كۆرۈش: 410|ئىنكاس: 3

مەيلى كەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاگىنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-25 12:10  




مەيلى كەت



سېنى سۆيدۈم يۈرىكىمدىن ئەزىزىم ،
مەن سۆيگەندەك سۆيەلمىسەڭ مەيلى كەت .
كۆيمىگەنگە كۆيۈش ئەمەس پەرھىزىم ،
بارىڭ بېرىپ كۆيەلمىسەڭ مەيلى كەت .



سۆيگۈ بىلەن بولۇر ھايات قىممىتى ،
ئازاپمۇ ھەم بىزگە بەرگەن ھىممىتى ،
مەن كۆنىمەن بولسىمۇ كۆپ قىسمىتى،
كۆنگىنىمگە كۆنەلمىسەڭ مەيلى كەت .



بىلسەڭ شۇنى خۇشامەتكە رايىم يوق ،
بولسىمۇ گەر پىتنە-ئىغۋا كارىم يوق ،
سەن سۆيمىسەڭ مېنىڭمۇ ھەم زارىم يوق ،
شۇڭا ياخشى كۆرەلمىسەڭ مەيلى كەت .



كارۋان ئۆزۈم مۇڭدىشالماي قانغىچە ،
قايتالمايمەن بەلكى دائىم تاڭغىچە ،
سەپەرلەردىن ئۆزۈم ئامان يانغىچە ،
سەۋىر بىلەن كۈتەلمىسەڭ مەيلى كەت .



ھايات يولى ئەگرى-توقاي بەكمۇ تار،
سېنى دائىم يىغلىتىشقا دەرتمۇ بار ،
كۈلۈپ ياشاش باقى ئەمەس بىزگە يار ،
بىرگە ياشاپ كۈلەلمىسەڭ مەيلى كەت .


  مەنبە: ئۆز قەلەم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-25 17:01:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتتى چوڭقۇر مەزمۇنلىك شېئرىلىڭىزدىن بەك تەسرلەندىم
ۋاقتى: 2015-11-26 15:31:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، بەلەن شېئىركەن، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
ۋاقتى: 2015-12-1 15:39:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش