| مەن...... مەن بۇ ھاياتىمدا مۇنداق ئادەمگە قايىل: بىرسى :ياشلىقىنى نامرات ،ئاددى ھەم جاپالىق بولسىمۇ ئۆزى سۆيگەن يىگەىتكە ئاتىيالىغان قىز يەنە بىرسى: پۇل تاپقاندىن كىيىن نامرات ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن ئايرىلماي ئۇنىڭغا ئىلھام،روھى ئوزۇق بېرەلىگەن قىزنى تاشلىماي ئۇنى بەخىتلىك قىلالىغان يىگىت. مۇنداق ئادەمدىن يىراقلىشىمەن: ياخشى ئىش بولسا مەن قىلغان دەپ داۋراڭ سېلىپ قىلغان ئىشىنىڭ نەتىنجىسى ياخشى بولمىسا ،مېنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقەم يوق دەپ سەۋەنلىكنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان ئادەم. مۇنداق ئىككى ئادەمدىن يىرگىنىمەن: ئۆزىنىڭ ئارلىشىۋاتقان ئادىمى تۇرۇپ يەنە باشقىلارغا كۆيدۈم پىشتىم دەپ يۈرىيدىغان ئادەم. مەنپەئەتنى دەپ دوسلۇقنى ساتىدىغان ئادەم. مەن بۇ ئىككى ئادەمگە مەسئۇل بولىمەن: بىرسى:مېنى بۇدۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان كىشى. يەنە بىرسى مەن ۋە مېنى سۆيىدىغان ئادەم. مەن مۇنداق ئىككى ئادەمنى قەدىرلەيمەن: قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چاغدا،دىمىسەممۇ مېنى ئىزدەپ ماڭا ياردەم قىلغان كىشىلەر،چۈنكى بۇلار داۋاملىق ماڭا ئاستىرىتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىۋاتقان كىشىلەردۇر. داۋاملىق مەندىن ئەنسىرەيدىغان ۋە مېنىڭ بەخىتلىك بولۇشۇمنى تىلەيدىغان كىشىلەر.
مەنبە: ئاياللار سالۇنى |
|