كۆرۈش: 392|ئىنكاس: 2

قەلب ساداسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەلب ساداسى
ئەختەرگۈل ئىمىن

      دۇنيادىكى سىز ھېس قىلالىغان ھەربىر نەرسىگە ئوخشاش قەلب ساداسىمۇ مۇقەددەستۇر. سادا مەرد-مەردانىلەرنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى. گۈزەل ھاياتنىڭ سىرلارغا تويۇنغان سىمفونىيەسى، ھەقىقەتنىڭ كۈلكىسى، سادا-غەپلەت بۆشۈكىدىن ئويغاتقۇچى. بۇ سادالار بەلكىم يۈرەك ساداسى بولۇشى ۋەياكى دولقۇن ساداسى بولۇشى ۋەياكى يەر-جاھاننى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن ئاجايىپ بىر سادا بولۇشى مۇمكىن. ئىنسان ئىنسانلىق بۇرچىنى ئۆز يۈرەك ساداسى ئارقىلىق ئىزھار قىلىدۇ. خۇشاللىق ياكى غەزەپ سەۋەبىدىن ئىنسان قەلبىدىن چىققان سادا كىشى قەلبىنى تىترىتىپ ئۆزىڭىزمۇ بىلىپ بولمايدىغان ھېسلارنىڭ شاھىتىغا ئايلاندۇرىدۇ ھەم شۇنداقلا ئىزدەنگۈچىلەرگە يول ئېچىپ ئۇلارنىڭ قەددىنى كۆتۈرىدۇ. مېھىر-شەپقەت، گۈل-چېچەكلەرنى يامغۇردەك ياغدۇرۇپ،ئەقىدە قەسىمىنى نۇرلاندۇرۇپ، كۆڭۈل ئالىمىنى مۇھەببەتكە تولدۇرىدۇ.
      مەن قەلبىمدىكى ئاجايىپ ھېسلارغا تولغان، دولقۇن كەبى كۈۋەجەۋاتقان يۈرەك رىتىملىرىم بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرغان سادالىرىمنى قولۇمدىكى مېنىڭ ئىختىيارىمغا باققان شۇ قەلەملەر بىلەن ئاپئاق بەتلەرگە سىڭدۈردۈم. بۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگىنى مېنىڭ شۇنداق بىر ھېسسىياتىم، يەنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر نەرسە مېھىر-مۇھەببەت ئىدى. مەن بۇلارنى پەقەتلا ئۆز ھېسسىياتىم بويىچە ئىپادىلىدىم. چۈنكى مەن قولۇمدا قەلەم تۇتقان روھسىزلارغا روھ، ئىلگىرىلەۋاتقانلارغا مەدەت ئاتا قىلىشنى ئويلايدىغان ئاددىي بىر قەلەمكەش.
     مەن ئۈنچە قۇرلارغا كۆز تاشلىغىنىمدا ئاجايىپ ھېسلارغا تولىمەن. چۈنكى مەن باھاردىكى ئەنە شۇ كۈيچى بۇلبۇلنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدەك، شۇنداق بىر تاتلىق ئاۋازدا ھارغىنلارغا بىردەملىك بولسىمۇ ئارامبەخشلىك ئاتا قىلىشنى، ئاشۇ قەلەمكەشلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى دولقۇن ساداسى ئارقىلىق تارقىتىشنى دەممۇ دەم ئەسكە ئېلىپ تۇرىدىغان بىر ئاددىي دىكتور.
شۇنداق. ئۆزىنى ئەنە شۇنداق ئاددىي دەپ ھېسابلايدىغان بۇ مۇخبىر، دىكتورلار شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ رادىئو ئۇزېلىدىكى مەكتەپ تەشۋىقات خىزمىتىگە ياردەملىشىۋاتقان ئاددىي ئەزالار. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى مەكتەپ ھويلىسىدىن ئالغان تۇرمۇش كارتىنىسىنى قولايلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىزمەت ئۆيىدە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. مەكتەپ ئىچىدە بولۇۋاتقان ھەرخىل پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى، ھەرخىل ئەدەبىي مەزمۇنلار ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى ۋە جاراڭلىق ئاۋازى ئارقىلىق مەكتەپ ھويلىسىدا بىر ياڭراق سادا بولۇپ تارايدۇ.
       تاڭ سەھەر، تاڭ قۇياشى سېخىي نۇرلىرىنى تۆكۈپ يېڭى بىر سەھەرنىڭ، يېڭىچە بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. قاياقتىندۇر شۇنداق بىر سادانىڭ ئىسكەنجىسىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. سەھەردە ئويغانغان قۇشلارمۇ ئۆزىنىڭ ياڭراق ناۋالىرى بىلەن ئىناقلىق، گۈزەللىك مۇجەسسەملەنگەن مەكتەپ ھويلىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، يېقىملىق كۈيلىرىنى ياڭراتماقتا ئىدى. گەرچە بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ،بىراق زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇلىرىم ئۆز ۋەزىپەمنى ئادا قىلىشقا ئۈندىمەكتە ئىدى. مەن ئالدىراشلىق ئىلكىدە ياتاقتىن چىقتىم-دە مېنى چاقىرىۋاتقان يېڭىلىقلار تۈرتكىسىدە مەنزىل تامان يول ئالدىم. چۈنكى كۆز ئالدىمدىكى يېڭى-يېڭى خەۋەرلەر مەندەك بىر كىچىك مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.
    بىر كۈنلۈك دەرىسىم ئاخىرلاشتى. ھېچ بىلمەيمەن. يۈرەكلىرىم تېنىمسىز تېپچەكلەيتتى. نېمىگە؟...ھە ئەسلى... مەن ئۆز ئىختىيارىمنى پۇتلىرىمغا تاپشۇردۇم. پۇتلىرىم ئالدىراۋاتقان جاي دەل مېنىڭ ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىش قىلىدىغان، دەرس ئاڭلايدىغان سىنىپىمدىن باشقا ئىككىنچى بىر مېنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدىغان، خۇددى تارتىش كۈچى ناھايىتى زور بولغان ماگنىتتەك مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىغان، خۇددى بىر ئائىلىدىكى قان-قېرىنداش، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللاردەك ئىللىقلىق، مېھىر-مۇھەببەت بېرىدىغان گۈلخاندەك ھارارەتلىك رادىئو ئۇزېلى ئىكەن ئەمەسمۇ! مەن چەبدەسلىك بىلەن خىزمەت ئۆيىگە كىردىم. ئاڭلىتىش ماتىرياللىرىنى قولۇمغا ئېلىپ مىكروفون ئالدىغا كەلدىم،چۈنكى مەن ئاددىي بىر دىكتور.
      مېنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىمنى قانداق تەسۋىرلەشنى راستىنلا بىلەلمەيۋاتىمەن. كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىكىدىن، ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ چوڭقۇر خىياللار ئىلكىدە...ئاڭلىدىم. شۇنداق بىر جاراڭلىق سادا، مەن بىر خىل مەستخۇشلۇق ئىلكىدە دېققىتىمنى ئاغدۇردۇم. كۆڭلۈم باشقىچە بولدى. ھەقىقەتەنمۇ...مانابۇ دولقۇن ساداسى يۈرەكلىرىمنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كىرىپ مېنىڭ چىگىش خىياللار ئىسكەنجىسىدىكى روھىمنى ئويغاتتى.
     ئاڭلىدىم، «ئەي دوستۇم، چېگىش خىياللار ئىلكىدىن ئويغىنىپ، ئەتراپىڭغا قارىغىنە! بارچە مەۋجۇداتلىق سېنىڭ جانلىقلىق بىلەن ھەرىكەتكە ئىنتىلىشىڭنى كۈتۈۋاتىدۇ.» مانا بۇ سادا يۈرىكىمنى تېپچەكلەتتى. راستكەن ئەمەسمۇ، دۇنيادىكى سىز ھېس قىلالىغان ھەربىر مۇقەددەس نەرسىگە ئوخشاش قەلب ساداسىمۇ مۇقەددەس ئىكەن.



مەنبەسى: شىنجاڭ يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرىستېتى گېزىتى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-9-19 21:39:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بودەك سىڭلىم ئۇزۇندىن بۇيان قىلىشنى ئويلاۋاتقان ئىشىڭىزنى ئاخىرى باشلاپسىز. بارىكاللا! ئىشلىرىڭىزغا ئۇڭۇشلۇق تېلەيمەن! بايقاش ئەھلىگە نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ۋە مەكتەپ گېزىتلىرىنى داۋاملىق سونۇپ تورىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-20 00:01:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت، بۇ مەۋسۇم دەرىسلەر ئىلگىرىكىدىن ئارىسال، تېخىمۇ كۆپ پىلانلىرىم بار،ئىمكان بار بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرىمەن... سىلەرمۇ ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش