بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بودەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-29 04:02
تاشلىۋەتتىڭ گىرافىكىڭدىن، سەۋەبىنى بىلمىدىم پەقەت. كوردىناتنى بەرمىدىڭ ئەسلا، دىللىرىمدا قالدۇرۇپ ھەسرەت.
تۇراقلىقىڭ مەۋھۇمكەن بىلدىم، چىرايلىقىڭ ئەسقاتماس ئەمدى. كەتسەڭ كەتكىن ئايرىلىپ مەندىن، مەنمۇ سەنسىز يۈرمەسمەن بەلكى.
خەير، كەتسەڭ پۇشايمان قىلما، ئەڭ چوڭ قىممەت ئالالماي قالساڭ. بەخت تىلەپ يۈرمەيمەن ئەمما، ئوڭ تاناسىپ ئەبلەخنى تاپساڭ.
سەن توپلامغا خىلاپلىق قىلدىڭ، چەكلىكلىكىڭ بولالماس چەكسىز. مۇقىم ھالەت ئۆزگىرىپ كەتتى، ئېھتىماللىق يۈز بەرمەس ھەرگىز.
تۆت نۇقتىغا بارمايدۇ قەتئى، راسىيوسقا ئايلانغان پۇتۇم. ئۈچيۈز ئاتمىش بولمايدۇ مەڭگۈ، يۈز سەكسەنلىك گرادۇسلىرىم.
ئىگە - چاقىسىز قالدىغۇ دېمە، ئەگرى سىزىق بولسىمۇ يۇۋاش. تاشلىدىم دەپ كۆرەڭلەپ كەتمە، ئەڭ مۇھىمى تاشلىشىپ ياشاش.
قىيناش ۋىكتور ئىدىم ئەتراپلىرىڭدا، لىمىتلىنىپ جىم بولۇپ كەتتىم. ئىشلەتتىڭمۇ سىممىتىرىك ئوقنى، بىر يۈرەكنى پارچىلاپ بەردىم.
ئىككى يىلدىن ئاشتى يىراقلاش، بەكمۇ دەھشەت ئۈچىنچى چارەك. كۆپ كۆرۈلۈپ كەلگەندە تۆ تكە، يېشىل رەقەم يوقالدى مەندەك.
ئىسپاتلاشقا ئۈلگىرەلمىدىم، لېكىن بەشنى تەكشۈرۈپ بولدۇم. قىزىق ئىش بۇ تۈز سىزىق تۇرۇپ، سان ئوقىدا ھەسرەتكە تولدۇم.
دىسكىرمىنات بولغانتى ئالتە، يېشەلمىدىم قايتىلاپ كۈچەپ. جاۋابىمۇ چىقاي دېگەندە، نە سەۋەپكىن ئايرىلدۇق ئەجەب.
سەككىز ئەمدى تەۋرەنمەس قىلچە، چۈنكى ئۈزۈك ئىپادە كەلدى. يەتتىسىنى يوقاتقان ھايات، قارمۇ - قارشى ئايرىلىش بەردى.
يىراقلاش مەن سۆيگۈڭدىن يىراقلاپ كەتتىم، تىرناق سىرتى تاللىشىم مېنىڭ. مەخرەجلىرىم نۆلگە تەڭ ھامان، ئازاد ئەزا ئەزەلدىن خەقنىڭ.
ئېكىس ئەمەس سېنىڭكى ئەمدى، سۆيۈشلەردە يۈرەكلىك تاللاپ. مەن دىللارغا پۈكۈلگەن بىرلىك، تاپالمىغان ھېچكىممۇ ئويلاپ.
ھەقىقىي سان دېمىگىن مېنى، مەن پەقەتلا ئېنىقسىز يۈرەي. دەرىجەممۇ ئاشمىغان بىردىن، ئىككى ئۈچۈن ئارمانلار سۈرەي.
ئالامەتنى يوقاتتىم بۈگۈن، يىلتىز ئىچى قالدۇقسىز قالدى. تەڭلىمەمنىڭ بىر يىلتىزى يوق، يىگىرمىگە تەۋرەنمەس بولدى.
بوشلۇقلارشا بولمايمەن تەۋە، تەكشىلىككە سايىسىز ماڭدىم. ئۇچراشمايمەن ھەگىز سەن بىلەن، مەن دائىرە، ئورنۇمنى تاپتىم.
فورمىلاسىز يۈرۈيمەن تەنھا، تىئورماڭغا چۈشمەيمەن ئەمدى. ھاسىللاپمۇ يۈرمىگىن قايتا، مەن سۆيگۈڭنىڭ تاشقى مەركىزى.
ئاخىرلىشىش بەك ئازاپكەن يىگانە ياشاش، ئايرىلىشنى كۆرسەكمۇ راۋا. قىممىتىنى يوقىتار ئەركەك، باش نۇقتىدىن ئايرىلىپ قالسا.
بۆلۈش ئازاب، مەقسەتلەر قوشۇش، ئەمما يامان، ھەممىدىن ئېلىش. كۆپەيتىشتە ھېسابلاپ باقتىم، مۇھەببەتنىڭ «غەلبىسى» قېلىش.
ياخشى كۆرۈش ئىنتىرۋالسىز يۈز، ئايرىلىش ئۇ - كۆرۈنمەس بىرلىك. ئاشىق دېگەن ھەجىمسىز چوڭ شار، سۆيۈلۈش ھەم ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك.
ئىزاھات: بۇ شىئىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى گېزىتىنىڭ 2008-يىللى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ياسىنجان جۈمە يازمىسى. |