ۋاقىتقا جەڭ ئېلان قىلالامسىز؟ گۈلپىزەم تۇرسۇن
ۋاقىت كىشىلەرنى تەشۋىش ۋە چەكسىز خۇشاللىقلارغا چۆمۈلدۈرىدىغان ئاجايىپ بىر نەرسە چۈنكى، دۇنيادىكى ھەرقانچە كۈچلۈك، تەڭداشسىزلارمۇ ۋاقىت تۇلپارىغا مىنىۋالمايدىكەن، ھەرقانچە تىركەشسىمۇ ئۈزۈپ چىقالىشى ناتايىن. بىر دادا بالىسىغا ھېكمەت ئۆگەتمەكچى بولۇپ، بالىسى بىلەن ئون مىنۇتلۇق ئويۇن ئويناپتۇ. ئۇلار ئوخشاش بىر خىل بولغان ئىككى كىتابنى قولغا ئېلىپ، بۇ ئون مىنۇتنى پۈتكۈل ھاياتقا ۋەكىل قىلىپ، شۇ ئون مىنۇت ئىچىدە كىم ئەڭ كۆپ « ئالتۇن » دېگەن سۆزنى تاپالىسا، شۇ يەڭگەن بولسۇن دەپ قائىدە بېكىتىپتۇ. ئويۇن باشلىنىپتۇ. بالىسى خۇشاللىق بىلەن: _ دادا، مەن بىر يەردە تاپتىم. _ ھە ، مەنمۇ تاپتىم، دەپتۇ دادىسى. بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بالىسى: _ مەن سەككىز يەردە تاپتىم دەپتۇ. ئەمدىلا ئۈچ يەردە تاپقان دادىسى ئەپسۇسلانغان ھالدا: مەندىكى كىتابتا بۇ سۆز كەم بېسىلىپ قالدىمۇ نېمە؟ دەپتۇ. بالىسى كۆرەڭلەپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. سەككىز مىنۇت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بالىسى يەنە بىر يەردە تېپىپتۇ، دادىسى يەنىلا تاپالماپتۇ. دادىسى بالىسىدىن: ئوغلۇم جەمئىي توققۇز يەردە تېپىپسەن، ئەگەر بۇلار راست ئالتۇن بولۇپ قالغان بولسا ، سەن نېمىگە ئىشلىتەتتىڭ؟ دەپ سوراپتۇ. بالىسى خۇشاللىق بىلەن : مەن بۇ ئالتۇنلارغا شاكىلات، ۋېلىسپىت سېتىۋالىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئېشىپ قالغان ئالتۇنلىرىمنى سەرپ قىلىپ، فىرانسىيەگە بېرىپ « ئىففىل تۆمۈر مۇنارى » نى كۆرۈپ كېلىمەن دەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا سائەت ئىسترېلكىسى ئاللىبۇرۇن توققۇز مىنۇت 30 سېكۇنت بولۇپ بولغانىكەن. دادىسى بالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بىر ھازا كۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن: بالام، ئارانلا 30 سېكۇنت ۋاقتىڭ قالدى، سەن قاچانلاردا ماگىزىنغا بېرىپ، شاكىلات، ۋېلىسپىت سېتىۋالىسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئاللىبۇرۇن قېرىپ قالدىڭ، مادارىڭ قالمىدى، شاكىلاتقا چىشىڭ ئۆتمەيدۇ، ۋېلىسپىت پېدالىنىمۇ كۈچەپ تېپەلمەيسەن. مۇشۇنداق تۇرۇپ فىرانسىيەگە قانداق بارىسەن؟ سەن ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىمكەن، ئەمدى چۈشەندىڭمۇ؟ دەپتۇ. بالىسى دەرھال باشتىكى ئويۇن قائىدىسىنى ئېسىگە ئېلىپ، بىر ھەقىقەتنى، يەنى ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسىنى، ۋاقىت دۇلدۇلىنىڭ ساقلاپ تۇرمايدىقانلىقىنى چۈشىنىپتۇ. بىز ھەممىمىز دائىم ئەقلىمىزنى ئىشلەتتۇق دېسەكمۇ، ھېسسىياتتىن ئىبارەت توساقتىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە ئامالسىز قالىمىز. شۇڭا بەزىدە ۋاقىتنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ، كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋېتىمىز. كۆڭلىمىزگە ئۇلۇغۋار ئارمانلارنى پۈكسەكمۇ، ئەمەلىيەت بىزگە يول قويمايدۇ. شۇڭا بىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ بوشاڭ ئەمەسلىكىمىزنى ئىسپاتلىيالىساقلا « ۋاقىت » تىن ئىبارەت بۇ ئالىي ھۆكۈمرانغىمۇ بىز ھۆكۈمرانلىق قىلالايمىز. قېنى ئەمىسە ھەممىمىز بىرلىكتە ۋاقىت تىزگىنىنى قولىمىزغا ئالايلى!
مەنبەسى: شىنجاڭ يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرىستېتى گېزىتى |