كۆرۈش: 336|ئىنكاس: 3

مەكتەپ بەك گۈزەل ( بالىلار شئېرى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاگىنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 08:17  



بىزنىڭ  مەكتەپ بەك گۈزەل   

( مۇھەممەتجان ئابلىمىت )

سەھەر تۇرۇپ بارىمىز،
ھارماي بىلىم ئالىمىز،
كەلگۈسى ئۇل سالىمىز،
بىزنىڭ مەكتەپ بەك گۈزەل.

ۋەزىپىمىز ئوقۇماق،   
بىلىم ئېلىپ رۇس تۇرماق،
  تاتلىقلار بىز بەك ئوماق،
بىزنىڭ مەكتەپ بەك گۈزەل .  

سۇئال- جاۋاب بەك تولا،
ئىش قىلمايمىز زەر چالا.
بىز ئەقىللىق شوخ بالا،
  بىزنىڭ مەكتەپ بەك گۈزەل.

مەيدانلاردا بار سىزىق،
بىز بولىمىز بىر تىزىق،
قاغا ئويۇن بەك قىززىق،
بىزنىڭ مەكتەپ بەك گۈزەل.  

سىنىپلار بەك ئازادە،
بىز گوياكى بەگزادە،
روھىمىزدا ئىرادە،
بىزنىڭ مەكتەپ بەك گۈزەل.

ئۇستازلار نۇر چاچىدۇ،
بىزگە يوللار ئاچىدۇ،
نادانلىق تېز قاچىدۇ،
بىزنىڭ مەكتەپ بەك گۈزەل .  

ئەي بالىلار! كېلىڭلار،
مەكتەپكە يول ئېلىڭلار،
بىلىم ئېلىپ قېنىڭلار،
بىزنىڭ مەكتەپ بەك گۈزەل.
   

مەنبە : ئۆزقەلەم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-6 08:44:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شىئېركەن رەھمەت قېرىندىم.
ۋاقتى: 2015-1-6 11:16:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى مەكتەپكە، ئىلىم ئېلىشقا ئۈندەيدىغان ياخشى شىئېر بوپتۇ. بارىكاللا، بالىلار شىئېرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-6 12:22:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغانلىرىم باشقىلارنى ھوزۇرلاندۇرالىغان بولسا كۇپايە ،  مەدەتلىرىڭىزگە رەھمەت ! .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش