كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 6

دېھقىنىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



دېھقىنىم
( مۇھەممەتجان ئابلىمىت )



قۇياش پارلاپ ئەگىزمۇ ھەم ئېرىدى ،
خۇشاللىقتا كەتمەن چاپقان دېھقىنىم .
قېنىپ -قېنىپ باھارگۈلنى پۇرىدى ،
يېڭىچە بىر خىسلەت تاپقان دېھقىنىم .



دېھقىنىمنىڭ ھەربىر ئىشى رۇسۇلدىن ،
ئېتىز قاينار ئەمگەك دېگەن ئۇسۇلدىن ،
تەرى سىڭىپ كەلگەن ھەر بىر ھوسۇلدىن
ئۆز بەختىگە يولنى ئاچقان دېھقىنىم .



ھەرتەندە جان باردۇر ئېسىل غورورى ،
مېھنەت ئۈچۈن سوقار ئۇنىڭ تومۇرى ،
ئەجىرىدىن كېلەر ھەر كىم ھوزورى ،
چولپان كەبى نۇرلار چاچقان دېھقىنىم .



دېھقان بولماي ئاش تائاملار يوق ئىكەن ،
دېھقان بولغاچ بىزدە كۆڭۈل توق ئىكەن ،
بىزگە بەرگەن ھىممىتى شۇ زوق ئىكەن ،
ھەممىمىزگە «قۇت»نى ئاتقان دېھقىنىم .



يىللار بىلەن قەددى چۈشكەن كېتىدۇ ،
شۇنداق يەنە ھايات داۋام ئېتىدۇ ،
سۇنماس روھى بىزگە ئۈلگە يېتىدۇ ،
تۈن پەردىنى كۈلۈپ ياپقان دېھقىنىم .



مەنبە : ئۆز قەلەم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-8-17 23:16:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ ، ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانلار شۇ « دىھقانلاردۇر»، ياخشى ئىجادىيەت ،ئاپرىن
ۋاقتى: 2015-8-17 23:51:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە ياخشى ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن
ۋاقتى: 2015-8-18 22:51:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەتىجە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ ، يىڭى -يىڭى نەتىجىللىرىڭىزنى كۈتىمىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-18 23:18:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھام -مەدەتلىرىڭىزدىن خۇش بولدۇم
ۋاقتى: 2015-8-20 09:46:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر ئەسەرنى بىزلەرگە سونغانلىقىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت
ۋاقتى: 2015-8-20 17:36:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىما  بۇپتۇ.   تەشەككۇر.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش