مېتابولىزم) ئارقىلىق ھاسىل بولغان كېرەكسىز ھاسىلاتلارنى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىشقا مەسئۇل بولۇپ، بۆرەكنىڭ بۇ خىل فۇنكسىيىسى نورمال جارى بولۇشى ئۈچۈن جەزمەن يېتەرلىك سۇيۇقلۇق ياردىمى بولۇشى كېرەك. شۇڭا، خانىم-قىزلار يۇقىرىقىدەك ئېرىنچەكلىكنى تاشلاپ، كۆپ سۇ ئىچىپ بېرىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. كۆپ سۇ ئىچىش بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاپ، تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تۇز ئىستېمالى كۆپ بولۇپ كەتكەندە سۈيدۈكنى سۇيۇلدۇرۇپ، بۆرەكنى ئاسرايدۇ.

2. سۇغا قارىغاندا تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش
ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى قەھۋە ماددىسى قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان بولۇپ، ئۆرلىگەن قان بېسىمى بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئىمكانقەدەر ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك. كۈنىگە چوڭ ئىستاكاندا 8 ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرگەندە، بەدەندىكى زەھەرنىڭ دەل ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىشىغا پايدىلىق.

3. تۇزلۇق تاماقلىنىش
تۇز بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدىغان ئەڭ مۇھىم جاۋابكار بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدىكى تۇزنىڭ %95 ى بۆرەك ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. غىزالار بەك تۇزلۇق بولۇپ كەتسە، ئورگانىزم قوبۇل قىلىدىغان تۇز مىقدارى ئارتىپ كېتىپ، بۆرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ-دە، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تۇزنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ئەلداۋا ئوزۇقلۇنۇش كۆرسەتمىسى بويىچە، كۈنىگە ئىستېمال قىلىنىدىغان تۇز مىقدارى 6 گرام ئىچىدە كونترول قىلىنىشى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ھازىر بازارالاردا سېتىلىۋاتقان قولايلىق چۆپلەرنىڭ تەركىبىدە تۇز ناھايىتى كۆپ، ئەڭ ياخشىسى بۇ چۆپلەرنى ئاز ئىستېمال قىلغۇلۇق.

4. پىۋا ئىچىش
ئاللىقاچان بۆرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپدار بولغان تۇرۇقلۇقمۇ دائىم پىۋا ئىچكەندە، سۈيدۈك كىسلاتاسى يىغىلىپ چۆكۈپ، بۆرەك ئۇششاق نەيچە-كاناللىرىنىڭ توسۇلۇشىنى پەيدا قىلىپ، بۆرەكنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قان تەكشۈرۈتكەندە بۆرەكتە مەسىلە بارلىقى مەلۇم بولسا، بەلكىم بۇ چاغدا بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشى ئاللىقاچان يەڭگىل دەرىجىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا، بۆرەكتە مەسىلە بار بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغانلار قەرەللىك سۈيدۈك تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك. سۈيدۈك تەكشۈرۈش بۆرەكتىكى ئەھۋالنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ئەپچىل ئۇسۇلى.

5. گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىش
گۆشنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بۆرەك ئوڭاي زەخىملىنىدۇ. ئامېرىكا ئوزۇقشۇناسلىق جەمئىيتىنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە بولغاندا، ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام بولغان ئادەم كۈندۈلۈك گۆش ئىستېمال ئەڭ يۇقىرى چېكىنى 300 گرام ئەتراپىدا تېزگىنلىگىنى ئەۋزەل. ئەگەر بۆرەك ياللۇغى بار كىشىلەر بولسا، گۆش ئىستېمال مىقدارىنى يەنىمۇ ئازلىتىشى لازىم.

6. سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلماسلىق
سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يەپ بەرسە ساغلاملىققا پايدىلىق. بۇ ھەممە ئادەملەر بىلىدىغان قاراش. ئەمما، سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى بىمارلىرى ئۈچۈن، تەركىبىدە كالىي كۆپ بولغان سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا، بۆرەك ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل كىشىلەر بەك قۇيۇق بولغان مېۋە شەربىتى ياكى سەي-كۆكتات قياملىرىنى، سەي شورپىلىرىنى ، داسقايناق شورپىسى (火锅汤) نى ئىچىشتىن ساقلىنىشى، غىزالىنىشتا سۇيۇق-سەلەڭ، مايسىز، لەتىف غىزالارنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

7. قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلىش
بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا كىشى «دوختور» بولۇپ كەتتى. خېلى كۆپ كىشىلەر ئۆزىدىكى بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا ئۆزلىرى دىئاگنوز قويۇشۇپ، ئىشىك ئالدىدىكى دورىخانىلاردىن دورا ئېلىپ يېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خېلى كۆپ ساندىكى دورىلار ۋە بەزى باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنىڭ تەركىبىدە بۆرەكنى زەھەرلىگۈچى تەركىبلەر بولۇپ، قالايمىقان ئىستېمال قىلىنغاندا بۆرەكنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇستاتلىق قىلماي، دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك

مەنبە:  ساغلاملىق تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
مىرابلا + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-26 05:57:05يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئىەتكىنىڭىـزگە رەھمەت،بىلىمگە ئىگە بولدۇق.
ۋاقتى: 2015-6-26 07:26:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىق توغىرسىدا ئەسەر ئەۋەتكىنىڭىزگە كوپ رەھمەت.تىخىمۇ كوپ مۇشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز.جاپا چەكتىڭىز.تورداش.ساغلاملىق ھەممىدىن موھىم.
ۋاقتى: 2015-6-26 07:28:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2015-6-26 09:48:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ساغلاملىق ئۇچۇرى بىلەن تەمىنىلگەنلىكڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،
ۋاقتى: 2015-6-27 20:39:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن، رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2015-8-3 21:59:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىق ئۇچۇرىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-8-18 19:56:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ! پايدىلىنىش قىممىتى بارئىكەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش