كۆرۈش: 766|ئىنكاس: 5

ھىكمەتلىك سۆزلەر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھىكمەتلىك سۆزلەر

1.ئوشۇقچە ياش تۆكمە ئۇنى تەرگە ئايلاندۇر ،يىغلىساڭ بولىدۇ ئەمما ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا يىغلا ،يىغاڭنىڭ قەدىر -قىممىتى بولسۇن .
2.ئۈمىد ئىزدەيمەن دەپ بەك يىراقلارغا تەلمۈرمە ،ئۈمىدنى ئۆز تىنىقلىرىڭدىن ئىزدە.
3.ئىتقاد سەن قىلغان ياخشى ئىشقا ئەمەس ،بەلكى ئادىتىڭگە ئايلانسۇن.
4.يىقىلىپ چۈشسەڭ سەۋەبىنى ئورەكتىن ئىزدىمەي ،ئۆزەڭدىن ئىزدە.
5مەغلۇبىيەتتىن قورىقما ،مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش مەغلۇبىيەتنىڭ ئۆزىدىنمۇ نەچچە ھەسسە قورقىنىشلىق.
6ئۆلگەنلەردىن تىرىكلەر ئەلا (مىڭ ئۆلگەن باتۇردىن،تىرىك بىر مىيىپ ياخشى).
7.ئۆزۈڭ پىلانلىغان تۇرمۇشتىن ۋاز كەچسەڭ،سىنى ساقلاپ تۇرغان تۇرمۇشقا ئىرىشىسەن.
8.ئۈگۈنۈشكە ئەرزىمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۈگۈتۈش ئەڭ ئاسان.
9.جاپا -مۇشاقەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى- جاپامۇشاقەتلىك تىرىشىش.
10.بالىلارنى تەربىيلەشتە ئۇلارغا بىرىدىغان بىلىم ۋە تەربىيەنىڭ ۋاقتى ئەڭ موھىم.
11.دۈشمىنىڭنىڭ ساڭا نىمە دىگىنىگە  قارىغاندا ،دوستۇڭنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرگىنى ھەممىدىن موھىم .
12.ئەگەر سىنىڭ دوستۇڭ دۈشمەنلىرىڭگە دۈشمەن بولالىسا مانا بۇ سىنىڭ ھەقىقى دوستۇڭ بولالايدۇ.
13.ساختا  نىقاپلار بىلەن ئالقىشقا ئىرىشكەندىن يالىڭاچ ھالدا مازاققا قالغىنىڭ ئەۋزەل.
14.ساخاۋەت قىلىمەن دەپ چوڭ سۆزلىمە ،ئەڭ ئاۋال ئۆزۇڭنى ،ئائىلەڭنى پاراۋان قىل ،ئاندىن باشقىلارغا ساخاۋەت قىل.
15.بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ باشقىلاردەك بولالمىغىنى ئۈچۈن ئازاپلىنىدۇ ،ئەمەلىيەتتە باشقىلارغا ئوخشاپ قىلىشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ ئازاپ.
16.سىنىڭ ئاچچىقىڭنى كەلتۈرگەن گەپ سۆزلەر ياكى ئىش ھەرىكەتلەر دەل سىنىڭ ئۆزۈڭنى چۈشىنىشىڭگە ياردەم قىلىدۇ.
17.بۇ دۇنيادا دۆت ئادەم يوق ،پەقەت ھورۇن ئادەم بار .
18.دائىم ئەقىللىق بولىمەن دىسەڭ ،ئاخىرىدا  ئۆزۈڭنى ئەقىللق چاغلايدىغان ئەخمەققە ئايلىنىپ قالىسەن.
19.بەخىتنىڭ جەريانى نورغۇن بەخىتسىزلىكلەرگە تولغان بولىدۇ.
20.ئەگەر سەندە قولچىراقتىن باشقا نەرسە بولمىسا ئۇنداقتا، كۈندۈزدىمۇ ئىزدەيدىغىنىڭ يەنىلا قاراڭغۇلۇق.
21.بەزەنبىر كىشىلەرنىڭ سۆزى قانچە تىتىقسىز ،لاۋزا بولسىمۇ ئاخىرغىچە ئاڭلا ،چۇنكى شۇ ئارقىلىق نىمىلەرنى دىيىش ،نىمىلەرنى دىمەسلىكنى  ئۈگىنىسەن.
22.نورمال ئادەملەر ئۆزىنى مەغلۇبىيەتچى دەپ ئويلاۋەرسە ،ھىس تۇيغۇلىرى ئۇنى ھامان مەغلۇبىيەتچى قىپ قويىدۇ.
23.بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆلەر تىرىلىشىگە قارىماي پۇل تىپىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى، بەزىلەرئۈچۈن بىر ھەجىۋى رەسىم خالاس.
24.بىر ئادەمگە قىلغان مىھرىبانلىقىڭ بەلكى يەنە بىر ئادەمگە قىلغان شەپقەتسىزلىكتۇر.
25.بەزىلەر نورغۇن جاپا مۇشاقەتلەرنى تارتىپ ھەقىقەتنى ئىزدەيدۇ ،بىراق ھەقىقەتنى كۆرگەندە خاتا بوپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
26.كۈچلۇك غايە ۋە ئىتقادقا ئىگە ئادەم ،ئۆزىگە تەۋە بولمايدۇ ،بەلكى ئەل -يۇرىت ئۈچۈن ياشايدۇ.
27.تىرە تاشلىمايدىغان يىلاننىڭ ئاخىرقى چىقىش يولى ئۆلۈم .
28.باشقىلارنىڭ سىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىنىدىن رەنجىمەي ، ئۆزۈڭنىڭ باشقىلاردىن بەك چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكىنىڭدىن رەنجىگىن.
29.ھىچقاچان بىرىگە يوغان سۆزلىمە،ھايات مىنىمۇ شۇنداق بىر نوقتىغا ئەكىلىپ قويغان چىغىدا  لىۋىڭنى چىشلەپ قالىسەن.
30.باشقىلارنىڭ راست گىپىگە ئىشەنمەي ،گۇمان قىلىۋەرسەڭ ئاخىرىدا ئاڭلايدىغىنىڭ يالغان گەپ بولىدۇ.   

مەنبە: تاڭ سابا مۇنبىرى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-24 10:07:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ھېكىمەتلەركەن ... تەشەككۈر قېرىندىشىم ...
ۋاقتى: 2015-5-25 09:29:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل ھېكمەتلەر ئىكەن ، چۈشۈرىۋالدىم . بېسىپ چىقىرپ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىمەن .
ۋاقتى: 2015-5-25 13:14:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسل ھىكىمەتلەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.
ۋاقتى: 2015-5-29 18:44:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇنداق ھىكىمەتلەر سۆزلەرنى ئوقۇشقا بەك ئامراق.
ۋاقتى: 2015-6-12 13:53:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن ھېكىمەتلەتنى يوللاپسىز ،بەھىرلەندىم.ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.رەھمەت سىزگە داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش