| بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسلە . شۇنداق ، بىر ياخشى بالىنى ئائىلە ، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەربىيىسى قوشۇلغاندا ئاندىن تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە يەنىلا مەكتەپ تەربىيىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرامدىكىن دەيمەن . چۈنكى ، بالىنىڭ ئۆيدە ۋە جەمىيەتتە تۇرۇش ۋاقتىدىن مەكتەپتە تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ كۆپ . مىنىڭچە ، ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيىپىنى سۆكۈش ھېقانداق مەسلىنى ھەل قىلالمايدۇ . مەن بىر يىزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق خىتاپ قىلىمەنكى ، يىزىدىكى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان ، ئۇلارنىڭ سەۋىيىسى يەنىلا باشلانغۇچ ھالەتتە ، ئەنە شۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىنىڭ كۆڭلىدە باللىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھېچقانداق سان يوق . ئۇلارنى چاقىرتىپ كىلىپ ئۇلارغا بالىلارنى ئىمتىھاندا ئۇخلاپ قالدى ، ئۇلار ئىمتىھاننى كۆزگە ئىلمىدى ، ئۈگىنىشكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى دەپ كايىش قايسى مەسلىنى ھەل قىلار ؟ شۇنىڭلىق بىلەن ئۇلار بىراقلا ئويغىنىپ بالىلارنى ياخشى ئوقۇتارمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلار كىيىنكى قېتىمقى ئىمتىھانلاردا ئۇخلىمايدىغان بولۇپ كىتەرمۇ؟ مىنىڭچە ، ئۇنداق بولۇپ كىتىشى مومكىن ئەمەس . بەلكىم بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە باللىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىشى ، خىجىل بولىشى ، باللىرىغا كايىشى مومكىن ، شۇنداقلا ، كۆپىنچىسى :《بۇ يىغىن بەكلا ياخشى ئېچىلدى ، راسىت ، باللىرىمىز ياخشى ئوقىمىدى ، چىڭ تۇتۇپ ئوقۇتۇپ قويسىلا ! ئۇرسىلىمۇ مەيلى بالام ياخشى ئوقىسىلا مىنىڭ گەپ-سۆزۈم يوق》 دىيىشى مومكىن ، ئەمما ، يىشىن تۈگىگەندە بولسا، يىغىندا قىلىنغان سۆزلەر ئوڭ قۇلاقتىن كىرىپ ، سول قۇلاقتىن چىقىپ كىتىدۇ ، ئەنە شۇ ئاتالمىش ۋەدىلەرنى بەرگۈچىلەر ئايلاپ-يىللاپ باللىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ . ھەتتا ، بەزى ئاتا-ئانىلار باللىرىنىڭ قايسى سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ …… مانا شۇ ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىدىكى قىلمىشلىرىنى دەستەك قىلىپ كايىىش زادى قايسى مەسلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ؟ يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمدىن مىنى ناھايىتى چەت ، ئادىمىزات ئاياغ باسمىغان يىزا-قىشلاقتىكى مەكتەپتە خىزمەت قىلسا كىرەك دەپ ئويلاپ قالماڭلار ! بىر قانچە ئورۇنغا تەكشۈرۈشكە بېرىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يەكۈنلىگەن ئوتتۇرىچە خۇلاسەمگە ئاساسەن بۇ قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىمەن . ئەمدى ، ئەسلى تىمىغا كەلسەك ، ئوقۇتقۇچى بالىنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم شەخىس ، بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بالىنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىغا يول ئېچىپ بىرىشى ، بالىنى كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىشىغا ماياك بولۇپ قېلىشى مومكىن . يەنە بىر يارامسىز ئوقۇتقۇچى بالىنىڭ ئالتە يىل مەكتەپ تەربىيىسى ئالغاندىن كىيىنمۇ يەنە ساۋاتسىز قېلىشىغا سەۋەبچى بولىشىمۇ مومكىن ، مانا بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى ھەقىقەت ۋە ھەقىقەتتۇر . مىنىڭچە ، بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك چارە-تەدبىرلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقالىشى مومكىن ، ئەلۋەتتە ، شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئاتا-ئانىسى باللىرىڭ ئۈگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىدىغان ئاتا-ئانىلاردىن بولۇشى ناياتىن ، لىكىن ، شۇ ئوقۇغۇچىلار بىر ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ تۈرىتكىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ . ئۇنداقتا ، بۇنىڭدىكى سىر قەيەردىدۇ؟ بالىنى ياخشى تەربىيلەشتە چوقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىش كىرەكمۇ؟ ئاتا-ئانىسى كۈچ چىقارمايدىغان ، باللىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا يارامسىز ئوقۇغۇچى بولامدۇ ؟ بۇنىڭ جاۋابى ھەرگىزمۇ ھەئە ئەمەس. بالىلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەشتە ئائىلە ، مەكتەپ ، جەمىيەت تەڭ تەربىلىيلىشى كىرەك ، ئەمما ، مەكتەپ تەربىيىسى يەنىلا بىرلەمچى رول ئوينايدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر تەرەپتىن ئىزدىنىشىگە ، ئۆزىدە كۆپ خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىشىغا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشىكە ماھىر بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئاتا-ئانىلارنى كۈندە چاقىرتىپ ئەكىلىپ يىغىن چاقىرسىمۇ ئۇنىڭ ئۈنىمىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كىتىشى ناتايىن ، ئاخىرىدا تەۋسىيەرىم: 1.ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى پات-پات ئېچىڭ ، ساز ئېچىڭ ، يىغىندا ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان خىزمەت ۋە پىكىر يولى ھەققىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىڭ ، كۆپ تەرەپتىن ئىزدىنىڭ . 2.يىغىندا ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ ئەيىپىنى تاتىلاپ ، ئاتا-ئانىلارنى خىجىل قىلىدىغان بالىلارنىڭ زىتىغا تىگىدىغان سۆز-ھەركەتلەرنى قىلماڭ. 3.ئاتا-ئانىلاردىن داتلانماڭ ، ئەكسىچە ئۇلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا قايىل قىلىڭ ، ئۇلارنىڭ ماسىلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ . 4.يىغىندا ئاتا-ئانىلارغا نۆۋەتتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا كۆپرەك مۇزاكىرە قىلىشكقا ئۈندەڭ ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستەيىدىللىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ . 5.يىغىندا قۇرۇق ۋەدە بىرىشتىن ساقلىنىڭ ، يەڭگىلتەكلىك بىلەن قوكىڭىزدىن كەلمەيدىغان ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىيىن بولغان ئىشلارغا مەيدە قاقماڭ. 6.ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ قىيىنچىلىقلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاڭ ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىنى كوللىكتىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تۈزىتىش تەدبىرىنى بەلگىلەڭ ، ئۇلار بىلەن كۆۋرۈكلۈك مۇناسىۋەت تۇرغۇزۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇڭ . يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر پەقەت ئۆزۈمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەمنى بىلدۈرىدۇ ، قانداقچە ، مەلۇم شەخىس ياكى شەخىسنىڭ پىكىرىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىمنى بىلدۈرمەيدۇ . |
|