كۆرۈش: 468|ئىنكاس: 4

ساۋاقداش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-7 14:26  

ساۋاقداش
ئابلىمىت سەيدالىم

[   
شۇ مەكتەپ،شۇ سىنىپ،پارتا،ئورۇندۇق،
بىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك سىرداش.
قول تۇتۇپ قوشماقتەك ئۆتكەن ئىدۇق بىز،
سىردىشىپ قانماستىن بولۇپ قېرىنداش.



بىلىمنىڭ بۇلىقى مەكتەپ  بىز ئۈچۈن،
چاڭقىغان دىللارغا كەتكەن ئۇ سىڭىپ.
بۈگۈنمۇ جەم بولدۇق شادلىق ئىلكىدە،
سېغىنىش ئوتىنى يۈرەككە تېڭىپ.



ياشلىق ھەم بالىلىق قالدى يىراقتا،
ئۆي تۇتۇپ ئاتا ھەم ئانا بوپ قالدۇق.
ئۇستازنىڭ سازىنى ئەمدى بىز چېلىپ،
ئەۋلات قەلبىدىن شەكسىز ئورۇن ئالدۇق.



ساۋاقداش مېھرى ئۇ يېقىلغان چىراغ،
ئىناقلىق بابىدا ئۆچمەيدۇ ئەبەد.
ئاتلانساق يەڭ تۈرۈپ قۇتلۇق سەپەرگە،
چىن دوستلۇق بىز ئۈچۈن بېرىدۇ مەدەت.



ئويناڭلار، كۈلۈڭلار ئاقىنىم ئوچۇق،
سېخىيلىق چولپىنى گۈزەل دىيارىم.
شاۋقۇنلۇق بىر دەريا تۇرىدۇ چىللاپ،
شۇ دەريا بويىدا ئۆتكەن ھاياتىم.



مېھنەتنىڭ سازىنى چالغىن ساۋاقداش،
بەرىكەت يامغۇرى ياغسۇن چىلىقلاپ.
باشلارغا قىراۋلار قونۇپتۇ بۇ دەم،
كۈلىدۇ نەۋرىمىز ئەتە ۋىلىقلاپ.



شادلىقىم نەزمەمگە كەتكەچكە سىڭىپ،
قەلىمىم قۇرلادا كەتتى ئادىشىپ.
جەم بولۇش پۇرسىتى بىز ئۈچۈن قىممەت،
كۈلەيلى كۈلكىمىز كەتسۇنتاغ ئېشىپ.



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
ئوغلانبەگ + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-3-7 15:28:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن خورازدىكى خو
ۋاقتى: 2013-3-7 17:44:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز  رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-3-7 21:30:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ،ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم ۋە ساۋاقداشلىرىمنى چوڭقۇر سېغىندىم رەھمەت سىزگە! ياخش يېزىپسىز،يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2013-3-7 21:33:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ياخشى شىئىر ئىكەن بۇ--يەنمۇ تىرشىڭ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش