زېمىن يۇيۇندى نۇرانەم مامۇت
كۆك ئاسمان ئەلەملىك تۈرۈپ قاپاقنى، زېمىنغا شارقىراپ تۆكتى يېشىنى. كائىنات جۆر بولۇپ ئۇنىڭ زارىغا، جىمجىتلىق ئىلكىدە ئەگدى بېشىنى.
بېشىغا تەگكەن زەربىلىك ياشتىن، ئويغاندى غەپلەتتىن ئۇخلىغان دۇنيا. ئاچتى تەسلىكتە خىرە كۆزىنى، كىرلەشكەن ئەپتىگە قارىدى شۇنداق.
خىجىللىق ئىلكىدە يۇدى ئۆزىنى، تۆكۈلگەن يامغۇرنىڭ تامچە سۈيىدە. پاكلىدى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل جىسمىنى، سانسىز نۇر چاقنىدى ئۇنىڭ يۈزىدە.
يامغۇردىن كېيىنكى ئالتۇنرەڭ قۇياش، تەبەسسۇم ئىلكىدە باقتى زىمىنگە. تۈمەنقۇياش ياڭرىتىپ ئالقىشلىرىنى، مەدھىيىلەر ياغدۇردى يامغۇر شەنىگە.
مەنبەسى: شىنجاڭ يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرىستېتى گېزىتى
|