كۆرۈش: 490|ئىنكاس: 3

ئالتۇن تىللالىق ھېكمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالتۇن تىللالىق ھېكمەتلەر

بىشىڭغا ھەر بالا كەلسە  ئۆزۈڭنىڭ خۇي— پەيلىڭدىن كۆر.

◎ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ.ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا   ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.

◎ھاياتلىقتا ئەڭ  مۇھىمى تۇرغان ئورنىڭىز ئەمەس،يۈزلەنگەن نىشانىڭىز.

◎ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا  ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ، سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەڭ.

◎ھاياتلىق بەك قىسقا ،بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە  ئەتە ئىرىشەلىشىڭىز ناتايىن .

◎تالانىت- بىر پىرسەنىت ئىلھام بىلەن 99 پىرسەنىت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر.

◎بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى-ئۆزىنى ئالداش . بارلىئىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى - توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزشىدىن   ئەنسىرەش .

◎ تەجرىبە ئازابلىق  كەچۈرمىشلەردىن  كېلىدۇ .

◎بىر بالاسى بولمىسا  تاشتا قۇيرۇق نە قىلۇر؟ بەدەلسىز ھوسۇل نەدە بولسۇن ؟

◎باشقىلارنى تۈزىتىشتىن  ئىلگىرى ئۆزىڭىزدە خاتالىق بارمۇ — يوق؟تەكشۈرۈپ بىقىڭ.

◎ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ ، ھازىر ئىلكىڭىزدە بولغانلىرىنى قەدىرلەڭ.ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەڭ ، ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. قولدىن بىرىپ  قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ.

◎پۇرسەت  تەييارلىقى بارلارغا  مەنسۇپ.

◎ھىسىيات  ئەقىلنى ئەمەس  ،ئەقىل ھىسىياتنى باشقۇرشى كىرەك.

◎مەسلىك - نەسلىك ، ئاقىۋىتى —پەسلىك!

◎ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئويلاڭ ،ئىش بەلكىم سىز ئويلىغاندەك  ئۇسال بولماسلىقى  مومكىن ،

◎سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ،سىزنىڭ  خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تىخىمۇ  ھەققىڭىز يوق،ئۇنداقتا يەنە  نىمىشقا ئاچچىقىزنى بېسۋالالمايسز؟

◎ باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاسرىغانلىق.

◎ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى  كۆرگەننى تاللاڭ ،شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ.

◎ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمىشىڭىزگە يۈزلىنىڭ .ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ . ئەڭ كۆپ ئارزۇ پ—ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ.

◎دۇنيادا ئادەمنى  ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى  كۈنلەرنى  بىكارچىلىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.

◎ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ .ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش  —بەلكىم  ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر.  ئېزىپ قېلىش — بەلكىم يىڭى يول ئىزلەشتۇر .

◎خۇشال ئۆتۈشنىڭ سىرى : ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۇن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. باشقىلارنى خاتالىقى ئۈچۈنمۇ ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ .  ھەم شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۇن باشقىلارنى جازالىماڭ .

◎ ئالتۇن  ھامان پارقىرايدۇ.

◎ئەخمەقلەر تېنى ئارقىلق روھىنى باشقۇرىدۇ ،دانالار  روھى ئارقىلىق تېنىنى باشقۇرىدۇ .

◎دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،  بىر ئۆمۈر خۇشال ئۆتىسىز . جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ ،بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتىسىز . كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ ،بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت  ئىچىدە ئۆتىسىز .

◎ تىرىشىپ ئۆگىنىڭ ،بىلىملىك بولىسىز .  تەنقىدتىن قورقماڭ ،غەيرەتلىك بولىسىز . ئويلاپ سۆزلەڭ ،ئىناۋەتلىك بولىسىز.  ھايات يولىدا  بىرسىنى تاللاڭ  ،خاتىرجەم بولىسىز .

◎ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى  ئىشىكنى  يېپىپ مېڭىڭ . (بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۈپ .ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ ).

مەنبە: تاڭ سابا مۇنبىرى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-7-13 13:25:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان ياخشى ھېكمەتلەر ئىكەن. ھارمىغايسىز.
ۋاقتى: 2015-7-13 16:56:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن تىللاغا بەرگۈسىز ھېكمەتلەركەن .
ۋاقتى: 2015-9-10 20:39:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ھىكمەتلەر ئىكەن ،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش