كۆرۈش: 431|ئىنكاس: 8

خەۋەر بېرىپ كەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



خەۋەر بېرىپ كەل

(مۇھەممەتجان ئابلىمىت )


كېلەر بولساڭ ئىشىكىمدىن ئۆتۈشتە ،
بىلىپ قالاي ماڭا خەۋەر بېرىپ كەل .
تەييار تۇرۇپ سېنى لايىق كۈتۈشتە ،
كۆڭلۈڭ ئالاي ماڭا خەۋەر بېرىپ كەل .

يوللۇرۇڭغا دەستە-دەستە گۈل تىزىپ ،
گۈللەر بىلەن نىشانىڭنى مەن سىزىپ ،
سۆيگۈم بىلەن ساڭا مەكتۇپ خەت يېزىپ ،
باغرىم ياراي ماڭا خەۋەر بىرىپ كەل

سېنى كۈتۈپ قىينالدى جان بۇ تەنمۇ ،
كېچە كۆكتە چاقنىغانلار ئۇ  سەنمۇ ،
كەل جانانىم قۇياش كەبى ھەم مەنمۇ ،
نۇرلار چاچاي ماڭا خەۋەر بېرىپ كەل .

ئۆزۈم ۋەيران خۇددى روھىم يۈتكەندەك ،
گويا قەلبىم ئازاپلاردىن پۈتكەندەك ،
سېنى مەنمۇ ھەركۈن كېچە كۈتكەندەك ،
كۈتۈپ تالاي ماڭا خەۋەر بېرىپ كەل .

كەلگىن ئەمما سۆزئاچمىغىن كېتىڭدىن ،
مۆھۈر باستىم يۈرىكىمگە ئېتىڭدىن ،
سەنمۇ ماڭا يازغان ھەر بىر خېتىڭدىن ،
پۈتۈپ ساراي ماڭا خەۋەر بېرىپ كەل.

ئەمدى سۆيگۈ خار بولۇپلا ئۆتمىسۇن،
ۋىسالىڭغا زار بولۇپلا ئۆتمىسۇن،
دۈشمەنلەرمۇ شۇندىن تاما كۈتمىسۇن،
ساڭا قاناي ماڭا خەۋەر بېرىپ كەل .

ئوت كۆيىدۇ ئېرىپ تۇرغان بىر شامدا،
كۈندۈزلىرى ھەربىر كېچە ئاخشامدا ،
كۈيلەپ سېنى ئېيىتقان مۇڭلۇق ناخشامدا ،
غەزەل قاتاي ماڭا خەۋەر بېرىپ كەل .

قۇچاق ئاچسۇن بىزگە  دائىم سائادەت،
سۆيگۈ ئوتى يانسۇن مەڭگۈ تا  ئەبەت،
ئۆچكەن بولسا قەلبىڭدىكى مۇھەببەت ،
ئۆزۈم ياقاي ماڭا خەۋەر بېرىپ كەل ،

رايىم بارماس سەنسىز يالغان كۈلۈشكە ،
ئۇندىن تاناي ماڭا خەۋەر بېرىپ كەل .
بىللە ياشاپ يەنە بىللە ئۆلۈشكە ،
ھەمراھ ساناي ماڭا خەۋەر بېرىپ كەل .

مەنبە : ئۆز قەلەم .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-8-20 09:49:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇل مەزمۇنلۇق ئۈنچە-مارجان تىزىدىغان قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ياخشى شېئىردىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-8-20 17:34:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى  چىقىپتۇ.  رەخمەت.
ۋاقتى: 2015-8-20 17:40:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  ياخشى چىقىپتۇ.  خۇش بۇلدۇق
ۋاقتى: 2015-8-24 10:37:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، ھەر بىر مىسرايىڭىزنى شۇنچە ھوزۇرلىنىپ ئوقۇپتىمەن، ئاپرىن!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-24 10:43:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ھوزۇرىڭىز مېنىڭ خوشاللىقىم ، رەھمەت !!
ۋاقتى: 2015-8-24 16:16:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
ۋاقتى: 2015-8-24 18:07:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-24 18:53:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2015-8-24 16:16
قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

     رەھمەت !   دېگىنىڭىز  كەلگەي  .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش