كۆرۈش: 509|ئىنكاس: 4

شىنجاڭ يىزائىگىلىك ئۇنىۋېرىسىتېتى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەكتەپنىڭ قىشقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

   



       شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قۇرىدىغان ، كۆپ ئىلىملىك يېزا ئىگلىك ئالىي مەكتىپى . مەكتەپنىڭ ئەسلى نامى « شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگلىك ئىنىستىتۇتى » بولۇپ ، ماۋجۇشى ۋە جۇزوڭلىنىڭ غەمخورلۇقىدا 1952-يىلى 8-ئايدا گېنېرال ۋاڭ جېن ئەسلىدىكى خەلق ئازاتلق ئارمىيىسى ئىككىنچى پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپى ئاساسىدا قۇرغان . 1995-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ، مەكتەپ نامى شىنجاڭ يېزا ئىگلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن . مەكتىپىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلىك تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتۈپ ، تىرىشىپ ئىگلىك تىكلەپ ، كۈنسېرى ئىلگىرىلەپ كەلدى . ھازىر مەكتىپىمىز تەرەققىي قىلىپ ، تولۇق كۇرس مائارىپىنى ئاساس قىلغان ھالدا ، پوست دوكتور پەن-تەتقىقات كۆچمە پونكىتى، دوكتور ئاسپىرانت مائارىپى، ئۈزلۈكسىز مائارىپى، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار مائارىپى قاتارلىق كۆپ قاتلام ۋە كۆپ ئۆلچەملىك ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.
       ھازىر مەكتىپىمىزدە تۈرلۈك قاتلامدىكى ئوقۇغۇچىلار 22000 نەپەرگە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى 18000 نەپەر، دوكتور ۋە ماگىستېر ئاسپرانتلار 2000 نەپەردىن ئاشىدۇ. مەكتىپىزدە 1613 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى – خىزمەتچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 892 نەپەر، دوكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 122 نەپەر، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 499 نەپەر، ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە پىروفىسسور 107 نەپەر، دوتسېنت 296 نەپەر، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىلىنىدىغان مۇتەخەسسىس 41 نەپەر، دۆلەتنىڭ « مىليونلىغان ئىقتىساسلىقلار پىلانى » غا كىرگەنلەر ئىككى نەپەر، مائارىپ مىنىسترلىقىنىڭ « يېڭى ئەسىر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى » غا كىرگەنلەر 2 نەپەر، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئالىي مۇتەخەسسىس خادىملىرى6 نەپەر، دۆلەتلىك ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا سىستېمىسى ئالىمى 2 نەپەر، مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك ئوقۇتقۇچى ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى 10 نەپەر، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك كوممۇتىتى ئەزاسى 4 نەپەر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئالاھىدە تۆھپە ياراتقۇچى مۇتەخەسسىس 12 نەپەر، ئاپتونوم رايون بويىچە داڭلىق ئوقۇتقۇچى 8 نەپەر بار. مەكتىپىمىزدە 16 ئىنىستىتوت ۋە ئىككى ئوقۇتۇش بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پەن تۈرلىرىدىن يېزا ئىگىلىك ئىلمى، تەبىئى پەن ئىلمى، سانائەت ئىلمى، ئىقتىساد ئىلمى، باشقۇرۇش ئىلمى، ئىجتىمائىي پەن ئىلمى، قانۇن ئىلمى قاتارلىق 8 خىل ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەكتىپىمىزدە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەندىن ئوتچىلىق ئىلمى، دۆلەت دەرىجىلىك نوقتىلىق پەن ( يېتىشتۈرۈش تۈرى ) دىن بىرى، مىنىستېر ۋە كوممىتېت دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەندىن بىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ كېۋەز قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى بار. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق پەندىن 11 ى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق پەن ( يېتىشتۈرۈش تۈرى ) دىن بىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 2 سى بار. پوست دوكتور پەن-تەتقىقات كۆچمە پونكىتىدىن 5ى، دوكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنىۋانى بېرىش نۇقتىسىدىن 6سى، ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنىۋانى بېرىش نۇقتىسىدىن 72 سى، كەسپى ئۇنۋان بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنىۋانى بېرىش نوقتىسىدىن 4ى ، ئاگرو تېخنىكىنى كېڭەيتىش بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنىۋانى بېرىش نۇقتىسىدىن 12سى، تولۇق كۇرس كەسىپلىرىدىن 57سى تەسىس قىلىنغان. ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش مەركىزىدىن بىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش مەركىزىدىن 7سى قۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىقتىساسلىق خادىملار كەمچىل بولغان كەسىپتىن 11ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش كوللېكتىپىدىن 7سى بار، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتى 9 تۈرگە يەتتى.
       مەكتەپ قوروسىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 1500 مو بولۇپ، مەكتەپ قوروسىنىڭ مۇھىتى ناھايىتى گۈزەل. مەكتەپ بىناسى ئومۇمى كۆلىمى 418 مىڭ كۋادرات مېتىر، بۇنىڭدىن باشقا كۆلىمى 4600 گېكتار كېلىدىغان ئورمانچىلىق پىراكتىكا مەيدانى، كۆلىمى 260 گېكتار كېلىدىغان دېھقانچىلىق تەجرىبە مەيدانى بار، يەنە مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشلەپچىقىرىش پراكتىكا بازىلىرىدىن 178ى بار. مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاپلار 1 مىليون 400 مىڭ پارچىغا يېتىدۇ. مەكتەپنىڭ ئومۇمى مۇقىم مۈلكى بىر مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئەسۋابلىرىنىڭ ئومۇمى قىممىتى 1 مىليون 690 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. « 10-بەش يىللىق پىلان » دىن بۇيان مەكتىپىمىز 43 تۈردە ئۆلكە، مىنىستېر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مەكتىپىمىز ئۈستىگە ئالغان تەتقىقات تېمىلىرى ئىچىدە تۆت تۈردە مەملىكەتلىك 2- دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا، بىر تۈردە ئاپتونوم رايون بويىچە پەن- تېخنىكا تەرەققىيات ئالاھىدە مۇكاپاتىغا، بەش تۈردە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 19 تۈردە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 14 تۈردە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. « 11-بەش يىللىق پىلان » مەزگىلىدە مەكتەپ تۇنجى بولۇپ دۆلەت پەن-تېخنىكا ياردەم تېمىسىدىن ئىككى تۈرگە رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىدى.
       مەكتىپىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، ياپونىيە، فىنلاندىيە، ئاۋسترالىيە، روسىيە قاتارلىق ئوننەچچە دۆلەتنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتىپى ۋە ئىلمى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورناتتى.
       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتىپىمىز مەملىكەت بويىچە « 1-ماي ئەمگەك تەقدىرنامىسى » گە، مەملىكەت بويىچە « ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيىۋى-سىياسى تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن » دېگەن شەرەپكە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش خىزمىتى سەۋىيىسىنى باھالاشتا « ئەلا » دېگەن شەرەپكە، مەملىكەت بويىچە « مىللى مائارىپ خىزمىتىدە ئىلغار كوللېكتىپ » دېگەن شەرەپكە، مەملىكەت بويىچە «مەكتەپ خىزمىتىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشتا ئىلغار كوللېكتىپ » دېگەن شەرەپكە، مەملىكەت بويىچە « ئاياللار مەدەنىي ئىش ئورنى » دېگەن شەرەپكە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك « مەدەنىي ئورۇن » دېگەن شەرەپكە، ئاپتونوم رايون بويىچە « شىنجاڭنى ئېچىش-گۈللەندۈرۈش تەقدىرنامىسى » گە، ئاپتونوم رايون بويىچە « ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئىدىيىۋى-سىياسى تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن » دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. ئۇدا 17 يىل مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدە « ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش » ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالاندى.
      مەكتىپىمىز ئۈزلۈكسىز تۈردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيىۋى-سىياسى تەربىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، « بىرىنچى ئوقۇش يىلى ھەربىي مەشىق ۋە يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئىككىنچى ئوقۇش يىلى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ئەمگەك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئۈچىنچى ئوقۇش يىلى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، تۆتىنچى ئوقۇش يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش تەربىيىسى ئىلىپ بېرىش » دىن ئىبارەت مەكتىپىمىز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۆت يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدىغان ئىدىيىۋى-سىياسى تەربىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ئوقۇتۇش خىزمىتىدە بىر سىنىپتا بىردىن ئوقۇتۇش پىلانى بولۇش، بىر سىنىپتا بىردىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇش، مۇنەۋۋەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تاللاپ چىقىپ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى جېجياڭ ئۇنىۋېرىسىتېتى قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا زىيارەتكە ۋە ئوقۇشقا ئەۋەتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.
      كەلگۈسىدە ، مەكتىپىمىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ ، « يېزا، يېزا ئېگىلىكى، دېھقانلار » لارغا يۈزلىنىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ ، يېزا ئىگىلىك ئىلمىنى ئالاھىدىلىك ، ئەبىئىي پەن ئىلمىنى ئاساسى ئىلىم ساھەسى، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەنلەرنى ئاساسىي تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىپ، تولۇق كۇرس مائارىپىنى ئاساس قىلغان، ئۇنىۋېرىسال كۈچى غەربىي شىمالدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئامانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى تۆھپىلەرنى قوشقۇسى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-9-23 10:37:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يىزائىگىلىك ئۇنىۋېرىسىتېتى ئۇيغۇر ئاتونۇم رايۇنىمىزدىكى داڭلىق  ئۇنىۋېرىسىتېتىلارنىڭ بىرى، تۈركۈملەپ ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەپ ريۇنىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زورايتىشتىكى مەرىپەت بازىسى. بۇ ماتىرىيالىڭىز ئارقىلىق شىنجاڭ يىزائىگىلىك ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلى بىلىۋالدىم.  رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2013-9-23 18:30:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ مەكتەپتە ئۇقۇمىغان بولساممۇ تارىخىنى تۇلۇق بىلىۋالدىم رەخمەت سىزگە بوردەك
ۋاقتى: 2013-9-24 03:17:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىم بۆشۇكى: ئىقتىساسلىقلارنىڭ مەنبەسى بولغان شىنجاڭ يىزا ئىگلىك ئۇنۋىرسىتىنى تونۇشتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت،
كۆز ئالدىمدا گۇھەرلەر تولا،
تونومىغاچقا ئىزدەيمەن تولا.
دەيدۇ خەلقىم دائىم شۇڭلاشقا،
بىلىملىك يۇرىت جەننەتتەك بولا.
ۋاقتى: 2013-9-24 23:08:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز مەنمۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ئىدىم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش