كۆرۈش: 560|ئىنكاس: 3

يۇلتۇزلاردا ئەكسىڭ بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۇلتۇزلاردا ئەكسىڭ بار
(مۇھەممەتجان ئابلىمىت)

نېمە بولدى بۈگۈن كەچ ،
ئاسمىنىمدا يۇلتۇز يوق .
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ،
تۇراي قانداق كۆڭۈل توق .

چىقمىدىڭمۇ ئاسمانغا،
چولپان بولۇپ سەن يايرىم .
مۇڭداشقىلى مەن كەلسەم ،
بىلمىدىڭمۇ نىگارىم .

غېرىب ئۆزۈم يېگانە ،
كۆكتە يارقىن باقمىساڭ.
ھېچبولمىسا كېچىدە ،
تۈندە چىراغ ياقمىساڭ.

دەيدۇ بەزەن ساراڭ بۇ،
يۇلتۇزلارغا سۆزلىسەم .
يۇلتۇزلاردا ئەكسىڭ بار،
سۆزلىمەستىم كۆرمىسەم .

تەسكىن تاپماس بۇ كۆڭۈل،
ئۆزۈڭ بولغاچ يىراقتا.
سەندىن خەۋەر ئالمىسام ،
مىسكىن قەلبىم پىراقتا.

بىلىپ تۇراي ھالىڭنى ،
كۈندە بېقىپ ئاسمانغا .
ئېيتالمىغان سۆزۈڭنى،
قالدۇرۇپ قوي چولپانغا.

مەنبە: ئۆز قەلەم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-21 10:29:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن.
ۋاقتى: 2015-12-30 12:34:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇڭقۇر  ھىسياتقا  تۇيۇنغان مىسرالارغا  بارىكاللا
ۋاقتى: 2016-4-1 09:21:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم قوللرىڭىزغا دەرت كەلمسۇن،مۇشۇنداق ياخشى شىئىرىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش