كۆرۈش: 300|ئىنكاس: 0

رەڭلەنگەن دۇنيا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
رەڭلەنگەن دۇنيا
نۇرانەم مامۇت

       ئالتۇن رەڭ _ كۆز ئالدىم خۇددى يالتىراپ تۇرغان ئاشۇ ساپسېرىق ئالتۇندىن رەڭ ئالغاندەك. جىسمىنى ئوراپ تۇرغان ئاشۇ گۈزەل مەنزىرە، خۇددى رەسسام قولىدىكى ھەرخىل رەڭلەردىن بويىلىپ ماھىرلىق بىلەن سىزىپ چىققان، كىشى بىر قارىشى بىلەن كۆز قارىچۇقلىرىنى قىش پەسلىدە مۇز بولغان سۈزۈك شارچىلاردەك قاتۇرغان، قەلبلەرنى غايىۋىلىككە باشلىغۇچى بىر پارچە سۈرەتتەك.
     قەدىمىم ئاستىدىن كېلىۋاتقان بىر خىل يېقىملىق شىۋىرلاش، خۇددى مەيىن شاماللارنىڭ چاچلىرىمنى سىلاپ، يۈزلىرىمگە سۆيۈپ قويۇپ، قۇلاقلىرىمغا مۇڭلۇق شىۋىرلاشلىرىدەك.
    قاچانلارغىچە شۇنداق بىر ئىزىمدا سېزىمىمنى يوقىتىپ تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن. پۇتلىرىم خۇددى شۇ جايغا مىخلىنىپ قالغاندەك. تۇيۇقسىز قۇلىقىمغا يېقىملىق شىۋىرلاش ئەمەس، بىر خىل ئېچىنىشلىق ئىڭرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىختىيارسىز ئەتراپىمغا قارىدىم. بۇ ئاۋاز زادى نەدىن كېلىۋاتىدۇ؟ كۆزلىرىم توختىماي ئىزدەيتتى. تۇيغۇمغا بۇ ئاۋاز خۇددى يەرنىڭ قات-قاتلىرىدىن ئاڭلانغاندەك بىلىندى. كۆزلىرىم دەرھال يەرگە يۆتكەلدى. قەدىمىم ئاستىمۇ ئاشۇ ئالتۇن رەڭ. مەن قەدىمىمنى يۆتكىدىم، لېكىن يەنىلا شۇ ئېچىنىشلىق ئىڭراش...
    ئالدىراپ ئالدىمغا يەنە نەچچە قەدەم يۆتكىلىپ كەتتىم. يەنە شۇنداق سادا كېلىۋاتىدىغۇ؟ خۇددى ئوت يالقۇنى ئىچىدە كۆيۈۋاتقاندەك. پۇتلىرىمنى جۈپلەپ جايىمدىلا تۇرۇپ كەتتىم. يەرگە قاراۋاتىمەن، نېمىلەرنىدۇر ئىزدەۋاتىمەن. بىر چاغلاردا ئىزدەپ-ئىزدەپ بىر جايدا قېتىپ قالغان كۆز قارچۇقلىرىم تۇمان پەردىلىرى ئىچىدە گۇڭگىلىق ئەكس ئېتىۋاتقان دەقىقىدە تۇيۇقسىز تارقالغان نۇردىن يۇغارغاندەك چاقناپ ئۆزىنى تاپتى. چۈنكى شۇ دەقىقىدە مەيىن شاماللارغا ئەگىشىپ كۆك قەھرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان بىر تال يوپۇرماق قۇلىقىم تۈۋىدە توختاپ يېنىك شىۋىرلىماقتا ئىدى :« ھەي، ئىنسان! ھېسلىرىڭ ئىشىكىنى چىكىپ تۇيغۇلىرىڭ قوينىغا شۇڭغۇپ باق! قۇلىقىڭنى يۈرىكىڭگە يېقىپ ئۇنىڭ شىۋىرلاشلىرىغا قۇلاق سال! ».
      مەن قەلب قەسىرىمنىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ، دىلىم ئەينىكىگە يېقىن بېرىپ سىنچىلاپ قارىدىم. يۈرىكىمنىڭ مۇڭلىرىغا قۇلاق سالدىم.
     « توۋا ! » دەپ ھەيرانلىق ئىلكىدە تىكىلىپ قارىدىم. تەبىئەت ئۆز قولى بىلەن ئالتۇن رەڭ بېرىپ گۈزەل بىر پارچە سۈپەتنى سىزىپ چىقىۋاتاتتى. زېمىن يۈزىنى سۆيۈپ چۈشۈۋاتقان ئالتۇن ياپراقلار، سانسىز قەدەملەر ئاستىدا ۋاقىتسىز چەيلەنگەن خازانى بولغىنى ئۈچۈن ئىڭراپ ئېچىنىشلىق نىدا قىلماقتا. قاراۋاتىمەن، كۆز ئالدىم، ئەتراپىم ھەممە يەر يەنىلا ساپسېرىق ئالتۇن رەڭ. ئاجايىپ بىر دۇنيا، ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ، رەڭلەنگەن دۇنيا.



مەنبە: شىنجاڭ يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش