كۆرۈش: 446|ئىنكاس: 5

ماقال-تەمسىللەرگە ئىزاھات ( ئا )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     ئايرىلغاننى ئېيىق يەر،
     بۆلۈنگەننى بۆرە .
  
    بۇ بۇ تەمسىل ئىتىپاقلىق، بىرلىكنىڭ ئىنسان ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىگىنى، ئاممىدىن ئايرىلغان كىشىنى نەس بېسىپ ، بەخىتسىزلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئامما بىلەن ئىتىپاقلىشىپ ئىناق ئۆتكەن كىشى ھەر جەھەتتىن روناق تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


    ئاۋال تام ئەت،
    ئاندىن باغ ئەت.


    بۇ تەمسىل بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ زۆرۈر تەييارلىقلىرىنى ، شەرت-شارائىتىنى ھازىرلاپ ئاندىن رەسمى ئىشلەش كىرەكلىگىنى، ئۇنداق بولمىغاندا ، ئىشنىڭ نەتىجىلىك بولىشىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


   ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ.

    بۇ تەمسىل بىرەر پايدا، مەنپەئەت، ياخشى كۈنگە ئېرىشكەندە يېقىن-يورۇق قېرىنداشلىرىدىن يۈز ئۆرۈيدىغان، رەھىم-شەپقەت ، ياخشىلىق قىلمايدىغان، ئىنساپسىز، بېخىللارنىڭ نامەردلىگىنى كۆرسىتىدۇ.


   ئادەمگە ئەقىل كېرەك،
   پاتقاققا شېغىل كېرەك.

   بۇ تەمسىللىك ماقال ئەقىل ئادەمنىڭ قەلبىنى يورۇتىدىغان چىراغ، كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى كۈچ؛ شۇڭا بىلىش ، پىكىر قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ئادەم ئەقىلگە تايىنىپ ھايات كەچۈرىدۇ؛ئەقىللىق ئادەم مەنىۋى پاتقاقتىن خالى بولىدۇ دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.


    ئاي تۈندە كېرەك،
    ئەقىل كۈندە كېرەك.

    بۇ تەمسىللىك ماقال ئاي كېچە قاراڭغۇلىقىنى يورۇتقىنىدەك، ئەقىل دىل قاراڭغۇلىقىنى يورۇتقۇچى زېھنىي چىراغ ئىكەنلىگىنى، شۇڭا ئىنسان داۋاملىق ئەقىلگە مۇھتاج، ئەقىلگە تايىنىپ ياشايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.


    ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ،
    كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ.

    بۇ تەمسىل قارىماققا ئوچۇق چىراي، خۇش پېئىل كۆرۈنىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ماھىيەتتە دائىم باشقىلارنىڭ بەختىگە، شان-شەرىپىگە ھەسەتخورلۇق ۋە رەزىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، دائىم قارا نىيەتتە بولىدىغان ھىلىگەر ئەپت-بەشىرىسىنى كۆرسىتىدۇ.


    ئاتام مازارغا شەيىخ،
    مەن تەييارغا.

    بۇ تەمسىل يېقىن كىشىلەرنىڭ ئەمىلىدىن ياكى پايدىلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا بېقىنىپ ياشايدىغان ھورۇنلۇق ۋە تىرىكتاپلىق ئىللەت پاش قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


   ئايدا يىگەن توق،
   كۈندە يىگەن ئاچ.

   بۇ ماقال قانائەتلىك، سەۋىرلىك ئادەم تاپقاندا يىسىمۇ، يەنىلا يىگەن-ئىچكەندەك كۆز -قارنى توق بولىدۇ؛ قانائەتسىز، ئاچ كۆز ئادەملەر دائىم يەپ-ئىچىپلا تۇرسىمۇ، يەنىلا يىمىگەن -ئىچمىگەندەك  ئېچىرقاپ تۇرىدۇ دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.


     ئاز سۆزلەپ ، كۆپ  ئاڭلا،
     ئاز يەپ كۆپ چاينا.

      بۇ ماقال ئورۇنسىز كۆپ سۆزلەشنىڭ مەدەنىيەتسىزلىك ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈش بىلەن، كۆپ تەجرىبە ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ نەپسى يامانلىقنىڭ ساغلاملىققا بولغان يامان تەرىپىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىممەتلىك نەسىھەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


    ئاقىللاردىن ھۆرمەت يانار،
    نادانلاردىن كۈلپەت.

    بۇ ماقال بىلىملىك، دانا كىشىلەردىن باشقىلارغا ھەر ۋاقىت رەھىم-شەپقەت، ياخشىلىق كېلىدۇ، بىلىمسىز قارا قورساق كىشىلەردىن باشقىلارغا ھەر ۋاقىت دەرت-ئەلەم، كۈلپەت ۋە خاپىلىق كېلىدۇ دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.


    پالتا چۈشكىچە كۆتەك ئارام ئاپتۇ.


     سىز دەپ بىرىڭ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-8-13 12:11:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ناھايتى ياخشى ماقال تەمسىللەركەن . بۇلۇپمۇ ھەر بىرسىگە نىسپىتەن بەرگەن تەتبىرىڭىز تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇقكەن    رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-8-13 12:11:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ناھايتى ياخشى ماقال تەمسىللەركەن . بۇلۇپمۇ ھەر بىرسىگە نىسپىتەن بەرگەن تەتبىرىڭىز تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇقكەن    رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-8-13 20:55:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېتمىلىق يازمىلىرىڭىزغا رەھمەت تۇرسۇن مۇئەللىم...
‹‹پالتا چۈشكۈچە،كۆتەك ئارام ئاپتۇ››دېگەننىڭ مەنىسى مەنچە،ئۆز ھاياتىنى،ۋاقتىنى قەدىرلىمەي،ھورۇنلۇق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغانلارنى ئاچچىق مەسخىرە قىلىپ ئېيتىلغانمىكىن دەيمەن،قېنى باشقىلارمۇ ئۆز قارىشىنى شەرھىلەپ باقسۇن...
ۋاقتى: 2013-8-15 22:40:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز رەخمەت سىزگە،داۋامىنى داۋاملىق يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن
ۋاقتى: 2013-8-16 03:14:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش