كۆرۈش: 1220|ئىنكاس: 7

شىئىر ،ماقال تەمسىل،ئەقلىيە سۆزلەر لازىم ئىدى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ماڭا بىر كۇپلىتلىق،شۇ بىر كۇپلىت ئىچىدە مۇكەممەل مەزمۇن ئىپادىلەيدىغان شىئىرلاردىن 500كۇپلىت،مەقەل تەمسىلدىن 500دانە،ئەقلىيە سۆزدىن 500دانە جىددىي لازىم ئىدى.ئۇقۇغۇچىلارغا تەربىيەدە قوللانماقچى ئىدىم، مەزمۇنى ساغلام،تىلى راۋان،ئۇقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدىغان بولسا بۇلاتتى.شىئىرلار باشقا شائىرلارنىڭ بولسىمۇ بۇلىدۇ،ئاپتۇرى يېزىلسۇن.بىر كۇپىت، بىر جۈملە بولسىمۇ يوللاپ قويغان بولساڭلار،كۆپ مىننەتدار بۇلاتتىم.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-5 20:12:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق شىئېر ماقال تەمسىللەر بايقاش مۇنبىرىدە بارغۇ ئالدىرماي تەپسىلى قاراڭ . چۇقۇم چىقىدۇ
ۋاقتى: 2015-1-6 08:00:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز قارقاش008 ؟ بۇ تېمىڭىز ماڭا سەل باشقىچە بىلىندى ، چۈنكى تەلەپ بەك يۇقۇرىكەن ، بولسا ئۆزىڭىز ئېرىنمەي ئەستايدىللىق بىلەن ئىزدەنسىڭىز سىزگە يارىغۇدەك شۇ 500 كوپلىت شېئىرمۇ چىقىپ قالىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ماقال -تەمسىلدىن 500 دەپسىز ، بەلكىم مەكتەپ كىتاپخانىلىرىدا مەخسوس ماقال تەمسىل كىتاپلىرى بار ، شۇلارنى تېپىپ ئەستايدىل ئىزدىنىڭ سىز چوقۇم كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيسىز ، ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئىشىنىمەن .
سىزگە ئىملاغا ئەستايدىل دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن . رەھمەت سىزگە .


ۋاقتى: 2015-1-6 08:15:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئەمىسە كىتاپ ھەققىدىكى ھېكمەتلەرنى كۆرۈپ چىققايسىز .
/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9880
ۋاقتى: 2015-1-6 08:37:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ۋاھ !  500 كوپلېت ؟   سىز 50 دېمەكچىمۇ ياكى رستىنلا 500 مۇ  سىز دېگەندەك  مەزمۇنى مول ھەم ساغلام  بىر كوپلىتتلىق  بالىلار چۈشىنەلەيدىغان  ھەم بالىلارغا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولغان دېسىڭىز بۇ سەل تەسكە توختامدىكىن ئادەتتە بىر كوپلىتلىق شېئېرلار كۆپىنچە رۇبائىي شەكلىدە بولىدۇ . بۇنداق شئېرلارنى ياخشى تەپەككۇر قىلمىسا بالىلار ئەمەس چوڭلارنىڭمۇ چۈشەنمىكى سەل تەسرەك ،جىددى لازىم دېسىڭىز بۇ بولماسمىكىن ، بۇلارنى توپلاش ئۈچۈن ئاز ۋاقىت يەتمەيدۇ جۇمۇ !  

   بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ   سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە ماس كېلەمدۇ يوق بۇنى بىلمىدىم  ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .  

]پارچىلار
(  مۇھەممەتجان  ئابلىمىت )
(1)

ئادەم دېگەن ھەر ئىشتا بولار ئەقلى
بولمىسا ھايۋاندىن نېمە بىر  پەرقى  
ئەقىلسىز ئادەملەر ئۆزىگە دۈشمەن
كېرەكسىز ئەخلەتچە بولمايدۇ نەرقى

(2)  

مېھىر بىلەن ئولۇغ شۇنچە ئادەملەر
دىلدا داستان ئولۇغ نامى ھەردەملەر
ئۈنچە كەبى مەڭگۈ تاشقا ئويۇلغان
ئەل قەلبىدە  باسقان ئىزى قەدەملەر

(3)

كۆپ ھاياتنىڭ تۈرلۈك -تۈمەن قىسمىتى
شۇ قىسمەتلەر بۇ ھاياتنىڭ ھىممىتى
ئېسىل ئەخلاق بولسا ھەمرا ھەركىمگە  
بولار چەكسىز ئۆسۈپ قەدىر قىممىتى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-6 09:05:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاگىنى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 08:37
ۋاھ !  500 كوپلېت ؟   سىز 50 دېمەكچىمۇ ياكى رستىنلا 500 مۇ  س ...

رەھمەت. قېرىندىشىم. مۇشۇنداق بىركوپلىتتىن يوللاپ قويسا،بايقاش تۇرىدىكى بۇرادەرلەر ياردەم قىلسا، ئىشىنىمەنكى بۇ تەسكە چۈشمەيدۇ.
ۋاقتى: 2015-1-6 11:37:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-6 14:46:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pari يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 08:15
قېنى ئەمىسە كىتاپ ھەققىدىكى ھېكمەتلەرنى كۆرۈپ چىققايس ...

رەھمەت. تورداش قېرىنداشلارنىڭ قوللىغانلىقىغا كۆپ رەھمەت!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش