كۆرۈش: 417|ئىنكاس: 9

ئىچكىرىدىكى تېخنىكوم سىنىپلىرىغا بۇ يىل يەنە 3300 ئوقۇغۇ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىچكىرىدىكى  شىنجاڭ  ئوتتۇرا  تېخنىكوم  سىنىپلىرىغا  بۇ  يىل  يەنە  3300  ئوقۇغۇچى  قوبۇل  قىلىنىدۇ

بۇ يىل ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا يەنە 3300 ئوقۇغۇچى(بىڭتۈەندىن 300 ئوقۇغۇچى ) قوبۇل قىلىش پىلانلاندى.

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا بۇ يىل دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، مۇھىت بايلىقى، بىناكارلىق، سۇچىلىق، پىششىقلاش، داۋالاش- دورىگەرلىك، ئىقتىساد - سودا، ساياھەت مۇلازىمىتى ، مەدەنىيەت - سەنئەت، مائارىپتىن ئىبارەت 12 تۈردىكى 37 كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. بەزى كەسىپلەرگە ‹‹زاكاز ››بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش ھەققى ئېلىنمايدىكەن، ئۇلار يەنە ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. ئوقۇش جەريانىدىكى تۇرمۇش پۇلى، ياتاق پۇلى، كىتاب - ماتېرىيال پۇلى، پىراكتىكا پۇلى ۋە قاتناش پۇلىنى دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىنى ئاچقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئۈستىگە ئالىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن چوڭ كېسەلگە ياردەم بېرىش فوندى تەسىس قىلغان.

    ئىگىلىشىمچە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرى ئۈچ يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىدە بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىكەن، خەنزۇ تىلى ئاساسى ئاجىز ئوقۇغۇچىلار يېرىم يىل خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدىكەن، ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا بىر يىل پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىلىرىگە ۋە ھەر خىل كەسپىي دەرىجە ئىمتىھانلىرىغا قاتناشتۇرىدىكەن. ئىچكىرىدە ياكى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇسا، يۇرتىغا قايتىپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدىكەن. بۇلتۇر تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن 340 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىدە ۋە شىنجاڭدا داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇغان، بۇ يىل 1500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.

    ئىگىلىشىمچە 2011 - يىلى تيەنجىن، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي قاتارلىق توققۇز ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە 27 شەھەردىكى 33 نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، 13مىڭ 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.


                                              ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  گېزىتى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-4 20:46:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن ، رەھمەت خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا .
ۋاقتى: 2015-2-4 22:04:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن ، رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-2-4 22:34:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن بۇ رەخمەت سىزگە بولسا  بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە تۇلۇقتىن ئىمتاھان بىرىدىغان ئۇقۇغۇچىلارغىمۇ تۇلۇق كۇرۇس بۇيىچە تەربىيلەپ ئۇقۇتۇپ بەرگەن بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى . نوختىلىق مەكتەپلەردە ئۇقۇتقان بولسا دەيمەن
ۋاقتى: 2015-2-4 23:22:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن
ۋاقتى: 2015-2-5 01:46:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن.
ۋاقتى: 2015-2-5 18:15:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىشىپ بېقىپ، بىر نېمە دەي جۇمۇ......
ۋاقتى: 2015-2-5 23:06:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆلىنىشى قانداق بولىدىكەن ؟
ۋاقتى: 2015-2-5 23:45:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ياخشى خەۋەركەن ،رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-2-5 23:45:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش