| ئوباماغا يېزىلغان خەت
ۋاڭ چىڭگو
ھۆرمەتلىك ئوباما ئەپەندى: يېقىندا بىزنىڭ بۇيەردىكى « شەرق سەھەر گېزىتى » سىلەرنىڭ « ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى » دىن بىرخەۋەرنى كۆچۈرۈپ باستى. خەۋەردە دىيىشىچە، سىز ھەركۈنى پۇقرالاردىن كەلگەن تەكشۇرۈشتىن ئۆتمىگەن 10 پارچە خەتنى كۆردىكەنسىز، بۇ خەتلەرنىڭ يېرىمى سىزنى تەنقىد قىلغان خەتلەرمىش، سىزدەك دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقرى چوڭ دۆلەت زوڭتوڭنىڭ پۇقرالاردىن كەلگەن خەتكە بولغان پوزىتسىيسىگە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، پەقەتلا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. خەۋەردە دىيىلىشىچە،پۇقرالارنىڭ سىزگە ئىنكاس قىلغاننىڭ ھەممىسى ئاساسەن تۇتامغا چىقمايدىغان ئۇششاق ئىشلاركەن، مەسىلەن يىگىتىمنىڭ شىركىتى ۋەيران بولۈپ، ئېغىر قەرىزگە بوغۇلدۇق، ئۆيىمىزنى رەنىگە قويىپ، ئاتا-ئانىمىز بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتىمىز دىگەندەك، ھەتتا ئىشلىرى ئوڭۈشلىق بولمىغان ئىشچى، تىجارىتى ئاقمىغان چىشچى، تام قوپۇرالمىغان قېشچى، زىرائىتى ئوخشىمغان دېھقان، مۇساپىر بوپكەلگەن مېھمان، ئۆيى يوق سەرگەردان، يولدا قالغان تىلەمچى، ھەتتا تاپشۇرۇق ئىشلىيەلمىگەن ئوقۇغۇچى.....ئىشقېلىپ خەت يازالايدىغاننىڭ ھەممىسى سىزگە خەت يازىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىشى يوقمۈ ياكى رەھبەرلىكنى ھۆرمەت قېلىشنى بىلمەمدۇ؟ ئاشۇنداق تۇتامى يوق ئىشلارنى سىزگە ئىنكاس قېلىپ قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئالسا قانداق بولىدۇ؟ سىز تېخى بۇنداق ئەرزىمەس خەتلەرنى ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتمەي ئەكسىچە ئايالىڭىز مىچىلغا يوقۇرى ئاۋازدا ئوقۇپ بىرىدىكەنسىز. بۇنداق ئەرزىمەس خەتلەرنى ئوقۇپ بىزار بولمامسىز؟ خەۋەردە دىيىلىشىچە سىز ھەرقېتىم ئاشۇنداق ئەرزىمەس خەتلەرنى تاشلىۋەتمەي ئەكسىچە كۆپەيتىپ،ئارخىپ بۆلىمگە يوللاپ بېرىپ ساقلايدىكەنسىز. بۇ ئېنىقلا ۋاقىتنى ۋە زېھنى كۇچنى ئىسراپ قىلغانلىققۇ؟ ناۋادا پۇقرالاردىن كەلگەن خەتنى ئارخىپ قىلىپ ساقلايدىغان ئىش بولسا ئاقسارايغا پاتامدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ پۈتۇن زىمىنىغا ئارخىپ ئۆيى سېلىشقا توغرا كەلمەسمۇ؟ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى سىزگە خەت يازغانلارنىڭ يېرىمى سىزنى « يارىماس » دەپ تىللايدىكەن، ھەتتا سىزنىڭ سىياسىتىڭېزنى تەنقىدلەپ،قاراشلىرىڭىزغا قارشى تۇرىدىكەن، ئەجەبا « يارىماس » دېگەنلىكنىڭ ئەخماق دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟. سىز ئەسلىدىنلا پۇقرالار سايلىغان زوڭتوڭ تۇرسىڭىز نېمە ئۈچۈن ئاشۇ پۇقرالار يەنە سىزنى تىللايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن دۆلەت باشلىقىغا ھاقارەت قىلىدۇ؟سىز نېمە ئۈچۈن ساقچىلار ئارقىلىق بۇنداق پۇقرالارنى 10-20 كۇن قاماپ قويۇپ ئەدىبىنى بەرمەيسىز؟ بىزنىڭ بۇيەردە ھىلىغۇ دۆلەت باشلىقى ئىكەن، ئادەتتىكى كەنىت باشلىقىنى بىرەر ئېغىز تىللىغان دىھقاننى ساقچىلار پۇت-قۇلىنى يەرگەتەككۇزمەي،ساقچىخانىغائاپىرىپ ئانامانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىپ، باشلىقنى تىللىغاننىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولدىغېننى ئوبدان بىلدۇرىپ قويىدۇ. لېكىن زوڭتوڭ ئەپەندى سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بەكيۇمشاققەن، سىزنى ھاقارەتلىگەنلەرنىڭ ئەدىبىنى بەرمەكتە يوق ئەكسىچە ئۇلارغا جاۋابخەت يازىدىكەنسىز، بۇ سىزنىڭ ھەقىقەتەن توخۇ يۈرەك ئىكەنلىكىڭىزنى، قول ئاستىڭىزدىكى ساقچىلارنىڭ يارامسىز، باشلىقنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداشنى بىلمەيدىغانلېقىنى چۇشەندۇرىدۇ، سىزنىڭ بۇنداق يارىماس ئارمىيە-ساقچىڭىز تېرۇرلىققا قارشى تۇرىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنىڭ قانداقمۇ ھۆددىسىدىن چىقسۇن؟ ئۇلارنىڭ تاماق قاچىسىنى چەقىۋىتىش كېرەك. ئۇندىن باشقاسىزنىڭ قول ئاستىڭىزدىكى ئىشبىجىرىشنى بىلمەيدىغان ئاقنانچى خىزمەتچىلەرنى ھەيدىۋىتىڭ، دۆلەتنىڭ زوڭتوڭغا يېزىلغان خەتنى بىرمۇبىر ئەستايىدىل تەكشۇرمەي،ئىختىيارى 10 پارچە خەتنى تاللاپ سىزنىڭ كۆرىشىڭېزگە بىرىدىكەن، ئۇلارنىڭ بۇقىلمىشى خىزمەتكە ئەستايىدىل مەسئۇل بولمىغانلىق، شۇنداقلا سىزگە ھۆرمەتسىزلىكقىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ مېنىڭچە « يارىماس » سىز ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى ئىشبىجىرىشنى بىلمەيدىغان نانقېپىلار ئىكەن، ئۇلار سىزگە « ماختاش »، « ئۇلۇغۋارنەتىجە »، « ئۆزلۈكسىز ئېشىۋاتقان سانلىق مەلۇمات » نى ئۇزۈلدۈرمەي دوكلات قېلىشى كىرەك ئىدى، مەسىلەن زوڭتوڭ ئائىلىرىنىڭ تامامەن توغرا، جانابىڭىزنىڭ دەنا رەھبەرلىكىدە ئامېرىكا خەلقى ئىقتىسادىي كىرزىسدىن قوتۇلدى، جانابىڭىزنىڭ دەنارەھبەرلىكىدە تېرورلىق كاتىۋېشى بىنلادىن يوقۇتۇلدى، پۇخرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى يىلسىرى ئاشتى... ۋاھاكازا دىگەندەك، ئەجەبا ئاشۇنداق ماختاپ قويرۇق شىپاڭلىتىشنى بىلمىگەن نانقېپىلارنىڭ كەشىنى توغرىلاش كىرەك. سىز گەرچەچوڭ دۆلەتنىڭ زوڭتوڭى بولسىڭېزمۇ ئوباما ئەپەندى، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ يولىنى ئانچەبىلمەيدىكەنسىز، سىزدىگەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ئادەم،ئادەتتىكى پۇقرانىڭ خەتىگە ئۆزىڭىز جاۋاپبەرگېنىڭىز نىمىسى، بۇنداق ئۇششاق ئىشلارنى كاتىۋىڭىز سىزنىڭ نامىڭىزدا بېجىرىۋەتسە بولىدىغۇ، قارىغاندا ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىرتوپ يارىماسلار ئىكەن، ھەممە ئىشقا سىزنى ئاۋارە قىلسا،سىزقانداقمۇ زېھنىڭىزنى يېغىپ چوڭ ئىشلارنى بىجىرەلەيسىز؟ تېرورلىقنى يوقىتىشتەك چوڭ ئىشنى قانداق ئورۇنلايسىز؟ قانداقمۇ لاياقەتلىك زوڭتوڭ بۇلالايسىز؟ ئاخىردا تەكىتلەيدىغىنىم، سىزنىڭ مەخپىيەتلىك تۇنۇشىڭىز بەكمۇ ناچار ئىكەن، سىزدەكبىر زوڭتوڭغا بىۋاستە خەت يازسا قانداق بولىدۇ؟ بۇنداق ئىشلارغا سىياسىي جەھەتتەئىشەنچلىك كىشىنى مەسئۇل قېلىپ، ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن بىرنى قورسېڭىز ئىشپۇتمەمدۇ، ئەرز ئەيتىپ كەلگەن كىشىلەرگە قورۇق ئېمىزگە سەلىپ يولغا سالسا بولىدۇ،يامىنىغا كەلسە تۇۋەندىكى ھوقۇقدارلارغا « ئەرزخولارنى ئېۋەتسەڭ ھوقۇقىڭنى ئالىمەن دىسىڭىز كىم ئەرىز قىلالايدۇ؟ »، ھېچ بولمىسا ناھەقچىلىققا ئۇچرىغان پۇقرانى قاماپ ياكى بىرنەچچى يىل كېسىۋەتسە ھەرگىز ئەرز قىلمايدىغۇ؟ يەنە تېخى پۇقرالار سىزگەبىۋاستە تىلېفۇن قىلىدىكەن، سىزدەك بىر زوڭتوڭنىڭ تىلېفۇن نۇمۇرىنى پۇقرالار بىلسەقانداق بۇلىدۇ؟ ئەگەر پۇخرالار تىلېفۇندا سىزنى « يارىماس » دىسە، بۇگەپ سىرىتقائاشكارىلىنىپكەتسە سىزنىڭ شانلىق ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتمەمدۇ؟ ئەگەر بىرەر چىرىك ئەمەلدارنى ئاشكارىلاپ قويسا قانداق بولىدۇ؟ سىزنىڭ ئەمەلدارلىرىڭىز پۇل-مالنى چەتئەلگە يۆتكەپ، چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۆتۇپكەتسە قانداق قىلىسىز؟ ناۋادا سىزنىڭ ئەشۇ ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ ئوننەچچە يەردىكى ئېسىل داچىسى ۋە نەچچە ئون مەخپى ئاشنىسى ئاشكارىلانسا قانداق بولىدۇ؟ ھۆكۇمەت پۇلىغا چوڭيەپ-چوڭ ئىچكەنلىكى ئاشكارىلانسا قانداق بولىدۇ؟ سىزنىڭ ئىنتىزام تەكشۇرىش ئورنىڭىز ئاشۇلارنى جازالىيالامدۇ؟ سىزدەك بىر چوڭ زوڭتوڭ پۇقرالارنىڭ ئاھۇزارىغا قولاق سالسىڭىزئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتمەمدۇ؟ سىزگە دېمەكچى بولغان گېپىم بەكمۇ كۆپ ئىدى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە توختىتاي، سىزنىڭ بۇ خەتنى كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن، ئەگەر كۆرسىڭىز،باشقا دۆلەتتىكى ئاددىي پۇقرانىڭ سۇئالىغا قانداق جاۋاب بىرەرسىز! كامالى ئېھتىرامبىلەن جوڭگودىكى ئاددىي بىر پۇقرادىن.
مەنبە: سەئىدىيە مۇنبىرى ( قەلەم قۇۋۋىتى ياخشى تۇيۇلدى، شۇڭا كۆچۈرۈپ قويدۇم)
|
|