مېھىر-مۇھەببەت گۈزەلنۇر سادىق
ھەركۈنى سەھەردە تاكى ئاپام كىرىپ ئويغاتمىغۇچە قوپماي يېتىۋالاتتىم.بۇ مېنىڭ كۈندىلىك ئادەتلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. ئاپام كىرىپ مېنى ئەركىلىتىپ ئۇرنۇمدىن تۇرغۇزاتتى. مەن ئاپامنىڭ قۇچىقىدا ئەركىلىگىنىمچە ئۇنى تېلىققىچە كۈلدۈرەتتىم. ئاپام چىقىپ كەتكەندە بولسا يەنە قايتا يېتىۋالاتتىم-دە بىر ھازاغىچە ئۇخلايتتىم. خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ھويلىغا چىققىنىمدا ھويلىدا نېمىدۇر بىر ئىشلار بىلەن بەند بولۇۋاتقان دادام: _ شەيتانچاق،( دادام مېنى شۇنداق چاقىراتتى ) ئەمدى تۇردۇڭمۇ؟ قارا كالا-قويلارمۇ ئاللىقاچان... _ دادا،ئۆگزىدىكى نېمە ئۇ؟ مەن شۇنداق دەپ دادام ئۆگزىگە قاراپ بولغۇچە غىپلا قىلىپ تىكىۋېتەتتىم. دادام ئۆگزىگە قاراپ ھېچنېمىنى كۆرەلمىگەندىن كېيىن: _ نېمىنى دەيسەن، مەن ھېچنىمىنى كۆرەلمەي قالدىمغۇ!؟... مەن ئاشخانا ئۆيدە تۇرۇپ ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈۋېتەتتىم. _ ۋۇ شەيتان، يەنە دوپپامغا جىگدە ساپتۇ ئەمەسمۇ... * * * مەن خۇشال، غەمسىز ئىدىم. كۈنلىرىم مەنىلىك ئۆتەتتى. لېكىن تۇرمۇش يولى ھەقىقەتەنمۇ تۈپتۈز بولمايدىكەن. ئەمدىلا تۇلۇقسىز 1- يىللىققا قەدەم قويغىنىمدا ھاياتىمدا تۇيۇقسىز دەھشەتلىك كەلكۈن پەيدا بولۇپ مېنى ئۆزىنىڭ رەھىمسىز قايناملىرىدا پىرقىرىتىشقا باشلىدى. بۈگۈن مەن ئىلگىرىكىدەكلا مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم. مەكتەپ بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى يېرىم سائەتلىك يول ئىدى. غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ مەكتەپكە يېتىپ كەلگىنىمنى سەزمەيلا قاپتىمەن. لېكىن سىنىپقا كىرىپلا شۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىمكى ئورنۇمنى تېپىپ ئولتۇرالمىغىلى تاس قالدىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلىپلا قالغانىدى. « نېمە ئىش بولغاندۇ؟ مەن كېچىكىپ قالغان ئوخشايمەن. شۇڭا ئۇلار ھەيران قېلىشقاندۇ »، مەن شۇنداق ئويلاپ پارتىدىشىم رازىيەدىن سورىدىم: _ نېمە ئىش بولدى، يۈزۈمدە بىرەر نەرسە بارمىكەن يا. _ يا...ياقەي، مۇنداقلا _ دېدى ئۇ دۇدۇقلاپ، مەن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدىم. قىستاپ سوراۋەرگەندىن كېيىن ئۇ ئاخىر ئېغىز ئاچتى. ئاڭلىساق ئاتا-ئاناڭ سېنى بېقىۋاپتىكەن، شۇنداق تۇرۇپ يەنە شۇنداق ياخشى.... _ نېمە؟ _ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، _ كىم شۇنداق دەيدۇ؟ _ ئەتىگەن ئاينۇر شۇنداق دەيدۇ. جۆيلىمە! _ قاتتىق ۋارقىرىدىم-دە سىنىپتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتىم. كۆز ياشلىرىم ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. قەلب ئېكرانىمدا ئىككى گۈلقىز پەيدا بولاتتى. بىرى « سەن ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمە، نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن » دېسە، يەنە بىرى « ياق، بۇ چوقۇم راست، ئىلگىرى مەھەللەڭدىكى كىشىلەرمۇ ساڭا غەيرى قاراشقانىدىغۇ » دەيتتى. مەن يۈگۈرگىنىمچە ئۆيگە يېتىپ كەلدىم. ئاپام مېنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. _ نېمە بولدۇڭ قىزىم، مەكتەپتىن بالدۇرلا قايتىپ كەپسەنغۇ؟ _ ئاپا، مەن سىلەرنىڭ ئۆز قىزىڭلارمۇ؟ _ نېمە؟... ئاپامنىڭ چىرايى تى بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان تۈسكە كىرگەنىدى. _ جېنىم ئاپا، راست گەپ قىلىڭچۇ! مەن چىدىمىدىم. ئاپام كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ مېنى باغرىغا مەھكەم باستى. _ جېنىم قىزىم، _ دېدى ئاپام يىغا ئارىلاش ئاۋازدا ،_ ئەسلى بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا دېيىشىم كېرەك ئىدى، ھەم ئۇ مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم ئىدى. قىزىم ، بۈگۈن ساڭا سۆزلەپ بېرەي. داداڭ بىلەن توي قىلىپ بەش يىل بولغان بولسىمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمىدۇق. داداڭ بۇ ئىشلارنى باھانە قىلىپ دائىم مەن بىلەن سوقۇشاتتى. مەن مۇشۇنداق چاغلاردا ماڭا سىرداش بولىدىغان بالامنىڭ بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم. شۇ كۈنلەردە چوڭ ئاپاڭ ( دادامنىڭ ئاچىسىنى دېمەكچى ) مېنى شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. بۇ چاغدا بىر سېسترا قىز ماڭا دوختۇرخانىدا بىر قىز بوۋاقنىڭ بارلىقىنى، تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر ھەپتە بولغانلىقىنى، لېكىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ بوۋاقنى تاشلىۋېتىپ كېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ سۆز مېنىڭ ئاللىقاچان ئۈمىد نۇرى نۇرى ئۆچكەن قەلبىمگە ئۈمىد نۇرى ئېلىپ كەلدى. چۈنكى دوختۇرلار ماڭا مېنى داۋالاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بىر ئۆمۈر بالىلىق بولالمايدىغانلىقىمنى ئېيتقانىدى، شۇڭا مەن ئىككىلەنمەيلا ئۇ بوۋاقنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم. ئۇ دەل سەن قىزىم. داداڭنىڭ سېنى كۆرۈپ قانچىلىك خۇش بولۇپ كەتكەنلىكىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. كىچىكىڭدە ئانا سۈتى بولمىغاچقا تولىمۇ ئاجىز ئىدىڭ، دائىم ئاغرىپ قالاتتىڭ. داداڭ قانچە قېتىم يىغلاپ كەتكەنىدى... _ بولدى سۆزلىمەڭ جېنىم ئاپا، مەن سورىمىغان بولاي، ماقۇلمۇ؟ مەن مەڭگۈ سىزنىڭ ئۆز قىزىڭىز جىنىم ئاپا. _ جېنىم قىزىم، يۈرەك پارەم، _ ئاپام كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. * * * مەن كۆپ ئويلاندىم. نېمە دەپ دادام بىلەن ئاپامنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلغۇدەكمەن. تۇغۇلۇشۇمدىنلا مېنى تاشلىۋەتكەن ، ھەتتا مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان، ئاشۇ ناتونۇش ، رەزىل كىشىلەر ئۈچۈنمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئڭۇنداق قىلالمايمەن . چۈنكى مەندە مېھىر-مۇھەببەتلىك يۈرەك بار ... مەن دادام بىلەن ئاپامنىڭ بىر جۈپ مېھىر-مۇھەببەتلىك يۈرىكىنىڭ ھىمايىسىدە ئۇلارنىڭ قوللىرىغا مەھكەم ئېسىلغىنىمچە پارلاق مەنزىلگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم . |